سان جون پرىس:ئاناباز

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-27 00:00:00

ئانابازسان جون پرىس (فرانسىيە)ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسىسان جون پىرىس (1975−1881) فرانسىيىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم شائىرلىرىنىڭ بىرى. 1960-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن....

    ئانابازسان جون پرىس (فرانسىيە)
    ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى

     

    سان جون پىرىس (1975−1881) فرانسىيىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم شائىرلىرىنىڭ بىرى. 1960-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۇنيادا سان جون پىرىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ شېئىر يېزىشنى ياخشى كۆرۈدىغان شائىرلار بىر مەزگىل ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتكەن. ئۇنىڭ نەسرىي شېئىرلىرىدا مۇزىكىلىق رىتىم كۈچلۈك، تىل بەلگىلىرى ۋە تىل مەنىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە كىرىشكەندىكى ئۆزگىچە مەنا قاتلىمى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزگىچە سىرلىق تىل ئالىمىگە ئايلاندۇرۇپ، شېئىر تىل قۇرۇلمىسىدىكى يېڭىلاشنى بارلىققا كەلتۈرگەن. خۇددى رەسسام رەڭ بوياقلارغا يوشۇرۇنغان ھېسسىياتىنى جانلاندۇرغاندەك سان جون پىرىسمۇ تىل قاتلىمىدىن ئۆزىگە خاس سەنئەتلىك  قۇرۇلمىلارنى قېزىشقا تىرىشقان ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا شېئىرىيىتىنىڭ تىل قۇرۇلمىسىغا ھەممە ئېتىراپ قىلغان يېڭىلىقنى ئېلىپ كەلگەن. «ئاناباز» (مەنىسى «ئىچىگە يۈرۈش») ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى.

     

     

    ناخشا

    مىس تاختىلار ئاستىدا تاي تۇغۇلماقتا ئىدى. كىمدۇر بىرى ئالقىنىمىزغا ئاچچىق ئۇرۇقلارنى قويماقتا. يوچۇن ئادەم. ئۇ ئۆتمەكتە ئىدى. مانا، مەن ئىزدىگەندەك، ئۆزگە ئىقلىملاردىن چۇقان...«يىل دەرەخلىرىنىڭ بۈيۈكى ئاستىدا، ئەي قىزىم، سېنى ئالقىشلايمەن».

    *                *                  *

    چۈنكى قۇياش شىر بۇرجىغا كىرمەكتە، يوچۇن ئادەم ئۆلۈكلەر ئاغزىغا بارمىقىنى سالماقتا. يوچۇن. ئۇ كۈلمەكتە ئىدى. بىزگە بىر گىياھتىن سۆز ئاچماقتا. ئاھ! شاماللارنىڭ سوقۇشى ئىقلىملاردا نېمىدېگەن كۆپ! يوللىرىمىز باياشات بولغاي، سۇناي ماڭا شادلىق ئاتا قىلغاي، قانات ئاشكارىلىقىدىكى چېنىقتۇرۇلغان پەي!...«ئەي روھىم، ئەي سەن بۈيۈك ئايال. سىلەرنىڭ بىزگە يات ئۇسلۇبلىرىڭلار بار ئىدى».

    *               *                 *

    مىس تاختىلار ئاستىدا تاي تۇغۇلدى. بۇ ئاچچىق ئۇرۇقلارنى بىر كىشى قوللىرىمىزغا قويدى. يوچۇن ئادەم. ئۇ ئۆتمەكتە ئىدى. مانا، مىس دەرەختە بۈيۈك چۇقان، قىزىللىقلار ۋە گۈللەر، ناخشا .ئامىتى! ئۆيلەردە گۈلدۈرماما ۋە سۇنايلار! ئاھ! يوللىرىمىزدا نۇرغۇن باياشاتلىق، ئاھ! يىل ھەققىدە نۇرغۇن چۆچەكلەر ، بارلىق زېمىن يوللىرىدا يوچۇن ئادەم خالىغانچە يۈرمەكتە!...«يىلدىكى ئەڭ گۈزەل لىباس ئىچرە ئالقىشلايمەن سېنى، ئەي قىزىم».

     

    1

     

    يىلتىزلىنىپ ئەزىزلىنىپ، ئۈچ چوڭ ئوما پەيتىدە، شەرىئىتىمنى تەسىس قىلغان زېمىن بىلەن مۇبارەكلەندىم.

    دېڭىز ۋە قۇراللار سەھەردە گۈزەل.

    ئاتلىرىمىزغا تاشلاپ قويۇلغان، بادام ئۈنمەس زېمىن بىز ئۈچۈن بۇ چىرىشنى بىلمەس ئاسمان مەرتىۋىسىدە، قۇياش تېخى ئاتالغان ئەمەس، بىراق، كۈچى ئارىمىزدا،

    سەھەردە دېڭىز گوياكى روھ تەسەۋۋۇرى.

    ئەي سەن كۈچ، قاراڭغۇ يوللىرىمىزدا كۈيلىگەنىدىڭ!...سەھەرنىڭ پاك قىزىل بېلىقلىرى ئارا، بىخىمىز بولغان چۈش ھەققىدە نېمە بىلىمىز؟

    ئاراڭلاردا، يەنە بىر يىل! ئەي  ئۇرۇق خوجايىنى، ئەي تۇز خوجايىنى، دۆلەت  توغرا مىزاندا! يەنە بىر قىرغاق ئۈستىدىكى ئاۋامنى چاقىرمايمەن، زادى. تاغ ئېتەكلىرىدە مارجان شېكىرىدە قۇرۇلىدىغان شەھەرسىمان بۈيۈك رايونلارغا زادى پىلان سىزمايمەن. بىراق، مېنىڭ ئاراڭلاردا ياشاش پىلانىم بار.

    بارلىق شان-شۆھرەت چېدىرلار بوسۇغىدا! كۈچۈم ئاراڭلاردا! تۇز كەبى ساپ پىكىر ئۆزىنىڭ مەۋقەلىرىنى كۈندۈزگە تىكلىمەكتە.

    *                  *                 *

    ...چۈنكى، چۈشۈڭلار شەھىرىگە ئارىلىشىپ يۈرگەن ھالدا ئىدىم، شامال ئىلكىدە تىكەندىن  ياسالغان ئاتەشتەك، ئاراڭلاردا كۆپ تەكرارلانغان، كۆرۈنمەيدىغان، بۇ پاك روھىم ئارىلىشىشىنى قاقاس بازارلاردا ئۆچۈرگەن ھالدا ئىدىم.

    ئەي سەن كۈچ، پارلاق يولىمىزدا كۈيلىگەنىدىڭ!...

    «بارلىق روھ تىغلىرى تۇز لەززىتىدە...رىغبەتكە ئۆلۈك ئېغىزلارنى تۇز بىلەن يالقۇنجىتىمەن!»

    «كىمدىكى ئۇسسۇزلۇقنى ئۇلۇغلاپ، جەڭچى قالپىقىدا قۇم سۈيىنى ئىچمىسە، روھ مۇناسىۋەتلىرىدە مەندىن تولىمۇ ئاز ئامەتكە ئىگە بولغۇسى»...

    (قۇياش تېخى ئاتالغان ئەمەس، بىراق، كۈچى ئارىمىزدا)

    ئەي قەۋم، ئەي بارلىق توزان ۋە يوسۇنلار كىشىلىرى، بۈيۈك سودا ۋە بوش ۋاقىتلار كىشىلىرى، ئۇشبۇ مەرتىۋىلەرنىڭ ئېسىدە ئەھمىيىتى تۆۋەن ئەي ئاۋام، ئەي جىلغىلار ۋە تۆپىلىكلەر كىشىلىرى، ساھىللىرىمىز ئەجىلىدە بۇ دۇنيانىڭ يۈكسەك قايملىرىغا خاس كىشىلەر، سىلەر ئۇرۇقلارنى ۋە ئامەتلەرنى پۇراپ قالغانلار، غەربتە شامال سوقۇشنى ئېتىراپ قىلغانلار، ئەي سىلەر ئىز چۈشكەن، يەرلەرنىڭ ۋە پەسىللەرنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، تاڭنىڭ كىچىك  شامىلىدا لاگېرلارنى يۇغانلار، ئەي، دۇنيا پوستىدا بۇلاقلارنى ئىزدىگۈچىلەر، ئەي ئىزدىگۈچىلەر، ئۆزگە جايلارغا سەپەر قىلىشقا سەۋەبلەرنى تاپقانلار.

