دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-02 02:06:01

دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەسئەجدادلاردىن قالغان تەۋەرۈك،ئەسلى ئىدىڭ مىراسىم دوپپا،مانا بۈگۈن خارلىنىپ نامىڭ،بوپ قالدىغۇ مۇراسىم دوپپا.قاچانغىچە كىيىپ يۈرۈمىز،نەزىر-چىراق،توي-تۆكۈنلەردە.يوقالسا ...

    دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس

     

     

    ئەجدادلاردىن قالغان تەۋەرۈك،

     ئەسلى ئىدىڭ مىراسىم دوپپا،

    مانا بۈگۈن خارلىنىپ نامىڭ،

    بوپ قالدىغۇ مۇراسىم دوپپا.

     

    قاچانغىچە كىيىپ يۈرۈمىز،

    نەزىر-چىراق،توي-تۆكۈنلەردە.

    يوقالسا گەر بىر كۈن دوپپىمىز ،

    قالمامدۇق بىز ئۆكۈنۈشلەردە.

     

     

    خىجىللىقتا يۈرەمدۇق شۇنداق،

    كوچىلاردا دوپپا كېيىشتىن.

    ئۇيغۇر تۇرۇپ دوپپا تۈپەيلى،

    ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېيىشتىن.

     

     

    دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ پەخرى،

    نەدە كەيسەك يارىشىدىغۇ.

    دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرغا بارچە،

    ھەۋەس بىلەن قارىشىدىغۇ.

     

     

    دوپپا بىلەن ئۇيغۇر چىرايلىق،

    كۆرۇنىدۇ كۆزلەرگە ئىسسىق.

    قىرلاپ كىيىپ دوپپىنى دوستلار،

    يارىتايلى ئۆزگىچە خاسلىق.

     

     

    كىملىكىدۇر دوپپا ئۇيغۇرنىڭ ،

    مەتۇلۇقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.

    تارتىنىشنى قويايلى ئەمدى،

    دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس.

     

    مەنبە : مىسرانىم تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.