ئانا تىل(ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش)

يوللىغۇچى : tangritag يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-19 22:18:18

ئانا تىلياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش(ئاتاقلىق تىلشۇناس، تالانتلىق شائىر غەنىزات غەيۇرانى غەزىلىگە تەخمىس)بولۇر پالەچ ھاياتلىق ھەم تەپەككۇر قۇدرىتى سەنسىز،جۇلالاپ چاقنىماس روھى گۈزەللىك قۇدرىتى س...

    ئانا تىل
    ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش


    (ئاتاقلىق تىلشۇناس، تالانتلىق شائىر غەنىزات غەيۇرانى غەزىلىگە تەخمىس)





    بولۇر پالەچ ھاياتلىق ھەم تەپەككۇر قۇدرىتى سەنسىز،
    جۇلالاپ چاقنىماس روھى گۈزەللىك قۇدرىتى سەنسىز،
    نە زىننەت، بولمىغاي ئەلنىڭ شاھانە شەۋكىتى سەنسىز،
    ئانا تىل زادى مەۋجۇتمۇ كىشلىك قىممىتى سەنسىز،
    جىمىكى باشقا مەخلۇقتىن ئىناۋەت، ئىززىتى سەنسىز؟!


    بولۇپ كەلدىڭ كۆڭۈلنىڭ ئەلچىسى يوقلۇقتا-بارلىقتا،
    سېنى خار قىلمىدى ئەجدات ئۆزى قالسىمۇ خارلىقتا،
    نىشانەڭ بار قەدىمىي يازمىلار-قانۇندا، يارلىقتا،
    قاچان مەلۇم ئىدى كىمگە (يېزىلغان قايسى تارىخ)تا،
    ئۇلۇغ ئەجدادىمىز مەھمۇد، يۈسۈپنىڭ مىللىتى سەنسىز؟!


    غەزەلخان خەلقىمىز سەنسىز ئىجاد قەسرى قۇرالامدۇ؟
    سېنىڭسىز ئىختىرا بىزگە ئۇدۇم-ئادەت بولالامدۇ؟
    ساناقسىز توم دىۋان، قامۇس قۇياش ئوخشاش جۇلالامدۇ؟
    شېئىر كۆكىدە چولپاندەك يورۇپ، چاقناپ تۇرالامدۇ؟
    ناۋايى، لۇتفى، سەككاكى، ئاتايى، خىرقىتى سەنسىز؟!


    جۇنۇنلۇق دەشتىدە خار بولمىسۇن دەپ نەسلى ئەۋلاتلار،
    ئەجىردىن باغ بىنا ئەيلەپ تۆكۈپ تەر قانچە پەرھاتلار،
    نەقىشلەپ زەر بىلەن تارىخ بېتىنى نى ئۇلۇغ زاتلار،
    ھاياتلىق يولىدا سانسىز ئۇلۇغ ئىش قىلدى ئەجداتلار،
    پۈتۈلگەنمۇ شۇ تارىخنىڭ قۇرى، ھەر بىر بېتى سەنسىز؟!


    ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغاندەك ۋىسال ئىشقىدا پەرۋانە،
    سېنى ئاسراش ئۈچۈن مەرتلەر ۋۇجۇتتىن تۆكتى دۇردانە،
    تېنىمسىز خۇشپۇراق چاچتىڭ بولۇپ گوياكى گۈل-لالە،
    بېسىپ سەن نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن يوللارنى مەردانە،
    يېتىپ كەلدىڭكى، ئۆتكەنمۇ شۇ يىللار ھەركىتى سەنسىز؟!


    ئانا تىل سەن يېتىپ كەلدىڭ بۈگۈنگە كۆپ ئەسىر ئاتلاپ،
    يولۇڭدا ئۇچرىغان تۈرلۈك توساقلار بىلىنى قاتلاپ،
    قۇياشنىڭ ئۆمرىدەك مەڭگۈ ياشايسەن نۇر بولۇپ چاقناپ،
    نادانلار ھەر نېمە دەيمىش كۆرۈپ چۈش كۈندۈزى ئۇخلاپ،
    توزۇپ كەتمەمدۇ توزغاقتەك تەڭرىتاغ قامىتى سەنسىز؟!


    ئۇتۇق-شاندىن ئېسىپ لەۋھە ئېگىز تاغۇ-داۋانلارغا،
    ئۈزۈلمەس كۈينى ياڭراتقىن زامانلاردىن زامانلارغا،
    ئەبەد ساپ بول بېرىپ زەربە پۈچەك، شالغۇت زۇۋانلارغا،
    ھايات بار، سەنمۇ بول مەڭگۈ چىداپ چاپقۇن-بورانلارغا،
    ئېنىقكى زادى يوق ئەلنىڭ بەخت ھەم ئامىتى سەنسىز!



    1997-يىل 21- فىۋرال، قەشقەر.
    (ئاپتور: قەشقەر  ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.