قىزىمنىڭ تۇنجى شېئىرى

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-26 20:09:00

قىزىمنىڭ تۇنجى شېئىرى 11 ياشلىق قىزىم ئانام دېگەن تېمىدا بىر شېئىر يېزىپتىكەن ماڭا ياراپ قېلىپ(گەرچە ئۆزۈم شېئىر يازالمىساممۇ)پەرۋاز ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن بۇ شېئىر ژۇر...

                                                                                                       قىزىمنىڭ تۇنجى شېئىرى

          11 ياشلىق قىزىم ئانام دېگەن تېمىدا بىر شېئىر يېزىپتىكەن ماڭا ياراپ قېلىپ(گەرچە ئۆزۈم شېئىر يازالمىساممۇ)پەرۋاز ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن بۇ شېئىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، قىزىمغا مەدەت بولسۇن ئۈچۈن بۇ تۇنجى شېئىرىنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.
    ئانام
    دىلنۇر ئابدۇشۈكۈر

     ئانام قەدىردان، بەكمۇ تىرىشچان.
    چېچەن بول دەيدۇ، بولما سەن مىشچان.

     مەكتەپكە ماڭسام، ئاق يول تىلەيدۇ.
    كەلسەم مەكتەپتىن ، ھاردۇق سورايدۇ.

    ئانام قۇياشتۇر، ماڭا نۇر بەرگەن.
    سېخى مەردلىكنى، ماڭا ئۆگەتكەن.

    مەنمۇ ئانامدەك، ئىشچان بولىمەن،
    ياخشى ئۆگىنىپ، ئالىم بولىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق