شېئىرىي چاقچاقلار(ئەكرەم ئابدۇمىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 05:42:31

شېئىرىي چاقچاقلارئەكرەم ئابدۇمىجىتئادىل تۇنىيازغاقۇلۇلە ئوينىدىڭ تىنماي قۇلۇلەڭدىن سەدەپ چىقتى،قاراپ قەشقەرگە ئۇھ تارتتىڭ شېئىرلار ھەسسىلەپ چىقتى.ئەجەب ئاشكارىلىغان بويتاقلىقىڭدا مەخپىيەتلى...

    شېئىرىي چاقچاقلار
    ئەكرەم ئابدۇمىجىت


    ئادىل تۇنىيازغا

    قۇلۇلە ئوينىدىڭ تىنماي قۇلۇلەڭدىن سەدەپ چىقتى،
    قاراپ قەشقەرگە ئۇھ تارتتىڭ شېئىرلار ھەسسىلەپ چىقتى.
    ئەجەب ئاشكارىلىغان بويتاقلىقىڭدا مەخپىيەتلىكنى،
    بېشىڭنى ئوڭلىماق بىرلەن شېئىرلاردىن ئەرەب چىقتى.

    پەرھات ئىلياسقا

    چۈمۈلەڭ ئۆمىلەپ نەزمە ئىچىدە باشنى جام قىلدى،
    يوچۇقلاردىن يېلىنجاپ تاڭ سېنىڭ جىسمىڭنى شام قىلدى.
    تاگور، پۇشكىن، مىسترال، پاز يېقىن دوستۇڭ بولۇپ قاپتۇ،
    دېمەك، ئۇيغۇر بۇرادەرلەر دېگىن قاي ئىشنى كەم قىلدى.

    ئابلىكىم ھەسەنگە

    ھامانەم غۇنچىلارغا سەن ئۈمىدىڭ رىشتىسىن باغلاپ،
    تۇرارسەن ھەر كۈنى سانسىز گۈدەكلەردىن سادا ئاڭلاپ.
    يېشىڭ گەر يەتسىمۇ يۈزگە يەنە ئەللەي تەبىئەتتەك،
    مىنىپ ھاساڭنى بىر كۈنلەر چىقامسەن يولغا تايتاڭلاپ.

    زامانىدىن پاكزاتقا

    ئۆزۈڭ ئۆسكەشكە سەھرادا گۈزەل سەھرا كۈيۈڭ بولدى،
    چېكەتكە، يىڭنەئالغۇچلار ھامانەم ھەمراھىڭ بولدى.
    كېلىپ ھەر ياز چولۇقايغا ئېلىپ ئىلھام ھاشاراتتىن،
    ئۈرۈمچى شەھىرىدە يازدىڭ جىمى جانلىق سېنىڭ بولدى.

    ئەزىزىگە

    ۋۇجۇدۇڭ كۆكىدە تىنماي بۇزار تاڭلارنى شوخ قىزلار،
    كەيپ مىسرالىرىڭ ئىچرە سىزار تاڭلارنى شوخ قىزلار.
    شامالدا سەگىگەن نەيدە ئەجەمگە ئىلتىجا قىلساڭ،
    يېنىڭدا ئەركىلەپ بىر-بىر تىزار تاڭلارنى شوخ قىزلار.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.