    سەھەردە، دۇنيا تۈتۈنىدە ئېگىز ساڭگىلاپ تۇرغان پادىشاھلىقلار ھەمدە ئۆلۈك سۇلار بېشارىتىدە، زېمىن قىرغاقلىرىدىكى سۈرگۈنگاھ ناغرىلىرى قۇملار ئۈستىدە ئەسنەۋاتقان، مەڭگۈلۈكنى ئويغىتىۋاتقان چاغدا، بۇندىنمۇ ئارتۇق تۇز سودىسى قىلالمايسىلەر.

    *                 *                    *

    ...پاك لىباس ئىچرە ئاراڭلاردا، شۇنداقلا، يەنە بىر يىل، ئاراڭلاردا، «دېڭىزلاردا شان-شۆھرىتىم، كۈچۈم ئاراڭلاردا!»

    پېشانىمىزگە پۈتۈلگەن تەقدىرلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزگە ساھىللاردىن بۇ شامال، دەۋر چاقنىشى مىزانلار بىلەكلىرىدىن كۆتۈرۈلمەكتە، زاماننىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئۇنىڭ كەينىگە  يۆتكىگەن ھالدا...»

    مۇزلانغان تۇز چۆرىلىرىگە ئېسىلىپ قالغان ماتېماتىكلار! چېكەمنىڭ قەسىدە مۇقىملاشقان نازۇك سەزگۈر نۇقتىسىغا، مەڭگۈلۈك سۇ ئاستى كېمىلىرىنى سۆرەيدىغان پاراخوتلىرىمىزنىڭ لەڭگەرىستانىدا ئەڭ ھۇزۇرلۇق بۇ ناخشىنى پۈتۈن خەلقلەرنىڭ بۇ ناخشىسىنى يازىمەن!

     

    2

     

    تونۇشلۇق دىيارلاردا، چىڭقى چۈش پەيتى، چېكەتكىلەر ئارىلاشقان يۇرتلاردا، بۈيۈك سۈكۈنات بولىدۇ.

    يۈرمەكتىمەن، ئېگىز تاغ قايمىلىرى ۋە كەسلەنچۈك چۆپى يۇرتلىرىدا يۈرمەكتىسىلەر، ئۇنداق ئۇلۇغلار كىرلىرى قۇرۇتىلىشقا قويۇلىدۇ.

    قارامتۇل كۈلرەڭ قوش لېنتىلىق، كەشتىلەنگەن، خانىش كۆڭلىكىدىن ئۆتىمىز(ئاھ! ئاچچىق-چۈچۈك ئايال بەدىنى كۆڭلەكنىڭ قولتۇقىنى داغلاشقا ئەجەب ئۇستا!)

    ئوچۇق رەڭ قوش لېنتىلىق، كەشتىلەنگەن،  خانىش قىزى كۆڭلىكىدىن ئۆتىمىز(ئاھ! كەسلەنچۈك تىلى قولتۇقىتىن چۈمۈلە تۇتۇشقا ئەجەب ئۇستا!)

    كۈندۈز بىر ئەركەكنىڭ ئايال ۋە ئۇنىڭ قىزى ئۈچۈن يانغىنىدەك ئۆتمەس، بەلكى.

    ئەي ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستا كۈلكىسى، بۇ مېۋىلەر بىزگە سويۇلسۇن!...نېمە؟! دۇنيادا ياۋۇز قىزىلگۈل كەينىدە نېمەت قالمىدىمۇ؟

    دۇنيانىڭ بۇ تەرىپىدىن، سۆسۈن رەڭلىك بۈيۈك رەزىللىك سۇلار ئۈستىدە كېلىدۇ، شامال سوقماقتا. دېڭىز شامىلى...يېيىلغان كىرى تىتما-تىتما تىتىلغان موللىتاپقاقتەك ئۇچۇشماقتا...

     

    3

     

    ئارپا ئورۇشقا كەتمەكتە كىشى. كىمىكىنا ئۆزۈمدە شىددەتلىك سۆزلىگەن؟! مانا بۇ پادىشاھلار، ئىشىكىمدە ئولتۇرۇشار، باش ئەلچىمۇ پادىشاھلار داستىخانىدا (ئۇرۇقلىرىمغا ئېغىز تەگكەيلەر!). مىزانلار ۋە كۈرەلەر تەكشۈرگۈچىسى ھەر تۈرلۈك ھاشاراتلار توپى بىلەن مۇبالىغە ئېقىنلىرىدا تۆۋەن چۈشمەكتە.

    ساقىلىدا پاخال چاچقۇندىلىرى.

    كۆزىمىزدىن يوقال! سەندىن ھەيران بولماقتىمىز، ئەي قۇياش! بىزگە مۇشۇنداق يالغان گەپلەرنى قىلدىڭ!...ئەي سەن پىتنە تارقاتقۇچى، جېدەل چىقارغۇچى! ئەي سەن شەرمەندىلىكلەر ۋە ئاھانەتلەردە غىزالانغۇچى، ئەي سەن ئويۇن تاشلىغۇچى! پارتلىتىۋەت قارىچۇقلىرىمنى! ھاك كۆركەملىكى ئاستىدا قەلبىم خۇشال سايرىماقتا، قۇشقاچ كۈيلىمەكتە:«ئەي قېرىلىق!» دەريالار ئۆز ئېقىنلىرىدا گويا خوتۇنلار چۇقانلىرىدەك، بۇ دۇنيا قۇربانلىق قويىنىڭ تېرىسىدىن ئارتۇق گۈزەل!

    مانا، تاملىرىمىزدىكى بۇ قەغەزلەر تارىخى تولىمۇ كاسكى، چۈشلەردىكىدىنمۇ ئارتۇق پاك سۇغا شۈكرى، ئاڭا شۈكرى، چۈش ئەمەستە چۈنكى ظذ! روھىمدىن يالغانچىلىق تېشىپ تۇرار، گويا بايان تالانتىدا يېنىك كۈچلۈك دېڭىز كەبى! مېنى ئۆتكۈر پۇراق قاپلىماقتا. شەيئىلەر ھەقىقىي ئۈستىدە گۇمان قوپماقتا. ئەگەر كىمىكى بۇ يەردە ھەسرىتىدىن شادلانسا، خالايىققا سازايى قلىنسۇن! مېنىڭچە ئۇ ئۆلتۈرۈلسۇن، بولمىسا بىر ئىسيان يۈز بېرىدۇ.

    تېخىمۇ ياخشىراق ئېيتقاندا: بىز سېنى، ئەي بايانچى، ساناقسىز پايدىمىزدىن ئاگاھلاندۇرىمىز. بۇغۇزلاردىكى ئاجىز دېڭىزلار شۇنچە قۇرۇنغان بىرەر قازىنى زادى ئۇچراتمىغان. شاراب ھاياجانلاندۇرغان، قارا چىۋىنگە تولغان ئۇۋىدەك غۇڭۇلدار زەبەردەس يۈرەك كۆتۈرگەن ئادەم مۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا تەڭشەلمەكتە:«گۈللەر، قىزغۇچ شادلىق:  رىغبىتىم ئۈچۈن كەڭرى، كىم بۇ ئاخشام زورلۇق بىلەن ئاڭا چەكلەر قويغۇسى؟... ھېكمەتكارلارنىڭ قەلبىدە زوراۋانلىق، كىم بۇ ئاخشام ئاڭا چەكلەر بېكىتكۈسى؟...» پالانىنىڭ ئوغلى پالانى، كەمبەغەل كىشى، چۈشلەر ۋە ئالامەتلەر ھاكىمىيتىنى ئۆرلىمەكتە.

    تاپانلاردا سېرىق رەڭ پەيدا قىلغان ھالدا، ھەر بىر ئىرق خەلقلىرى ماڭىدىغان يوللارنى ئېچىڭلار: شاھزادىلەر، ۋەزىرلەر، بادام ئاۋازلىق سەردارلار، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلار، چۈشتە ئۇنى-بۇنى كۆرگەنلەر...خوتۇنلارنىڭ ھايۋاناتلارغا بولغان مەيلىگە قارشى، موللىتاپقاق ئۆز قانۇنلىرىنى بېكىتتى. تىلشۇناس مۇنازىرە ئورنىنى ئوچۇق ھاۋادا تاللىدى. گۈزەل مەخمەلدىن تىكلىگەن يېڭى كىيىمنى كونا دەرەخكە ئاستى سەيپۇڭ. جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار كىشى سۈزۈك سۇدا كىيىملىرىنى يۇماقتا. ئۇرۇق كىشىنىڭ ئېغىنى كۆيدۈرۈپ، ئۆز ئورنىدا پۇرايدۇ كېمىچى، بۇ پۇراق ئاڭا شۇنچە مېزىلىك.

    ئارپا ئۇرۇشقا چىقماقتا كىشى، مېنى كۈچلۈك پۇراق چۇلغىتماقتا، «جابال»دىكىدىن تىنىق بۇ سۇ باشقا دەۋرنىڭ غۇلغۇلىسىنى پەيدا قىلماقتا...پەينەكباش يىلنىڭ ئۇزۇن بىر كۈنى، قەدەملىرىمگە كۈچلۈك ئەگىشىپ كەلگەن كىملىكىمنى بىلمەي، چىم ئاستىدا توپىنى كۈيلەيمەن. قۇم، سۈيدۈك ۋە زېمىن تۇزى ئاستىدا ياتقان مۇردىلاردىن، مانا، قۇشقاچلارغا دېنى بېرىلگەن باشاقسىمان نەرسە چىقماقتا. روھىم، ئۆلۈم دەرۋازىلىرىدىكى بۈيۈك چۇقاندا تۈنىمەكتە روھىم.

    −بىراق، شاھزادىگە ئېيتقىن جىمىقسۇن: تۇلپارنىڭ بۇ باش سۆڭىكى ئارىمىزدىكى تىغ ئۇچىدا!

     

    4

     

    مانا بۇ دۇنيا پويىزى، ئاڭا نىسبەتەن پەقەت ياخشى گەپلا بار شەھەر ئاساسى. تاش ۋە مىس. تاڭدا يانتاق ئاتەشلىرى ئوبورنى ۋە سەنەملەر تەكتىدەك مايلاشقان بۇ بۈيۈك يېشىل تاشلارنى يالىڭاچ يېرىگىچە بايقىماقتا. تۈتۈنىمىز تەگكەن دېڭىز يولۇچىسى زېمىننىڭ ئۆز  پەللىسىگە شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆردى. (دېڭىز ئۈستىدە بۈيۈك چىم يانغىنلىرى ۋە تىرىك سۇلارنى تاققا سۆرەش ئىشلىرى كۆرۈنمەكتە).

    مانا مۇشۇنداق تىكلىنىپ، شەھەر سەھەر پەيتىدە پاك بىر ئىسىمنىڭ لەۋ ھەرپلىرى ئاستىغا قويۇلدى. تۆپۈلىكلەردىكى چېدىرلار يوقىماقتا! دۇنيا ياشلىقىدا بىزدەك يالاڭباش، يالاڭئاياغ، ياغاچ راۋاقلاردا تۇرغانلارنى نېمە كۈلكىگە قىستايدۇ، بەلكى بىزنى ئورۇندۇقلىرىمىزدا نېمە كۈلكىگە قىستايدۇ، قىزلار ۋە خېچىرلار پاراخۇتتىن چۈشۈۋاتقان شۇ پەيتتە؟

    نېمە دەيمىز، سۈبھىدىن باشلاپ، نىقابلار ئاستىدىكى بۇ پۈتۈن خەلق ھەققىدە؟−بۇغداي ئىمپۇرتلىرى!...ئاسماننىڭ ئاق تاۋۇسى ئاستىدا توساقتىن ئۆتكەن،«ئېلىيۇن»دىن يۈكسەك يەلكەنلەر ئۆلۈك ئېشەك لەيلەپ قالغان بۇ ئىشسىزلىق نۇقتىسىدا توختىماقتا ئىدى. (ئۆزىنىڭ ھايۋانىي سۈيىدە يانجىپ كەتكەن چېكەتكە رەڭگىدەك ۋە تەقدىرسىز بۇ ئۆلۈك دەريا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش –مانا بۇ مەسىلە).

    تۆمۈرچىلەر ئۆزگە ساھىلدا بۈيۈك سوغۇق چۇقان ئىچرە ئۆز ئاتەشلىرىگە خوجا. قامچا قاسلىرى يېڭى كوچىلاردا ئېتىلمىگەن كۈلپەت ئىدىشلىرىنى بوشاتماقتا. ئەي خېچىرلار، ئەي مىس قىلىچ ئاستىدىكى زۇلمەتلىرىمىز. تۆكۈلگەن ئالىقاندىكى قۇياشلىق تۆت باش سۈزۈك ئاسمانغا تىرىك بىر شاخ ئورناتماقتا. پاناھگاھ قۇرغۇچىلار بىر دەرەخ ئاستىدا تۇرۇشماقتا، بەزىلەرنى تاللاش ئۈستىدە ئويلاشماقتا. قۇرۇلۇش نېمە، غايىسىچۇ، بۇنى ماڭا ئۆگىتەر ئۇلار؛ شانلىق ئالدى كۆرۈنۈش، گاچا ئالدى كۆرۈنۈش، قاتتىق قىزىل توپا راۋاقلار، قاراتاش كارىدورلىرى، كۇتۇپخانىلار ئۈچۈن سۈزۈك سايە كۆللىرى، دورا-ئوكۇللار قويۇلىدىغان يېڭىچە قۇرۇلۇشلار، ئاندىن كېلەر ئاچقۇچلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بانكىرلار. كوچىلاردا يالغۇز بىر كىشى، تەڭرىلىرىنىڭ سانىنى چېكىسىگە سىزىۋالغانلار ھەققىدە يالغۇز ناخشا ئېيتىشقا باشلىغانىدى.(ئەخلەتلىك بۇ مەھەللىدە ھاشاراتلارنىڭ شىرىلداشلىرى داۋاملىق!). ئۆزگە ساھىل كىشىلىرى بىلەن قۇرغان كېلىشىملىرىمىز. كۆزىلاردا بېرىلگەن سذ، پورت ئىشلىرى چەۋەندازلىرىنىڭ نېسىۋىلىرى، ئۆز ھەقلىرىگە بېلىق ئالغان شاھزادىلەر، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە سىلەرگە سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا زادى ماجال يوق.(مايمۇنلار ئۆلۈمىدەك ھەسرەتلىك قىزچاق−ئۇلۇغۋار ھۆسنىگە باي تۇنجى سىڭىل−بىزگە ھالرەڭ يىپەك ئاياغدا قۇش تەقدىم قىلىۋاتقانىدى.)

    ...تەنھالىقنى دەيمۇ! بۈيۈك دېڭىز قۇشقىچى تۇغقان كۆپكۆك تۇخۇم. سەھەردىكى دېڭىز قولتۇقلىرى ئالتۇن لىمون بىلەن تولغان−ئۇ تۈنۈگۈن بولغان ئىش! كەتتى قۇشقاچ.

    ئەتە تويلار، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، ئەسىرلىك دەرەخلەر تىكىلگەن كوچىلار ھەمدە يوللار ئىدارىسى تاڭدا ئۆلۈك خورما دەرىخىنىڭ بۈيۈك پارچىلىرىنى ۋە بۈيۈك قاناتلار چېقىقلىرىنى توشىماقتا...ئەتە تويلار، پورت ھاكىملىرى سايلىمى، شەھەرنىڭ چەت رايونلىرىدا مۇزىكا-تەڭكەش، بوراننىڭ ئىللىق باغرىدا شۇدەم بۇ سېرىق شەھەر.

    سايىگە تولغان ھەمدە ئۇنىڭ قىزلىق شەرۋاللىرى دېرىزىلەردە.

    ...ئۈچىنچى ئاي تولۇنلىقىدا، دۆڭلەر چوققىلىرىدا تۈنىگەنلەر توقۇلمىلىرىنى يىغىشتۇرماقتا. قۇملاردا كۆيدۈرۈلمەكتە ئايال بەدىنى. بىر كىشى قۇملۇق ئېغىزىغا ئىلگىرىلىمەكتە−ئاتىسىنىڭ كەسپى: ئەينەك قۇتىلار سودىگىرى.

     

    5

     

    يىراق ئىشلارغا ئارىلاش روھىم ئۈچۈن، شەھەرلەردىكى يۈزلىگەن ئاتەشلەرنى كۈچەيتمەكتە ئىتلار ھاۋشىشى...

    تەنھالىق! قوللانغان ئۇسۇللىرىمىزنى يوچۇن ھەمدەملىرىمىز كۈيلىمەكتە ئىدى، ئەمما ئويلىرىمىز ئۆزگە سېپىللار يېنىدا ئايلانماقتا:

    «بىراۋغا كۈتكىن دېمىدىم ھەرگىز...پاك شەكلىدە ھەممىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن...سىلەر بىزدىن خۇلاسىلىغان بۇ ناخشىغا نېمە دەيسىلەر؟!»

    ئۆلۈك دېڭىزلارغا ئاپىرىلىدىغان، ئەي تەسەۋۋۇردىن قۇرۇلغان خەلق ئەخمەقلىقى، قەيەردە تاپارسەن كۆزلىرىمىزنى يۇيار بولغان تۈنسىمان سۇنى؟

    تەنھالىق!...دۇنيا قىرغىقىدا يۈرۈشمەكتە بىر توپ يۇلتۇزلار، كۆنگەن ئۆي سەييارىسىنى ئاشخانىلاردا ئىستېلا قىلىشماقتا.

    بىرلەشكەن ئاسمان شاھلىرى ئۆگزەمدە ئۇرۇش ئېلىپ بارماقتا، ئۇلار، يۈكسەكلىكلەر خوجايىنلىرى سۈپىتىدە، لاگىرلىرىنى ئۆگزەم ئۈستىگە قۇرۇشماقتا.

    كېچە سەلكىنلىرىگە جۆر بولۇپ، يولغا تەنھا چىقاي، چاقچاقچى شاھزادىلەر ئارا،«بىيالىد»نىڭ چۈشلىرىدە!...

    ئۆلۈك قىزلار قىزىللىقىغا جىمجىت قوشۇلغان روھ! كۆز قاپىقىمىز بىگىز بىلەن تىكىلگەن، كىرپىكلىرىمىز ئاستىدا ئۇلۇغلانسۇن كۈتۈش!.

    تۈن ئۆز سۈتىنى تەقدىم قىلماقتا، ئوبدان ھەزەر ئەيلەنسۇن ئۇندىن! بەدخەجنىڭ لەۋلىرىگە ھەسەل بارماق يانداش قويۇلسۇن:

    «...ئەي ئايال مېۋىسى، ئەي ‹سەبا› قىزى!...» كەم مۆتىدىل روھقا يۈز ئۆرۈپ، تۈننىڭ ۋابالىق ساپ پۇراقلىرىدىن رىغبەتلىنىپ، چۈش پائالىيىتىگە قارشى ھالدا پىكىرلىرىمنى يۈكسەلدۈرىمەن، سەھەرنىڭ تەمسىز پۇرىقىدا ياۋۇز غاز بىلەن بىرگە ماڭىمەن!...

    −مانا! دېرەكلەر مەھەللىسىدە يۇلتۇز قاراڭغۇلاشقان ئاشۇ چاغ، يېڭى تىغلارنىڭ قۇملۇقتا ياز چاقماقتاشلىرىنى قوغلىشىنى بىلگەن بولارمىدۇق؟ «رىۋايەت قىلغانىدىڭ، ئەي تاڭ...» ئۆلۈك دېڭىزلار ساھىللىرىدا تەرەت!

    بىپايان پەسىلدە يالىڭاچ ئۇخلىغانلار زېمىن ئۈستىدە كۆپلەپ قوپۇشماقتا−سەپ-سەپ بولۇپ قوپۇشماقتا، ۋارقىراشماقتا.

    نېمىدېگەن بىخۇد بۇ دۇنيا!...سېرىق نۇردا كۆزلىرىنى چىمچىقلىتار چال، تىرنىقىنى تىرەپ يەرگە كېرىلمەكتە ئايال، تېنى چاپلاشقان تاي ئۆزىنىڭ ساقاللىق ئېڭىكىنى كۆزىنى ئويۇۋېلىش تېخى ئېسىگە چۈشمىگەن بالىنىڭ قولىغا قويماقتا...

    «تەنھالىق! بىراۋغا زىنھار كۈتكىن دېمىدىم...بۇ يەردىن كېتىمەن ئەگەر خالىسام...»−يېڭى ئويلىرىدا بېزەلگەن شۇ يوچۇن ئادەم سۈكۈنات يوللىرىدا ئەتراپىغا يەنىلا قوشۇن يىغماقتا: ئۇنىڭ كۆزلىرى شۆلگەيگە تولغان، ئۇندا ئىنسانىي جەۋھەر قالمىدى. زېمىن ئۆزىنىڭ قاناتلىق دانلىرىدا سەپەر قىلماقتا، گويا شائىر ئۆزىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا سەپەر قىلغاندەك...

     

    6

     

    مەيىن كەبى روماللارغا ئورالغان ئەتىرلىك قىزلىرىمىز بىلەن بىرگە، بۈيۈك ھەربىي ھۆكۈمەتلىرىمىزدە باتۇرلارچە، قۇردۇق يۈكسەك جايدا سائادەت ئوردىسىنى.

    مولچىلىق ھەم باياشاتلىق، سائادەت! «مېمنۇن» كەبى كۈيلەشكە قادىر بولسا ئەينەك، ئۇندا بىزنىڭ قەدەھلىرىمىز قالغانغا قەدەر...

    رەستىلەرنىڭ بۇرجىكىدە، چاقماقلاردىن پۈتۈلگەن ئۇرۇشنى ئېزىقتۇرغىنىمدەك، دېدەك قىزلارنىڭ قولىدىكى ئالتۇن تاۋاقلار دۇنيانىڭ چەت جايلىرىدىكى قۇملار ھەسرىتىنى ئورىماقتا ئىدى.

    ئاندىن، بولغانىدى غەربتە شامال يىلى، قارا تاشلاردىن قوپۇرۇلغان ئېغىر ئۆگزىلىرىمىزدە قاينام شادلىقىغا تارتىشىپ ماڭغان يەلكەنلەردە تولۇق ئىرادە. گۈزەل زامانغا ماس ئاپەتلەرنى تىغلىرىنىڭ تەرەپلىرى بىلەن باققان، نۇرلۇق كۆسەيلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، دېڭىزسىمان كاللىلىق چەۋەندازلار دېڭىزلارغا يالقۇنلۇق خەۋەرلەرنى يايماقتا:

    چوقۇم! ئاۋام ئۈچۈن بىر تارىخ، ئاۋام ئۈچۈن قۇۋۋەت ناخشىسى، گويا، تۆمۈر دەرەختە قاينام تىترىشىدەك!...ئۆزگە قىرغاقلاردا ئاتا قىلىنغان شەرىئەتلەر، ئەيشى-ئىشرەتلىك خەلقلەر ئارا ئاياللارنىڭ كېلىشىملىرى، قۇياش كرىزىسى ئاستىدا ئوچۇق بازاردا سېتىلغان بۈيۈك دىيارلار، گۈللەرنىڭ بايرام ھىدىدا، تىنچلىقپەرۋەر ئېگىز دۆڭلەر ھەم مۇكاپاتقا ئەرزىيدىغان ئىقلىملار...

