تەكلىماكان...تەكلىماكان...

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-13 19:09:14

تەكلىماكانساداقەتجان ھاجىئانا تارىم باغرىدا تەكلىماكانئانىمىزدەك ياشىدى نۇرغۇن زامان.تۈننى تاڭغا ئۇلىدى ئارمان بىلەن،تەلپۈنۈپ نۇرلۇق قۇياشقا ئۇ ھامان.روھى كۆكلەپ ھەر ۋاقىت توغراق مىسال،قۇد...



     

    تەكلىماكان


    ساداقەتجان ھاجى


    ئانا تارىم باغرىدا تەكلىماكان
    ئانىمىزدەك ياشىدى نۇرغۇن زامان.

    تۈننى تاڭغا ئۇلىدى ئارمان بىلەن،
    تەلپۈنۈپ نۇرلۇق قۇياشقا ئۇ ھامان.

    روھى كۆكلەپ ھەر ۋاقىت توغراق مىسال،
    قۇدرىتىنى قىلدى ئالەمگە ئايان.

    باسمىدى غەپلەت ئۇنى غەم باسسىمۇ،
    شۇڭا ئۇ لايىق بولۇشقا قەھرىمان.

    بەختىمىزگە گۈللىسۇن بوستان بولۇپ،
    باغرىدا تارىم سۈيى ئاقسۇن راۋان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1998-يىل 1-ئاي. قاشقەر
    («شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تەكلىماكان

    (ساداقەتجان ھاجىنىڭ غەزىلىگە تەخمىس)


    جۈمە ئابدۇغېنى چوققا


    چۆل ئەمەس تەكتىماكان، ئەسلى ماكان،
    نەسلىمىز ئالدى ئۇنىڭدىن نان ۋە قان.
    بولدى جانلىققا ماكان ھەم بەردى جان.
    ئانا تارىم باغرىدا تەكلىماكان،
    ئانىمىزدەك ياشىدى نۇرغۇن زامان.

    كوپ ئەسىر ئېلىشتى قۇم، بوران بىلەن،
    قىلدى جەڭ باغرىدىكى بارخان بىلەن،
    قاپلىنارمەن دەپ قاچان ئورمان بىلەن،
    تۈننى تاڭغا ئۇلىدى ئارمان بىلەن.
    تەلمۇرۇپ نۇرلۇق قۇياشقا ئۇ ھامان.

    كۈز، باھاردا سوقسىمۇ بوران-شامال،
    يازدا ئاپتاپ كۆيدۈرۈپ قىلسا ئۇۋال،
    قىشتا توڭلاپ بولسىمۇ ھالى ئوسال،
    روھى كۆكلەپ ھەر ۋاقىت توغراق مىسال،
    قۇدرىتىنى ئالەم ئارا قىلدى ئايان.

    كەتمىسۇن ئۇ شۇ پېتى قۇمغا تولۇپ،
    تۈگىمىسۇن گۈل-گىياھ، جانلىق سولۇپ،
    ياشنىتايلى بىز ئۇنى قايتا قۇرۇپ!
    بەختىمىزگە گۈللىسۇن بوستان بولۇپ،
    باغرىدا تارىم سۈيى ئاقسۇن راۋان...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.