(تاھىر ھامۇت) ئاغرىق

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 12:23:00

(تاھىر ھامۇت) ئاغرىق ئاغرىق « مېنىڭ باغرىم سىلەر بىلەن.» ـــ ئۇيغۇر شامانلىرىنىڭ «ئازايىم قوشىقى»دىن 1 كېچىدە كېيىمىنى سالمايلا ئۇخلاپ قالغانلار چىغىر يولغا خەتەرلىك كۈلنى تۆكۈپ ماڭغانلار پ...

    (تاھىر ھامۇت) ئاغرىق
     
     
    ئاغرىق
    « مېنىڭ باغرىم سىلەر بىلەن.»
                                                ـــ ئۇيغۇر شامانلىرىنىڭ «ئازايىم قوشىقى»دىن
    1  
    كېچىدە كېيىمىنى سالمايلا ئۇخلاپ قالغانلار
    چىغىر يولغا خەتەرلىك كۈلنى تۆكۈپ ماڭغانلار
    پۇتى بىلەن قۇمنى جىجاپ شېئىر يازغانلار
    قىزىل رەڭدىن سېرىق رەڭنى ئايرىۋالغانلار
    تاڭ سەھەردە يۈزىنى يۈيماي ناشتا قىلغانلار
    زاۋال پەيتى خۇدانى سۆيۈشتىن قۇتۇلالمىغانلار
    ئۆلۈم يېنىڭلاردىن ئۆتۈپ كەتتى،كۆردۇڭلارمۇ؟!
     
    بىر چاغلاردا،تىنىش بەلگىلىرى يوق جايلاردا ياشىغان ئىدىم
    قەغەزدىكى قوڭۇر داغلارنى تۈكرۈكىمدە سۈرتكەن پېتى
    ئاشۇ كونا قەغەزنىڭ ۋە جان تالىشىۋاتقان قارا سىياھنىڭ سۆيۈملۈك پۇرىقى نەقەدەر يۇمشاق!
    لېكىن،ئىچىم ئاغرىيتى،تىنىش بەلگىلرى يوق جۈملىلەردىكى بابۇر مىرزا ۋە باشقىلارغا
    (سەلتەنەت دەردىدە ساراڭلارچە غەرق مەست بولغان)
    مانا بۈگۈن،سۇنغان سول قولۇمنى ئاق لاتا بىلەن مەھكەم تېڭىپ،ئاغرىقنى سەزمەي
    ئوڭ قولۇمدىكى ئۆزۈمنىڭ رەسىمىگە قاراۋاتىمەن،رەسىم كەينىدىكى خەنزۇچە خەتنى ئوقۇۋاتىمەن
    دەپ بېرەيمۇ بۇنى 
    يول بويىدىكى تاش ئۈستىدە ئولتۇرغان جىمجىت جۇۋانغا
    (كۈن نۇرى ئۇنىڭ بوينىغا چۈشۈپ تۇراتتى،ئاستىدىكى قۇرام تاش قاتتىق ئەمەس چىڭ ئىدى)
     
    مەن سىلەرنى كۆرۈشكە شۇنچە كۈچىدىم،تومۇرلىرىم چىڭقالدى،كۆزلىرىم تالدى
    لېكىن،سىلەر مېنىڭ ئاغرىقىمدىن زېرىكتىڭلارمۇ
    خۇددى،مەن تېخى يېقىندىلا ناتونۇش گۈزەل قىزلارغا تەلپۈنۈشتىن ئۈزۈل-كېسىل زېرىككەندەك 
    سىلەرگە ئايان (ماڭىمۇ شۇنداق)،مېنىڭ نەپرىتىم ئېچىنىشلىق ئىسراپ بولۇپ تۈگەپ كەتمەكتە 
    2
    يەتتە ياشلىق بىر بالا
    چىڭگىلەكنىڭ غۇنچىسىنى يىگەن بىر بالا
    جىگدىنىڭ يوپۇمىقىدىكى ھەسەلنى يىگەن بىر بالا
    ئاق قوناقنىڭ شېخىنى يىگەن بىر بالا
    چۈچۈك بۇيا يىلتىزىنى يىگەن بىر بالا 
    قولياغلىققا چىگىلگەن بىر جىڭ ئۆچكە گۆشىنى كۆتىرىپ كېتىپ بارىدۇ
    بۇرنىدا قان
    بۇ بالا كىمنىڭ بالىسى، بىلدىڭلارمۇ؟! 
     