    تۇغۇلىشىدا بۇنداق چوغنى پۇرىمىغانلار نېمە قىلىدۇ ئارىمىزدا؟

    ئۇلار بىلەن ياشاشتا ياكى بارمۇ ھاياتلىق؟ «يوقلۇق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش مېنىڭ ئەمەس، سېنىڭ ئىشىڭ...» بىزدەك ئەنە ئاشۇ يەردە بولغانلارغا كەلسەك، ھەيران قالارلىق ۋەقەلەرگە  سەۋەبچى بولدۇق، ئىشلىرىمىزدا كۈچىمىزنىڭ چېكىگە يەتكەندە، شادلىقىمىز ئاراڭلاردا تولىمۇ ئۇلۇغ شادلىق ئىدى:

    «تاغ يانتۇلىرىغا جايلاشقان بۇ سۇلالىنى بىلىمەن: غىزا ماددىلىرى چىقىرىدىغان يەردە ھاياجانغا چۈشكەن چەۋەندازلار. سىلەر بېرىپ دەڭلار ئۇلارغا: بىز بىلەن چوڭ خەتەرگە ئۇچرايسىلەر! بىمۆتىدىل سانسىز ئىشلار، كۈچلۈك ھەمدە ھەددىدىن زىيادە ئىرادىلەر، باراڭدىكى بىر ساپاق ئۈزۈمدەك ھىيلىگەر ئادەمنىڭ ھاكىمىيىتى...سىلەر بېرىپ ئوبدانراق دەڭلار: ئادەتلىرىمىز زوراۋانلىققا، ئىسيانكارلىق ئۇرۇقلىرىدىكى مەزمۇت چاققان تۇلپارلىرىمىز ھەمدە كۈندۈز قورقۇنچلۇقى پۇراۋاتقان قالپاقلىرىمىز...قەپەسلەردە ۋىچىرلاۋاتقان قۇشقاچلاردەك نۇرغۇن ئائىلىلەرنى تۈزىدىغان، ئۆرپ-ئادەتلەرنى قايتۇرۇۋالىدىغان ھارغىن دىيارلاردا، كۆرۈسىلەركى، تۇرمۇش يوللىرىمىزدا، كەڭرى قوتانلارغا خەلقلەرنى يىغقۇچىنى، تامغىلارنى يۇقىرى ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلغۇچىنى. شەرىئەتلىرىمىز ئاستىدا يىگىرمە خەلق بارلىق تىللاردا سۆزلەشمەكتە...

    «سىلەر زوقۇڭلارنىڭ تارىخىنى بىلىسىلەر: نامرات سەردالار مەڭگۈلۈك يوللاردا، توپ-توپ بولۇپ كەلگەن قېرىنداشلار يىلىنىڭ پۈتۈن ئەركەك ئاھالىسىنى ھاسا تايانغان تەڭرىلىرىگە قوشۇپ بىزگە تاپشۇرماقتا، شىمال قۇملىرىدا يىقىلغان شاھزادىلەر، ئۇلارغا ئەگەشكەن قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىمان ئىشەنچىسى بىلەن بىزنى چۈمكىمەكتە،−تەلىيىمگە ئىشەنچىم كامىل−دېگەن ئەپەندى...

    ياكى توغرىسى، ئۇلارغا، تىنچلىققا ئائىت نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەيسىلەر: باياشاتلىقتا ئىستېلا قىلىنغان يۇرتلاردا، بالاغەتكە يەتكەن ئاياللار بىلەن ئاممىۋى مەيدان پۇرىقى، خورما دەرىخى ئاستىدا ئىشلىتىلگەن، سۈزۈك تامغىلىق سېرىق پۇللار، ھەربىي چىقىملار−ئاچچىق دورا-دەرمانلار ئۈستىدە ماڭغان خەلقلەر، دەريالار تۇرسىمۇ كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان بۈيۈك سودىلار، قىزلىرىنىڭ سايىسىدە ئولتۇرغان كۈچلۈك قوشنا سالىمى ھەم ئالتۇن قەغەزلاردە ئالماشتۇرۇلغان رىسالىلەر، دوستلۇق كېلىشىملىرى ھەم چېگرىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، دەريا توغانلىرى ھەققىدە خەلق بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكلەر، مۇتەئەسسىپ يۇرتلاردا ھاسىل قىلىنغان باجلار! (ئامبالار قۇرۇلۇشى، ئېھراملار، ئاتلىق قوشۇنلار بىنالىرى،−قاتتىق كۆكتاشلار، قىزغۇچ قېرمىت يوللىرى−رەختلەرنى ئالدىرىماي بازارغا سېلىش، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلغان گۈل مۇرابباسى ھەم ئەسكەرلىك ھۇزۇرلىرىدا بىزگە تۇغۇلغان تاي-رەختلەرنى ئالدىرىماي بازارغا سېلىش ھەمدە چۈشلىرىمىز ئەينەكلىرىدە قىلىچلارنى داتلاشتۇرغۇچى دېڭىز، كۆپلىگەن بوش ۋاقىتلارغا ئىگە دىيارلىرىمىز تامان، قىزلىرىمىز تامان، بىر كەچقۇرۇنلۇقى، دېڭىز ئىقلىملىرىغا چۈشۈش.

    «بۇ تۇقۇلمىغا، بىزنى بىر پۈدەش بىلەن ئولتۇراقلاشقان، ئەتىر چېچىۋالغان ئاياللار...»).

    −بىزنىڭ يالغۇز تەقدىر بىلەن قورشالغان بوسۇغىلىرىمىز بەزىدە مانا مۇشۇنداق ھەمدە كۈندۈزنىڭ تېزلەشكەن قەدەملىرىدە، دۇنيانىڭ بۇ تولىمۇ كەڭ تەرىپىدە، ھاكىمىيەت بىزنى ھەر ئاخشىمى تاشلاپ كەتكەن يەردە، گۈلچەمبىرەكلەرنىڭ تولۇق تەنتەنىسى!

    بىراق، كەچقۇرۇن، تەلىيىمىز ۋە تەسىسىمىز پىلانلىرىدا، خوتۇنلىرىمىز قىزلىرىنىڭ قوللىرىدا، سۆسۈنگۈل بىلەن چالما پۇرىقى بىزنى يوقلىماقتا ئىدى.

    جىمىققان شاماللار قاقاس دېڭىز قولتۇقلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئاستا جايلاشماقتا.

     

    7

     

    جەننىتىمىزدە، بۇ سېرىق تۇپراقتا داۋاملىق ئولتۇراقلاشمايمىز...

    پادىشاھلىقتىنمۇ كەڭتاشا ياز بوشلۇق زىياپەتلىرىگە نۇرغۇن كىلىمات قاتلاملىرىنى ئاسماقتا. بىپايان ئۇپۇقلۇق زېمىن كۈل ئاستىدا تاتارغان چوغىنى توسقۇنلارسىز دۇمىلاتماقتا.

    يوقالماس نەرسىلەر رەڭگىدىكى، ھەسەل ۋە گۈڭگۈرت رەڭگىدىكى پۈتۈنلەي چىملاشقان زېمىن ئۆزگە ئايازنىڭ چىغى بىرلە يالقۇنجىماقتا−بىرلا دەرەخنىڭ يېشىل بۇلۇتىدىن ئاسمان ئۆزنىڭ سۆسۈن يىلتىز سۈيىنى چىقارماقتا.

    تاختا يۈزلۈك يارقىن ماكانى! شامال كىرپىكلىرىدە نە پاك ئۇرۇق. نۇر گوياكى ياغ.

    −كىرپىكلەر ئارىسىدىن چوققىلار يىپىغىچە تۇتىشىمەن ھەمدە ئاۋاز ئاڭلىغۇچى تاشنى، تۇز ئۇۋىسىدىكى سۈكۈنات ھەرىسىنى بىلىمەن، چېكەتكىلەر ئائىلىسىنىڭ غېمىدە قەلبىم...

    بوغۇزلىنىۋاتقان، مايسا رەڭلىك دوقىلار تىكىلگەن ياۋاش تۆگىلەر، ئۇلارنى كۆكنىڭ زىرائەت ئىنئاملىرى ئاستىدا دۆڭلەر يۈرگۈزمەكتە−تاتارغان يايلاق يېلىنجاشلىرى ئۈستىدە زۇۋانسىز يۈرگەي، چۈشلەر تۈتۈنىدە، زېمىننىڭ خەلقلەر ئۆلۈۋاتقان ئەنە شۇ ئۆلۈك توزىڭىدا ئاخىرى يېقىلغاي.

    بۇ بۈيۈك تىنچ سىزىقلار يىراق ئېھتىماللىق تومۇرلار كۆكىرىشىگە يۈزلەنمەكتە. زېمىن كۆپ نۇقتىلاردا بوران سۆسۈن گۈللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزمەكتە؛ مانا بۇ قۇم تۈتۈنى ئۆلۈك دەريالار ماكانىدا ئۆرلىمەكتە، گويا سەپەر قىلىۋاتقان ئەسىرلەر پارچىلىرىدەك...

    ئۆلۈكلەر ئۈچۈن تولىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا، تولىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا كۈندۈزدە. كۆپتۈر كىشى قەلبىدە ساپلىق، شۇ كىشىنىڭ سەۋىيىسىنى كۆرۈشكە روھ ئىنتىلگەنمىدۇر؟...«ساڭا خىتاب قىلماقتىمەن، ئەي روھىم!−ئەي، تۇلپارنىڭ ئەتىرلىك خاتىرىسىگە چۆمگەن روھىم!» ئەنە، قۇرۇقلۇقتىن بىر قانچە بۈيۈك قۇشقاچلار غەربكە سەپەر قىلماقتا، دېڭىزدىكى قۇشقاچلىرىمىزنى ئۇستىلىق بىلەن دورىماقتا.

    ئەمالار كىيىملىرىگە ئېتىلگەن مۇقەددەس ماكاندەك، شىددەتلىك تاتارغان ئاسماننىڭ شەرقىدە، تىپتىنچ بۇلۇتلار ئاتلىنىشقا تەمشەلمەكتە، سۇناي ۋە ئاقچاشكا چايانلىرى ئۇندا ئايلانماقتا...شامال بىزدىن تالىشىۋاتقان ئەي تۈتۈن! پۈتۈن زېمىن ئۆزىنىڭ ھاشاراتلىرىنى يىغىۋېلىشقا ئىنتىزار، زېمىن ئاجايىپلارنى تۇغار...

    چىڭقى چۈش پەيتى، ياۋا ئۈزۈم دەرىخى قەبرىلەر چەكلىرىنى چاققاندا، ھېلىقى كىشى كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بېشىنىڭ كەينىنى ئەسىرلەردە قۇرىتىدۇ...ئۆلۈك توزان ماكانىدىكى ئەي چۈش چەۋەندازلىرى، ئەي شامال بىزگە چاچقان كېرەكسىز يوللار! تاپىمىز قەيەردە، دەريالار تويلىرىدا دەريالارنى كۆزەت قىلغان جەڭچىلەرنى قەيەردىن تاپىمىز؟

    زېمىن ئۈستىدىكى بۈيۈك سەيياھ سۇلار چۇقانىدا، بارلىق زېمىن تۇزى چۈشلىرىدە ئۆرتەنمەكتە. توساتتىن، ئاھ! بىزدىن توساتتىنلا نېمە كۈتىدۇ بۇ ئاۋازلار؟ ئەينەكلەرسىمان بىر خەلقنى دەريالار مۇسكۇلىغا كۆتۈرۈڭلار، كەلگۈسى ئەسىرلەردىمۇ ياشىغاي! مېنىڭ شان-شۆھرىتىم ئۈچۈن تاش تىكلەڭلار، تاش تىكلەڭلار سۈكۈنات ئۈچۈن، يېشىل مىس بەيگىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىپايان يوللىرىدا  بۇ ماكانلارنى كۆزەت قىلغاي!...

    (بۈيۈك قۇش سايىسى يۈزۈمنى سىلىماقتا.)

     

    8

     

    بايتاللارنى سېتىش توغرىسىدا قانۇنلار، ئازغان قانۇنلار. ھەمدە بىز ئۆزىمىزدۇرمىز.(ئىنسانىيەت رەڭگى.)

    سەپەر قىلىۋاتقان بۇ سۇسىمان تۈۋرۈكلەر بىزنىڭ رەپىقلىرىمىز، گويا سۇ سائەتلىرىدەك يەردە ئاقماقتا، ھاشاراتلار بىلەن توزاندىن توقۇلغان ھەمدە ئاجايىپ جەۋھەرگە ئىگە تەنتەنىلىك يامغۇر شارقىراشلىرى قۇملاردىكى سەپىرىمىزنى سېلىق بېجىدەك قوغلىغانىدى.

    (ئۇندا يۈرەكلىرىمىز سەۋىيىسىدە كۆپلىگەن ماھىر سۈكۈنات بولغان!)

    *                *               *

    جەريان ئۈنۈمسىز بولغانلىقىدىن ئەمەس: ئەھدىلەرسىز ھايۋاناتلار قەدىمىدە(بىخسىمان كۆزلۈك ئەنئەنىۋى تۇلپارىمىز)، روھ زۇلمەتلىرىدىكى نۇرغۇن ۋەدىلىك شەيئىلەر−روھ پاسىللىرىدا ئالدىرىمىغان نۇرغۇن شەيئىلەر−تەبىرلەرگە قويۇلغان زېمىن بىلەن تاش تاغلار ئىسقىرىقىدىكى ياۋا ئىتسىمان ئۇلۇغ تارىخلار...

    يەنە بىر نەرسە: بۇ سايىلەر−يەرگە بولغان بۇرچىغا نىسبەتەن ئاسماننىڭ چاتاق چىقىرىشلىرى...

    مۇشۇنداق كىشىلىك ئائىلىلەر ئارا ئەي چەۋەندازلار، ئۇندا ئۆچمەنلىكلەر گاھىدا تورغايلاردەك كۈيلىگەنىدى، سائادەتكە ئاختا بولغان تۇلپار سۆزلەرگە قامچا كۆتۈرىمىزمۇ؟−ئەي ئىنسان، بۇغداي بىلەن ھېسابلىنىدىغان يۈكۈمنى مىزانغا سال. دىيار−مانا بۇندا مېنىڭ ئەمەس. دۇنيا ماڭا چىمدىن بولغان بۇ ھەرىكەتتىن ئۆزگە نېمە ئاتا قىلدى؟...

    *               *                *

    ھەتتا قاقشال دەرەخ ماكانى دېيىلگەن ماكان:

    ئېچىرقىغان چاقماق غەربتە بۇ ئىقلىملارنى ماڭا ئايرىپ بەرمەكتە، بىراق ئەڭ بۈيۈك بوش ۋاقىتلار ئۇنىڭ ئارقىسىدا، بۈيۈك بىر دىياردا.

    ئەسسىز چىمدىن، سۈبھى بىلەن ئاتەش ئارقىلىق، رىشتىلەرسىز ۋە بايراملارسىز يىل بېزىلىشىدۇ.

    (سەھەردە، قارا قوي قەلبى قۇربانلىقى.)

    *                 *                   *

    ئەي دۇنيا يوللىرى، تەنھا ئادەم سەندە ماڭىدۇ. زېمىننىڭ بارلىق ئىشارىلىرىگە ھۆكۈمرانلىق.

    ئەي سېرىق شامالدىكى سەپەرگار، ئەي روھ تەمى!...سەن دېگەندەك كەيپ قىلغۇچى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە زەھەرلىك ئۆسۈملۈك يانجىپ تاشلانغاي.

    *                  *                 *

    زوراۋانلىقنىڭ ئۇلۇغ پرىنسىپى خاراكتېرلىرىمىزنى ئەزمەكتە ئىدى.

     

    9

     

    بىز غەربتە سەپەر قىلغان تولىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، پانىي شەيئىلەردىن نېمە بىلەر ئىدۇق؟...ھەمدە توساتتىن قەدەملىرىمىزدە تۈتۈننىڭ بېشى.

    −ياش خوتۇنلار! ئۆزىنى ئۇلار بىلەن ئەتىرلەنگەن ھالدا كۆرۈش يۇرت تەبىئىيتىگە ماس كېلىدۇ:

    «...ئۆلۈكلەر تارقىشىدا چۇقان كۆتۈرگەن تۇل خوتۇنلار ھەمدە بۈيۈك ھارارەت زامانلىرى ئارقىلىق سېنى ئاگاھلاندۇرىمەن.

    سۈكۈناتنى تەربىيىلەش بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە قېرىۋاتقانلار ئېگىزلىكلەردە ئولتۇرغان ھالدا، ئوچۇق قىرغاقلار ئارىسىدىكى كۈندۈز شۆھرىتى ئۈستىدە، قۇملار ئۈستىدە پال ئاچماقتا؛

    بىراق ئاياللارنىڭ بېلىدىكى لەززەت يېتىلمەكتە، چىشلىق جىسىملىرىمىزدا قارا ئۈزۈم خېمىر تۇرۇچىدەك نەرسە، ئۆزىمىز بىلەن بىللە راھەت يوق بىزگە.»

    «...چۈشلىرىمىزدىكى يوپۇرماقلار شادلىقى ھەمدە بۈيۈك نېسىۋە زامانلىرىدىن ساڭا بېشارەت بېرىمەن.

    «بۇلاقلارنى بىلىدىغانلار بىز بىلەن بىللە بۇ سۈرگۈنگاھتا؛ بۇلاقلارنى بىلىدىغانلار، بىر ئاخشىمى، قايسى قوللار ئاستىدا، بەللىرىمىز تەكلىرى سىقىلىدىغانلىقىنى، جىسىملىرىمىز ئېچىرقاشقا تولىدىغانلىقىنى بىزگە دەرمۇ؟ (ئايال ئەر بىلەن چىمدا ياتتى، قۇپار، ئۈستى-بېشىنى تۈزەشتۈرەر، ئۇنىڭ كۆك قانىتى ئۈستىدە چېكەتكە ئۇچماقتا.)»

    «...بۈيۈك ھارارەت زامانلىرى ئارقىلىق سېنى ئاگاھلاندۇرىمەن، شۇنداقلا تۈن، ئىتلار ھاۋشۇشلىرىدا، خوتۇنلار بېلىدىن لەززىتىنى سېرىمەكتە.

    بىراق يوچۇن ئادەم ئۆز چېدىردا، مېۋىلەر بىلەن قېتىقتا قۇتلۇقلىنىپ ياشىماقتا. ئاغزىنى، يۈزىنى، جىنسىي ئەزاسىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاڭا سوغۇق سۇ بېرىلمەكتە.

    كېچىدە ئاڭا چوڭ تۇغماس خوتۇنلار بېرىلەر(هة، كۈندۈزدە تولىمۇ قاراڭغۇ!). لەززىتىنى بەلكى مەندىنمۇ قېزىپ چىقىرار.(ئۇنىڭ خوتۇنلار بىلەن ياشاش ئۇسۇلىنى بىلمەيمەن.)

    «...چۈشلىرىمىزدىكى بۇلاقلار شادلىقى ھەمدە بۈيۈك نېسىۋە زامانلىرىدىن ساڭا بېشارەت بېرىمەن.

    سەن قۇرام تاشلار ئارىسىدىن ھەسەل ماكان ئاچقاندەك، نۇردا ئاغزىمنى ئاچ، ئەگەر مەندە خاتالىق تېپىلسا قويۇۋېتىلەي! بولمىسا، لەمپىگە باراي، يالىڭاچ باراي، كوزا يېنىدا، لەمپە ئاستىدا، مېنى ئۇزاق كۆرىسەن، سەن قەبرە بۇلۇڭى رەپىقى، دەرەخ ئاستىدا جىمجىت ئولتۇرار−تۇمۇرلىرىمنىڭ قىز بالىسى−لەمپە ئاستىدىكى بىر ھاجەت ئۈچۈن كارىۋات، كۆزىدا يېشىل يۇلتۇز، سۇلتانلىقىڭ ئاستىدا بولاي! لەمپە ئاستىدا سوغۇق سۇ كوزىسىدىن باشقا دېدەك يوق!(كۈندۈزدىن بۇرۇن يېشىل يۇلتۇزنى ئويغاتماي چېقىپ كېتىشنى بىلىمەن، بوسۇغىدا چېكەتكە، ئىتلار ھاۋشىشلىرى زېمىننى قاپلار.)

    بۈيۈك نېسىۋە زامانلىرىدىن ساڭا بېشارەت بېرىمەن ھەمدە پانىي كىرپىكلىرىمىزدىكى كەچقۇرۇن شادلىقىدىن...

    بىراق ھازىر بىز تېخى كۈندۈزدە!».

    −چاقناۋاتقان كۈندۈز كەڭلىكىدە تۇرغاندا، ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق پاكىز ئۇلۇغ دىيار بوسۇغىدا، قىزلار سىيمەكتە، ھەم، كىيىملىرى ئىچىدىكى رەڭلىك توقۇلمىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.

     

    10

     

    ئالدى جەلپ قىلارلىق بۈيۈك شىلەپە تاللا. كۆز روھ ئىقلىملىرىغا بىر ئەسىر چېكىنمەكتە. ئوچۇق رەڭلىك بور ئىشىكىدىن يايلاق شەيئىلىرى كۆزگە چېلىقماقتا؛ نېمىدېگەن تىرىك شەيئىلەر، نېمىدېگەن ئالاھىدە شەيئىلەر!

    بالىلار قەبرىلىرىدە بوغۇزلانغان تايلار، كۈللەردە تۇللار سەدىقىلىرى، ئاجىزلارنى ھۆرمەتلەپ يېشىل قۇشقاچلارنىڭ مەيدانلارغا توپلىنىشلىرى؛ بىز ئاڭلاش ئۈچۈن، كۆرۈش ئۈچۈن، زېمىن ئۈستىدە نۇرغۇن شەيئىلەردە، ئارىمىزدا تىرىك شەيئىلەر!

    بۈيۈك دەرەخلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى خاتىرىسىگە ئوچۇق ھاۋادا تويلار تەنتەنىلىرى، كىچىك سازلىق ھۆرمىتىگە ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىشلار، تولۇق يۇمىلاق قارا تاشنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلۇشى، ئۆلۈك جايلاردا بۇلاقلارنىڭ تېپىلىشى، ياقىلار چۆرىسىدە ئۇزۇن تاياقلارنىڭ چۆرىسىگە ئېسىپ رەختلەرنى قۇتلۇقلاش، توي كىيىملىرى ئېلانى ئۈچۈن، قۇياشقا بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش ئۈچۈن، تاملار ئاستىدا كۈچلۈك ئالقىشلار!

    شۇنداقلا، چېكىلىرىمىزنىڭ يۇقىرىسىدا ئۆزگە نۇرغۇن نەرسىلەر: شەھەرنىڭ چەت رايونلىرىدا ھايۋاناتلارنىڭ جاراھەت لاتىلىرى، باش كېسەرلەرگە قارشى قوپقان جامائەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەشلىرى، قۇدۇق قازغۇچىلار ۋە تۇلپارلارنى ئەكتە قىلغۇچىلار، ئورما شاماللىرىدا ئويلىنىشلار ۋە ئۆگزىلەردە ئارىلارنىڭ ئۇچلىرى بىلەن چۆپلەرنى ھاۋالاندۇرۇش، قىزغۇچ كۆيۈك توپا بىلەن سېپىللارنى ۋە گۆش قۇرۇتۇشقا بالكون شەكلىدە جايلارنى ۋە موللىتاپقاقلارغا ئۆڭكۈرلەرنى ۋە پورت كاپىتانلىرىغا ئىشخانىلارنى سېلىش؛ مال دوختۇرلۇقىغا ئائىت ھەر نەرسىگە كەڭرى مەيدانلار، تاغ ئارىسىغا تۇتاش يوللار ۋە خېچىرلار يوللىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا قويۇلغانلار؛ ئىسلاھ قىلىنمىغان يەرگە پاناھگاھلار سېلىش؛ كارۋانلار يېتىپ كەلگەن چاغدىكى يېزىقلار ۋە پۇل تېگىشتۈرگىچىلەر مەھەللىلىرىدىكى كۆزەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىش؛ پوراتما ياغ ئىدىشلىرى ئالدىدا، راۋاقلارنىڭ كۆپۈپ تۇرغان نەقىشلىرى ئاستىدىكى شان-شەرەپلەر؛ قەرز چەكلىرىنى تۆلىمەسلىككە قارشى غوۋغا ؛ غېرىبلىققا تاشلانغان ھايۋاناتلارنى ۋە توپا ئاستىدىكى ئاق قۇرتلارنى ۋە ئۆلۈمگە بويالغان ماكانلاردىكى يانتاق بىلەن تىكەن ئاتەشلىرىنى قىرىپ تاشلاش؛ ئارپا بىلەن كۈنجۈتتىن گۈزەل نان چىقىرىش؛ ھەمدە ھەر يەردە ئىنسانىيەت تۈتۈنى...

