كېچىدىكى ئارچا ياپرىقى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 06:01:40

كېچىدىكى ئارچا ياپرىقىئادىل تۇنىيازئوخشىمايدۇ كۈندۈزدىكىگە،كېچىدىكى ئارچاياپرىقى.شاخلىردا ئۇيقۇغا كەتكەن،تىپتنىچقىنا قۇنۇپ ئاي نۇرى.يات ناتۇنۇش ئىككى ئادەم بىز،مۈرۈدىشىپ ئولتۇرغان گويا.چۈشىم...

    كېچىدىكى ئارچا ياپرىقى
    ئادىل تۇنىياز



    ئوخشىمايدۇ كۈندۈزدىكىگە،
    كېچىدىكى ئارچاياپرىقى.
    شاخلىردا ئۇيقۇغا كەتكەن،
    تىپتنىچقىنا قۇنۇپ ئاي نۇرى.

    يات ناتۇنۇش ئىككى ئادەم بىز،
    مۈرۈدىشىپ ئولتۇرغان گويا.
    چۈشىمىزدە ئۇچۇراشتۇق بەلكىم،
    ئۇمۇماڭا مەنمۇ ئۇنىڭغا.

    تۈندە بىرتۈپ ئارچا دەرىخى
    سايەكەبى تۇرار ئالدىمدا.
    بۇلۇپ قالدۇق يېڭى قەدىناس
    ئىككى سايە بۇندا ئۆزئارا.
    سايەبولساق بۇرۇن ناۋادا،
    ئىككى ئادەم بولغاندىن باشلاپ،
    ناتۇنۇشقا ئايلاندۇق قايتا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.