خەپ سېنى (قاسىم سىدىق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-17 23:26:49

خەپ سېنىقاسىم سىدىقچىرقىراپ ئۇخلاتمىدىڭ جاڭجالچى چاشقان، خەپ سېنى،ناشتىلىق نان ئۈستىدە قۇردۇڭ بەدەشقان، خەپ سېنى،مەن ئۆزۈم تاپقان ئىدىم، سەندىن ئاشقان، خەپ سېنى،دان ئوغرىلاپ ھەر كۈنى مىشكا...

     

    خەپ سېنى

    قاسىم سىدىق




    چىرقىراپ ئۇخلاتمىدىڭ جاڭجالچى چاشقان، خەپ سېنى،

    ناشتىلىق نان ئۈستىدە قۇردۇڭ بەدەشقان، خەپ سېنى،

    مەن ئۆزۈم تاپقان ئىدىم، سەندىن ئاشقان، خەپ سېنى،

    دان ئوغرىلاپ ھەر كۈنى مىشكاپ ياماتقان، خەپ سېنى،

    ھالىنى ھېچ چاغلىماي شىلتىڭ ئاتقان، خەپ سېنى.



    قاغا - قۇزغۇنلارنى مەن قورۇغاندا قايدىدىڭ؟

    مۇڭ بولۇپ، ھەم بۇغداينى مەن سوروغاندا قايدىدىڭ؟

    كۈن بويى لاي - لاي ئېيتىپ جورۇغاندا قايدىدىڭ؟

    توپا يەپ، ئىنجىق بىلەن سورۇغاندا قايدىدىڭ؟

    قىپ - قىزىل چەشنى كۆرۈپ نەپسى تارتقان، خەپ سېنى.



    تۇت پۇتۇڭ ئىز سالمىغان قالمىدى ئامبار - ئورەك،

    ماي قاپاقتىن گۆر تىلەپ سۇ ماينى قىلدىڭ بى كېرەك،

    ئانچىكى قىلسام سۈكۈت بېشىمدا ئۆتكۈزدۈڭ كۆرەك،

    ئېيتقىنا قايدىن ساڭا بوپ قالدى پەيدا بۇ خورەك،

    ھاي، دىسەم، قاچقان پېتى كۆز ئالايتقان، خەپ سېنى.



    چىقمايىن ھەددىڭ ئەمەس، بىر كۈن كاماردىن چىقىسەن،

    بۇ كاماردىن چىقمىساڭ، نەپسى بالادىن چىقىسەن،

    ئىشلىمەستىن چىشلىگەن ئەھلى تامادىن چىقىسەن،

    شۇ تامايىڭغا بېقىپ ئوبدان خۇماردىن چىقىسەن،

    ھەر بۇلۇڭدا كۈتىدۇ ئاسلانۇ - قاپقان، خەپ سېنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خەپ سېنى قاسىم سىدىق