تۇرمۇشقا

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:18:53

تۇرمۇشقاگاھىدا شاھ قىلىپ ، گاھى گاداي قىپغەلىبە ئىچىدە قىلىسەن مەغلۇپگاھىدا ھەممىدىن مەھرۇم قىلىسەنگاھىدا چاقىرىسەن بىر جەننەت بولۇپ...سېنىڭدە گاھىدا بىر يىل بىر ئەسىربىر ئەسىر گاھىدا گوياكى...

    تۇرمۇشقا


    گاھىدا شاھ قىلىپ ، گاھى گاداي قىپ
    غەلىبە ئىچىدە قىلىسەن مەغلۇپ
    گاھىدا ھەممىدىن مەھرۇم قىلىسەن
    گاھىدا چاقىرىسەن بىر جەننەت بولۇپ...

    سېنىڭدە گاھىدا بىر يىل  بىر ئەسىر
    بىر ئەسىر گاھىدا گوياكى بىر يىل
    بەزىدە گۈل كەبى پورەك-پورەكلەپ
    بەزىدە چۇل-چۇل بوپ كېتەر نازۇك دىل...

    بەزىلەرگە ۋىسالدىن تېتىتىپ شەربەت
    بەزىلەرنى تاش چىشلەشكە قىلىسەن مەجبۇر
    «سەۋىر ، سەۋىر!» دەيسەن بىچارىلەرچە
    يۇم-يۇم ياش تۆكىدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر...

    ئېزىتقۇسەن ، گۈزەلسەن ، مۇرەككەپسەن ئاھ...
    بىراق ، كىم تەلپۈنمىگەن سىرلىق باغرىڭغا؟
    كىم تاۋلىيالايدۇ ئادەملىكنى
    ئۈن-تىنسىز ، تىنىمسىز سىناقلىرىڭدا؟


    ماڭا ھەمراھ گۈزەل تەبىئەت

    ماڭا ھەمراھ گۈزەل تەبىئەت
    پاك ، سۈپسۈزۈك ، ئاق كۆڭۈل خىيال
    ئەي ۋىسالسىز ، چەكسىز كۈتۈشلەر
    سەن ئۇنتۇلغان چۈشۈم بولۇپ قال

    بېغىشلايمەن مىسرالىرىمنى
    پاك سۆيگۈگە ئېرىشەلمىگەن
    بىراق مېھىر تۆكۈپ قۇياشتەك
    كۈلۈپ تۇرغان قەيسەر دىللارغا
    ئېچىش ئۈچۈن روھىمنى تولۇق
    تىكىلىمەن يىراق-يىراققا
    كۆك ئاسمانغا ئاي ، يۇلتۇزلارغا

    ماڭا ھەمراھ جۇشقۇن ھاياتىم
    رەنجىمەيمەن ھېچكىم سېنىڭدىن
    بەختىڭ ئۈچۈن ، شادلىقىڭ ئۈچۈن
    ئاستا-ئاستا كەتتىم يېنىڭدىن
    يىتتۈم پىنھان ئۇستلىرىڭدىن

    ماڭا ھەمراھ گۈزەل تەبىئەت
    ئارمانلىرىم ، ئۈنسىز ئىرادەم
    مەن ياشايمەن ئازابنى يېڭىپ
    ئۈمىد مېنىڭ بەختىم ۋە غەلبەم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۇرمۇشقا