زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: يالغۇزسىراش

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-23 22:02:46

يالغۇزسىراش زاكىرجان ئابدۇلمەجىدسىددىقى ھېچنىمەملا قالمىغاندەك سىزىمەن، پىشانەمگە پۈتۈلگەن بۇ قىسمەتتىن... نېكەم، كۈلۈپ باقماپتىمەن دوستلۇرۇم، پايدام ئۈچۈن ئالغان دەردۇ-ھەسرەتتىن. مەن ياشىدىم دېيىش...

    يالغۇزسىراش

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    ھېچنىمەملا قالمىغاندەك سىزىمەن،

    پىشانەمگە پۈتۈلگەن بۇ قىسمەتتىن...

    نېكەم، كۈلۈپ باقماپتىمەن دوستلۇرۇم،

    پايدام ئۈچۈن ئالغان دەردۇ-ھەسرەتتىن.

     

    مەن ياشىدىم دېيىش قېيىن،شۇندىمۇ-

    ياشالمىدىم، دېگەن بىرمۇ تەلەپ يوق.

    «يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدە» دەپ تۇرسىمۇ،

    تەۋەككۇل بار ئاغزىمدىلا، سەۋەپ يوق.

     

    چىدىمىدىم، بوغۇنۇقتۇم، قان قۇستۇم،

    كەلدى كۈنلەر بىر بىرىدىن باغرى تاش.

    ئاتۇشلۇقنىڭ جېنى شۇنداق چىڭمۇ- يا؟

    ئۆلمەي، يانا ياشاپ كەلدىم ئالدىراش...

     

    2011-يىل 24-فېۋرال 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.