تام تۈۋىدىكى ئەما تەمبۇرچى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 00:05:32

تام تۈۋىدىكى ئەما تەمبۇرچىئادىل تۇنىيازئۇ كۈنى مەن ئۇكامنى ئېلىپچىققان ئىدىم بازار كۆرگىلى،سەھەر. ئەخلەت. كىشىلەر توپى.ھەم شاۋقۇندەك ئۇزۇن سوزۇلغانئۈرۈمچىنىڭ قىستاڭ كوچىسىتۈن كېچىدەك ئەما ئا...

    تام تۈۋىدىكى ئەما تەمبۇرچى
    ئادىل تۇنىياز



    ئۇ كۈنى مەن ئۇكامنى ئېلىپ
    چىققان ئىدىم بازار كۆرگىلى،

    سەھەر. ئەخلەت. كىشىلەر توپى.
    ھەم شاۋقۇندەك ئۇزۇن سوزۇلغان
    ئۈرۈمچىنىڭ قىستاڭ كوچىسى
    تۈن كېچىدەك ئەما ئالدىغا
    نۇرسىز لەيلەپ چۈشەر كۈن نۇرى،
    لەيلەپ چۈشكەن پارچە پۇللاردەك.

    يىراق-يىراق ئۇيغۇرچە ئاۋاز
    كىشىلەرنىڭ ئارىلىرىدا
    جىمقىتلىقتەك قىلماقتا پەرۋاز.
    «ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ
    ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ
          ...  ۋاي دادەي»

    تەمبۇرچى يۆلەنگەن تام تۆشۈكىدە
    چاقناۋاتقان چاشقاننىڭ بېشى.
    ئۇيقۇدىكى ئايالنى دوراپ
    ئوماق چاشقاننىڭ چۈشكۈرۈشلىرى.
    تام يېرىقىنىڭ يېقىملىق شەكلى.

    «ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ يارىم
    يولۇڭغا بارغۇدەك بولدۇم
    قولۇمغا قوش پىچاق ئالىپ
    (بۇ ئارىلىقتا تەمبۇرچىنىڭ نىمە
    دىگەنلىكىنى ئاڭلىيالماي قالدىم)
                ... ۋاي دادەي »

    كەچكى قۇياش ئاستىدىكى كوچىدا
    كۆپ قاناتلىق ئۇلۇغ دېڭىزدەك
    نۇرغا چۆمگەن قارىغۇ سەنئەتكار.
    كۆپئەمچەكلىك تەكلىماكان ئانىدەك
    ئەبەدىيلىك تەمبۇرچى بوۋاي.

    ئەي، ئەما كىشىلەر
    ئەي، ئەما بولۇش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر
    ئەي ئەما بولۇشنى خالايدىغان قەبىلە
    يورۇقلۇق
    ماڭا ئەگىشىڭلار!
    ئىچىمىزدىن باشلانغان.
    قاراڭغۇلۇق


    «ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن
    ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى
    كۆز يېشىم دەريا بولۇپ
    بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى
                  ...ۋاي دادەي»

    مۇبادا ئۆيى بار بولسا
    تەمبۇرچى كەتتى ئۆيىگە...

    كېچە
    دېڭىز قاراقچىسىنىڭ دېڭىزلاردىكى
    جىمجىت ئات تۇيىقىدەك جىمجىت.
    ئات يايلىدىكى شامالدەك جىمجىت.

    تەمبۇرچى كەتتى ئۆيىگە...
    ماڭا ئەگىشىڭلار!

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-28 0:06:28]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.