ئابرال سۆيگۈلىرى

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-29 15:09:00

ئابرالغا خىتاپ ئابرال تېغى،سېنىڭ باغرىڭ كەڭ مېھرىڭ چەكسىز؛ ھىممىتىڭ زور ،بايلىغىڭ مول! سەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ غۇرۇرى ،تارانچىلارنىڭ پەخرى ئەشۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى! سەندە ئۆتتى سادىر بوۋام ق...

                           ئابرالغا خىتاپ
       ئابرال تېغى،سېنىڭ باغرىڭ كەڭ مېھرىڭ چەكسىز؛ ھىممىتىڭ زور ،بايلىغىڭ مول!  سەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ غۇرۇرى ،تارانچىلارنىڭ پەخرى ئەشۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى!
    سەندە ئۆتتى سادىر  بوۋام قىلىچ ئوينۇتۇپ  ئات چېپىپ؛ سەندە ئۆتتى ئەلاخۇن كۆككۆز توقاي بويلاپ ناخشىلار ئېيتىپ.
    سەندە ئۆتتى غېنى باتۇر دۈشمەن يۈرىگىنى بەك مۇجۇپ، سەندە ئۆتتى روزەك باشى، داۋۇتجان ھەم جارۇللايۇپ ، ئەل زارىنى ناخشىسىدا ياڭرىتىپ.
     سەن بولغان ئىدىڭ  نۇزۇگۇم ھەم گۇلەمخانغا باش پاناھ، سەن سىلىغان يىتىمچىلەر بېشىنى، پىلىچى خاڭدا ئاڭلىغانتىڭ ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى.
      سەن ئۆزۇڭسەن  مەرىپەتنىڭ بۇلىغى ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆزنىكى؛ سەن تونۇتتىڭ " ئىلىخو"نىڭ داڭقىنى.
    سەن ئۆستۇردۈڭ تالاي ئوغۇل -قىزلارنى، ئەلنىڭ پەخرى غۇرۇرلۇق  كۆپ ئوغلاننى.
     ئۆسكەن ئىدى لوتۇن سېنىڭ باغرىڭدا ،خەنجەر بولۇپ سانچىلغانتى ئۇمۇ دۇشمەن قەھرىگە.
      زوردۇن ئاكام ساڭا يازدى قەسىدە، " ئانا يۇرت" دا بايان ئەتتى قانلىق- تارىخ ئەسلىمە.
     سەن غۇرۇرلۇق ئىلىلىقنىڭ ماكانى، سەندە ياڭرار ئۇلارنىڭ خۇش چاقچىغى.
    ئېغىر كۈنلەر مۇشكۇلاتتا قالسىمۇ، تۈگەپ  كەتمەس  تارانچىنىڭ كۈلكىسى!
     باۋخان بوۋام، ھىسامكاملار چاقچىغى ، كۆپ كۈلدۈردى  سېنىڭ مىسكىن خەلقىڭنى.
      ئابرال تېغى، سېنى كۇيلەرگە قاتقۇم كېلىدۇ؛ سېنىڭ شانىڭنى ،شۆھرىتىڭنى جاھانغا ھەم يايغۇم كېلىدۇ!
      ساڭا بولغان سېغىنىش، ھىجران -سۆيگۇلىرىمنى ؛ چەكسىز ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ؛بۇ يەرگە ھەم پۈتكۇم كېلىدۇ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق