تىل(يۈسۈپ ئىلى)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-26 17:52:00

تىل دۇنيانىڭ چىرىقى،گۆۋھىرىدۇر تىل، تىل بىلەن ئەقلىڭنى تاپقىنىڭنى بىل. تىل بىلەن يەشكىن سەن سىرۇ-ھېمەتنى، تىلنى سەن ھاياتتا ئۆتكۈر قۇرال قىل. تىل بىلەن يورۇيدۇ ئەقىلنىڭ يۈزى، تىل بىلەن ھەر ئەسنا ...

    تىل

    دۇنيانىڭ چىرىقى،گۆۋھىرىدۇر تىل،

    تىل بىلەن ئەقلىڭنى تاپقىنىڭنى بىل.

    تىل بىلەن يەشكىن سەن سىرۇ-ھېمەتنى،

    تىلنى سەن ھاياتتا ئۆتكۈر قۇرال قىل.

     

    تىل بىلەن يورۇيدۇ ئەقىلنىڭ يۈزى،

    تىل بىلەن ھەر ئەسنا يوللىرىڭ راۋان.

    كامالەت تاپقاندا تىل بىلەن كىشى،

    قالماس ئۇ گۈزەللىك بابىدا پىنھان.

     

    قەدىرلە تىلىڭنى بىر ئۆمۈر ئىنسان،

    ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر مۇراد ۋە نىشان.

    شۇ تىلدىن كېلىدۇ شانۇ-شەۋكەتىڭ،

    تىلىڭدىن كەلتۈرگىنى ئىنسانغا ئېھسان.

     

    (ئاپتور:يۈسۈپ ئىلى)

    يوللىغۇچى:ئەكبەر

     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:14:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۈسۈپ ئىلى