زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: بەربادلىق

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-19 15:28:50

بەربادلىقزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىقاچقۇننىڭ تۈگىمەس ئەنسىز چۈشىدەكقوغلايدۇ يوچۇن بىر ۋەھىمە مېنى...زاكىر بوپ تۆرەلگەن گۇناھىم ئۈچۈنئىچمەك بوپ كۆز يېشىم بىرلە قېنىمنى...تىل ھالسىز، دىلىمنى ...

    بەربادلىق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    قاچقۇننىڭ تۈگىمەس ئەنسىز چۈشىدەك
    قوغلايدۇ يوچۇن بىر ۋەھىمە مېنى...
    زاكىر بوپ تۆرەلگەن گۇناھىم ئۈچۈن
    ئىچمەك بوپ كۆز يېشىم بىرلە قېنىمنى...

     

    تىل ھالسىز، دىلىمنى ئېيتىپ بەرمىگەچ،
    ئاۋازىم گېلىمدىن سىقىمداپ ئالار...
    ئۈمۈدىم بىر بىرلەپ چىشلىگەندە يەر،
    كىملەردۇر ئاھ مېنى نەي قىلىپ چالار...

     

    دەرد بېسىپ تاغ بولدۇم، تاغلار يۇلقۇنۇپ
    بۇلۇت بوپ ئاسماندا يۈرمەكتە لەيلەپ...
    شۇ قەدەر ھىممەتلىك يۇلتۇزۇم بۈگۈن،
    قار بولۇپ چۈشمەكتە بېشىمغا لەپ-لەپ...

     

    2007-يىلى 19- ئۆكتەبىر


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.