غەزەپ ۋە زار(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 09:23:25

غەزەپ ۋە زارئابدۇخالىق ئۇيغۇرئەي پەلەك،بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،ئىستىدىم كۆپ،تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،گاھ ئۆلۈپ،گاھ تىرىلىپ،كۆپتىن ب...

    غەزەپ ۋە زار
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر



    ئەي پەلەك،بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،
    ئىستىدىم كۆپ،تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.
    ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
    گاھ ئۆلۈپ،گاھ تىرىلىپ،كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
    بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان،بېغىم باھارى گۈلىنى،
    ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
    دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرۈر مىسالىغا،
    قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
    يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
    كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.
    لا ئەقىل دەپ ئويلىدى،چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
    يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار،كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.
    قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ،دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،
    مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.
    پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،
    بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.
    چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،
    ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
    سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،
    مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.
    ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،
    مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
    مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
    ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،
    ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.
    تىل-ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!...بۇ جاننى قىينىدى،
    ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.
    زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى
    تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
    دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
    جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق،تاپمايسەن باشقا چارىسەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.