ئەزىز ئەيسا:-ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

يوللىغۇچى : koktugh يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-05 13:25:13

ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟ئەزىز ئەيسا(مۇخەممەس )ھىجىيىپ گاھ بىزىرىپ يۈز ئالسڭىز بۇلامدۇ ؟تاتىرىپ گاھ قىزىرىپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟غورۇرۇڭغا تۈكۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ؟مىلل...

    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
     ئەزىز ئەيسا

     

    (مۇخەممەس )
    ھىجىيىپ گاھ بىزىرىپ يۈز ئالسڭىز بۇلامدۇ ؟
    تاتىرىپ گاھ  قىزىرىپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    غورۇرۇڭغا تۈكۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ؟
    مىللىتىڭدىن يۈز ئۆرۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    يالغان بايراق كۈتۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    جەڭگاھلاردا مۈكۈنۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    ياكى قاچاق ئاتىلىپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    ئىززىتنى چۈشۈرۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
     ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ   يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    ئىلىم ئىرپان ئەزەلدىن ساختىلىقنى كۈتەرمەس!
    ياخشى ئادەم ئەزەلدىن سىناقلاردا كۈچۈرمەس!
    ۋۇجۇدىدىن ئەخلاقنىڭ چىرىغىنى ئۈچۈرمەس!
    كۈچۈرمە كەش بىر ئۆمۈر قاقشال دەرەخ كۆكلىمەس!
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    ئاتا ئاناڭ ئارزۇلاپ ئوقۇ بىلىم ئال دىدى؛
    ئىجات مېھنەت بەيگىگە تۇلپارىڭنى سال دىدى،
    ئەجىر بىلەن ئىقبالنىڭ تىزگىنىنى ئال دىدى،
    بىز تارتايلى رىيازەت ئۈزەڭ يىگىن بال دىدى،
     ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈش ئۆز ئۈزىنى ئالداشتۇر؛
    ئالداشلارنىڭ ئېغىرى ئۆز ئۈزىنى باپلاشتۇر.
    ئۆز ئۈزىنى ئالدىغان ھايۋانلارغا قانداشتۇر،
    شۇڭا ھايۋان بىرئۆمۈر قارا كۈنگە يانداشتۈر،
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    بىزلەر ئادەم ،ئادەمدەك چۈشەيلىچۇ مەيدانغا،
    زاراپىدەك بوينىڭنى ئۇزارمىغىن ھەريانغا،
    توغرا كەلسۈن ھەر ئىشىڭ غورورۇڭغا ۋىژدانغا،
    ھالال مېھنەت ئەجىردىن ئىرىش شەرەپ ھەم شانغا،
     ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    قىڭغىر ئىشلار ھامانە قىڭغىيىدۇ مات بۇلۇپ،
    بىزدە تۇرۇپ قالمىسۇن نۇمۇس لەقەم ئات بۇلۇپ،
    يەنە تىنەپ يۈرمەيلى ئەجداتلارغا يات بۇلۇپ
    شەرىپىمىز نۇرلانسۇن ئەل ئارادا ئاق بۇلۇپ
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىمتاھان كۈچۈرۈش _