سىيىت نوچى خاتىرىسىگە

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-06 21:52:58

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭سىيىت نوچى خاتىرىسىگە٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ساداقەتجان ھاجىھەسرەتتە ياش تۆكمىدى كۆزۈڭ،ئۆلۈم ساڭا تۇرسىمۇ يېقىن.ئوق ئالدىدا ئۆڭمىدى يۈزۈڭ.ياندى روھىڭ بولۇپ بىر چېقىن.سەن ئۆل...



     

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    سىيىت نوچى خاتىرىسىگە
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     
    ساداقەتجان ھاجى


    ھەسرەتتە ياش تۆكمىدى كۆزۈڭ،
    ئۆلۈم ساڭا تۇرسىمۇ يېقىن.
    ئوق ئالدىدا ئۆڭمىدى يۈزۈڭ.
    ياندى روھىڭ بولۇپ بىر چېقىن.

    سەن ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ،
    يېزىپ چىقتىڭ ئىبرەتلىك كىتاب.
    مىڭ تىللالىق ھىكمەتتۇر-ھىكمەت،
    سەن مەرتلەرچە ياڭراتقان خىتاب.

    كىم ياشاشنى قىلمايدۇ ئارزۇ؟
    كىم ھاياتتىن كېچىدۇ ئاسان؟
    كىمنى دانا دىگۈلۈك ئەمدى؟
    قەھرىمانلار ئاتالسا نادان...؟!

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (2002-يىل 5-ئاي. قەشقەر)
    («قەشقەر ئەدەبىياتى» 2003-يىللىق 3-سان)

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.