ياشلىق ناخشىسى (مۇھەممەت ئۆمەر)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-14 13:01:00

ياشلىق ناخشىسى ياشايمىز بۇ ھايات بىزگە تەئەللۇق، يارالدۇق سۆيگۈدىن ئىمكانغا تۇلۇق. گاھىدا داۋالغۇپ گاھى ئۆرلەيمىز ، ھاياتلىق دەرياسى ئاقار دولقۇنلۇق. كىم كۆرگەن دۇنيادا مەڭگۈ شادلىقنى، تېتىيمىز...

           
               ياشلىق ناخشىسى

    ياشايمىز بۇ ھايات بىزگە تەئەللۇق،

    يارالدۇق سۆيگۈدىن ئىمكانغا تۇلۇق.

    گاھىدا داۋالغۇپ گاھى ئۆرلەيمىز ،

    ھاياتلىق دەرياسى ئاقار دولقۇنلۇق.

     

    كىم كۆرگەن دۇنيادا مەڭگۈ شادلىقنى،

    تېتىيمىز ئاچچىق ھەم گاھى تاتلىقنى.

    مۇھەببەت-نەپرىتى بولمىغان ئىنسان،

     چۈشەنمەس مەڭگۈ ياشلىقنى.


    بارايلى ئىزدىنىپ دوستلار سەمىمى،

    بۇ ياشلىق ئاققان سۇ قايتماس ھەر كۈنى،

    رىشتىمىز تۇتاشسۇن ئەجداد ئىزىغا،

    ۋەسلىمىز نۇرلارغا چۆمۈپ تاڭسىرى.


    مەرىپەت يولىدا ئېيتايلى غەزەل،

    ئاڭلىسۇن  دەۋرىمىز توختاپ بىر مەھەل.

    مېھرىمىز سۆيگۈدىن تۇغۇلغان دەريا،

    يىتەيلى مەنزىلگە بۇلۇپ جۈپ يەلكەن.

     

                
                   ۋەسلىم بار تۇلۇنئايدا

             ۋەسلىم بار تۇلۇنئايدا ،
             كۆڭلۈم يارغا بەك شەيدا
            ئۈمۈد بىلەن قارايمەن
             يايرىم كۈت دىگەن جايدا 
      
           يۇلتۇزلارمۇ سىردىشىم،
          قۇندۇزلارمۇ سىردىشىم .
           كۆڭلۈم ئارام ئالمايدۇ،
          چىن سۆيگۈ ئىنتىزاردا .

           تاڭ ئاتتى ئايمۇ پاتتى،
          ۋەسلىمنى ئاڭا قاتتى.
          شۇڭا كۆكتە باقىمەن،
          ئۈمۈدتە دىيارىمغا.
      
                ۋەسلىم بار تۇلۇنئايدا ،
              كۆڭلۈم يارغا بەك شەيد.ا
                 شۇڭا كۆكتە باقىمەن،
                 ئۈمۈدتە دىيارىمغا.

     


         قىز ۋە تۇپراق
      چۈشۈپ بارار قىيماي ئۈزۈلۈپ،
    قىز كۆزىدىن سىرغىغان تامچە.
    توختاتسىچۇ زىناقلىرىدا،
    ئۈمۈدىدىن بىرىپ سۆيۈنچە.

    چۈشتى بىر جۈپ تامچە ئۈزۈلۈپ،
    قىز كۆزىدىن ئۈمۈدى ئۆچتى.
    يۇتىۋالدى تۇپراق قەدىرلەپ،
    قىز ئۈمۈدى تۇپراققا كۆچتى.

    ئۆستى ئۇندىن تۇپراققا غۇنچە،
    قىز سىماسى بۇلۇپ ئۆزگىچە .
    شۇڭا چاقنار قىزلار كۆزىدىن،
    مۇھەببەتنىڭ نۇرلىرى شۇنچە.



         


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق