مەن كەلدىم(شېئىر)

يوللىغۇچى : zbs يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-03 00:48:49

مەن كەلدىم مەن كەلدىم ئىنىڭ ئىچىدىن شۇ چوڭقۇرلۇقتىنيەتكىلى بولمايدىغان ئۈچ قارا پەردە ئىچىدىنمەن كەلدىمسىنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈمئۇنىڭ يېنىنى كۈتتۇمبىر توپ ئىچىدە تۇرۇپ خۇددى قاراڭغۇ كېچە تاڭ يورى...

    مەن كەلدىم

     

    مەن كەلدىم
    ئىنىڭ ئىچىدىن
    شۇ چوڭقۇرلۇقتىن
    يەتكىلى بولمايدىغان ئۈچ قارا پەردە ئىچىدىن

    مەن كەلدىم
    سىنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم
    ئۇنىڭ يېنىنى كۈتتۇم
    بىر توپ ئىچىدە تۇرۇپ خۇددى قاراڭغۇ كېچە تاڭ يورىغان چاغدا
    بىردىنلا يىغلاپ قالغاندەك

    يۈتتۇم

    ئاجايىپ خىيالچان بىر ئاپەت
    مېنى يىتىلەپ كەلدى بۇ تامان

    مەن كەلدىم
    كەلگەنلەر قاتارى

    ھەي

    ناكەس رېياللىق
    مېنى ئۇرۇپ كەتمە

    مېنىڭ كېلىشىم
    سېنىڭ نابۇت بولغىنىڭ ئەمەس

    يىراق بىر يەردە
    بەلكىم سەن مېنى كۆردۇڭ.

    ھەي ناكەس
    مېنى ئىتتىرىۋەتمە

    مېنىڭ كېلىشىم
    سېنىڭ ياشىشىڭ ئۈچۇن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر