ئوقۇپ تۇرىمىز(مۇھەممەتجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 15:57:53

ئوقۇپ تۇرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن بىز خۇدادىن قورقۇپ تۇرىمىز،شۇڭا نامازنى ئوقۇپ تۇرىمىز.سورۇنلاردا ساقىنى ئەمما، قۇيمامسەن دەپ نوقۇپ تۇرىمىز. كېسەل يۇقتى قاغا-قۇزغۇندىن، كۆرۈنگەننى چوقۇپ تۇرىمى...

    ئوقۇپ تۇرىمىز

    مۇھەممەتجان راشىدىن

    بىز خۇدادىن قورقۇپ تۇرىمىز،
    شۇڭا نامازنى ئوقۇپ تۇرىمىز.
    سورۇنلاردا ساقىنى ئەمما،
    قۇيمامسەن دەپ نوقۇپ تۇرىمىز.


    كېسەل يۇقتى قاغا-قۇزغۇندىن،
    كۆرۈنگەننى چوقۇپ تۇرىمىز.
    قۇلۇم-قوشنا دىمەيمىز ئەسلا،
    ئېلىنغاننى سوقۇپ تۇرىمىز.

    ئايرىمايمىز ھالال-ھارامنى،
    يالغاننى توقۇپ تۇرىمىز.
    لېكىن يەنە قورقۇپ تۇرىمىز،
    شۇڭا نامازنى ئوقۇپ تۇرىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.