    ئاپتاپ كۆتىرىپ تۇرغان ئاسماننىڭ بىر پارچىسىدەك
    سىلەر توپلاشتىڭلار مېنى كۆرمەي،سىلەر نېمە بولماقچى،سىلەر نېمىگە ئايلانماقچى
    مەن نېمىدىن ۋاز كەچمەكچى،مەن نېمىنى سىلاپ باقماقچى،مەن نېمىنى سىلەرگە كۆرسەتمەكچى
    مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلادىن ئۆتۈپ كەتكەن شامالنىڭ ئالدىنى توستۇم
    تۇرۇپ تۇرۇڭلار،شامالغا بىر گېپىم بار ئېيتىۋالاي 
    (ئەي شامال،مېنىڭ ئۈچۈن ئەجەپ دەرد تارتتىڭ
    ئەجەپ ئىچىم ئاغرىيدۇ ساڭا
    ماڭا ئايان،كۆزۈمنىڭ گۆھىرى سەندە توزۇپ كەتكەن
    قېنى، سەن ماڭا ئېيتىپ بېرەمسەن: زەھەر دېگەن قانداق نەرسە ئۇ 
    ئۇنى تۇتسام قولۇم تىترەمدۇ،بىر ئوتلامغا ئادەم ئۆلەمدۇ؟!)
    مەن سىلەرگە پۇتۇمنى قىلىپ،كىيىمىم بىلەنلا دۈم يېتىپ ئۇخلىدىم
    چۈشۈمدە،قاپقار زۇلمەتنى تاپتىم
    ئۇ مېنى باستى،بوينىمدا يۆگىشىپ، قولتۇقلىرىمدىن،ئىككى يوتام ئارىسىدىن ۋە جېنىمدىن ئۆمىلەپ ئۆتتى
    مەن قوڭغۇراق گۈلىنى چاينىغاچ تىكەنلەرگە دەسسەپ ئەسەبىيلەرچە يۈگرەۋاتقاندەك
    ئىن-تىنسىز ۋەھىمىدىن ھوزۇرلانغاچ،ئاغزىمنى يوغان ئاچتىم!
    3
    دەستە-دەستە نۇر
    ئوچۇم-ئوچۇم سۇ
    سىقىم-سىقىم تۇپراق
    تەكرار-تەكرار ئاغرىق
    تارام-تارام جان
    ئەي سىلەر،مېنىڭ باغرىم سىلەر بىلەن،تۇيدۇڭلارمۇ؟!
     
    مەختۇمسۇلا چوغنى ئېلىپ ماڭغاندا تۆككەن كۈل سىزىقنىڭ ئۇ تەرىپىگە
    مەن بولماقچى بولغان مەن يەنە كەلدىم 
    قاراڭغۇلۇقتىن سۇغۇرۇپ ئالغان پىچاقتەك ،مېنىڭ قوينۇمدىن چىقىپ كەتتىڭلار
    مەن سىلەرنى شەرەت قىلىمەن،ھەر دەقىقە زىكرى قىلىمەن ،تىنىقىمدا ئالتۇن تور توقۇپ،
    ئاندىن سىلەرگە 
    پەلەمپەيلەردە ئۇيۇپ قالغان بارماق ئىزىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن
                                                2009-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى،ئۈرۈمچى 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تاھىر ھامۇت