    ھە! ئۇسۇللىرى ھەم قىلىقلىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك كىشىلەر: ھاشاراتلار بىلەن سۇ مېۋىلىرىنى يېگۈچىلەر، كاچاتلار بىلەن بايلىقلارنى كۆتۈرگۈچىلەر! دېھقان ۋە ئوركىدىيا تەرگۈچى؛ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلى ئۇرغۇچى ۋە تۇز ساتقۇچى جازانىخور ۋە تۆمۈرچى؛ شېكەر، ئاقچاشكا، ئاق مېتال تەڭگىلىرى، بۇلۇڭ چىراغلىرى سودىگەرلىرى؛ تېرىدىن كىيىم، ياغاچتىن ئاياغ ھەمدە زەيتۇن شەكىللىك تۈگمىلەر ياسىغۇچى؛ تېرىقچىلىققا يەر ئاغدۇرغۇچى؛ ھەمدە ئاشۇ بىكار ئادەم: بۈركۈت ئادىمى، نەي ئادىمى، ھەرە ئادىمى، ئۆز ئاۋازىنىڭ ئىنتوناتسىيىسىدىن ھۇزۇر سۈرگەن ئادەم، يېشىل تاش ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنى ئۆز خىزمىتى دەپ بىلگەن ئادەم، ئۆز ئۆگزىسىدە چىغلارنى كۆيدۈرۈپ لەززەتلەنگەن ئادەم، خۇشبۇي ياپراقلاردىن توپىدا كات ياساپ ياتقان ئادەم، ئېقىن سۇلار كۆللىرى ئۈچۈن يېشىل چاقچۇقلۇق رەسىملەرنى  ئويلىغان ئادەم؛ سەپەر قىلغان، قايتا سەپەر قىلىشنى چۈشىگەن، يامغۇرغا باي يۇرتتا ياشىغان، بىليارت ئوينىغان، ئۆسمۈر قىزلارنى ئوينىغان، قەدەھلەر ئويۇنى ئوينىغان ئادەم؛ ياكى ھېساب جەدۋەللىرىنى يەرگە يايغان ئادەم؛ كىرامىپ ئۆسۈملۈكلىرىدىن پايدىلىنىش ھەققىدە پىلانلارغا ئىگە ئادەم؛ ئۆلۈك لاچىننى شاخلاردىن قىلىنغان يۈكتەك كەينىدىن سۆرىگەن ئادەم، (پەي سېتىلمىدى، ئەمما ساداقلار ئۇندىن بېزەلدى)، بىخ توزانلىرىنى ياغاچ تۇربىلارغا سۈمۈرۈپ ئالغان ئادەم (لەززىتىم بۇ سېرىق رەڭدە، دەيدۇ)؛ بۆرىلەرنى، خورما دەرىخ قۇرتىنى، ئۈژمىلەرنى يەيدىغان ئادەم؛ ياكى يەنە، تاشنىڭ يېڭى دەزلىرىدىكى كەم ئۇچرايدىغان ئەتىرنى پايلايدىغان، قۇلىقىغا سەدەپ تىقىۋالغان، قېتىپ كەتكەن يېلىم چاينايدىغان ئادەم؛ ئايالنىڭ جىسمىنىلا ئويلايدىغان ئىشقۋاز ئادەم؛ قىلىچنىڭ چاقنىشىدا ئۆزىنىڭ روھىنى كۆرۈدىغان ئادەم؛ ھاياتىنى ئىلىم-پەنگە، مەشھۇر كىشىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئاتىغان ئادەم؛ نەسىھەتلەردە نېسىۋىلىك ھەمدە بۇلاقلارغا نام بېرىدىغان، دەرەخلەر ئاستىدا ئورۇندۇقلار ھازىرلايدىغان، ھېكمەتكارلارغا رەڭلىك يۇڭلارنى تەقدىم قىلىدىغان، ئاچا يوللارغا ئۇسسۇزلۇق ئۈچۈن، يوغان مىس داسلارنى بېكىتىدىغان ئادەم؛ يەنە مۇھىمراقى، ھېچ ئىش قىلمايدىغان ئادەم، گويا ئۆز ھەرىكەتلىرىدىكى ماۋۇ ياكى ئاۋۇ ئادەم كەبى ھەمدە باشقا نۇرغۇن شەخسلەر كەبى! ئېتىزلار ئارا قۇشلارنى تېرىۋالىدىغان ھەم ياۋا ئۈجمە تىكەنلىرى ئارىسىدىن ئالا-يېشىل تۇخۇملارنى يىغىدىغانلار، تۇلپارلىرىدىن چۈشۈپ، چەت رايونلار دەرۋازىسىغا ئويۇلىدىغان تۇتۇق كۆك تاشنى، ھېقىقنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغىدىغانلار (قۇتىلار، بۇرۇنغا سېلىپ چۈشكۈرىدىغان نەرسىلەر، مېتال قىسقۇچلار ۋە پالەچلەر قولىدىن دومىلاپ كەتكەن ساقىلار شەكلىدە)، ئۈنچە-مارجان قۇتىلىرىنى ئوچۇق ھاۋادا ئىسقىرتىپ تۇرۇپ بوياۋاتقانلار، پىل چىشىدىن ھاسا تۇتقان ئادەم، ھىندىستان قومۇشىدىن ياسالغان ئورۇندۇققا ئىگە ئادەم، قىز قوللىرىدا بېزەلگەن ناسىك ھەمدە مايمۇن باغلاشقا نەيزىسىنى بوسۇغىغا سانجىپ قويغان سەپتىن قايتقان جەڭچى...ھە! ئۇسۇللىرى ھەم قىلىقلىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك كىشىلەر ھەمدە توساتتىن! ھەر تەرەپتىن ھەر مەسىلىدە ئۆزىنىڭ ئالدى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، كەچكى كىيىملىرى بىلەن، پىستىق دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرغان رىۋايەتچى پەيدا بولماقتا...

    ئەي ئايان قىلغۇچى نەسەبكار! ئائىلىلەر ۋە نەسەبلەرنىڭ تارىخلىرى قانچە؟−بىلەرمەننىڭ  داستىخانلىرىدا، بىز ئاڭلىغاندەك، ھايات ئۆلۈكنىڭ دىلى ئەسىر قىلىنغاي، ئەگەر ئۇنىڭ سايىسىدا ھەر نېمىنى ھەم ئۇنىڭ دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقىمىغان بولسام: كىتابلار ۋە يىلنامىلارنى ساقلاش ئۆيلىرى، ئاسترونوم خەزىنىلىرى ھەم دەپنە قىلىنىدىغان ئورۇن ھۆسنى، خورما دەرىخى ئاستىدا، مادا ئېشەك بىلەن ئۈچ ئاق مېكىيان ئورۇنلاشقان ناھايىتى قەدىمىي ھەيكەللەر−كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئويۇن مەيدانى كەينىدە، يول ئۈستىدە نۇرغۇن پىنھان شەيئىلەرنى: مەن چۈشەنمەيدىغان رىۋايەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان لاگىرلار، دۆڭلەردىكى خەلقلەرنىڭ پاھىشىلىرى ھەم دەريالاردىن پلاستىك قاپاقلار بىلەن ئۆتۈش، ئەھدىلەر مەكتۇپلىرىنى كۆتۈرگەن چەۋەندازلار، تەكلەردىكى يوشۇرۇنالغۇ، ئاچاللار چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى بۇلاڭچىلار پىلانلىرى ھەم ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئېتىزلاردىكى ھىيلىگەر، كېلىشىشلەر ۋە سۇيىقەستلەر، بالىلارنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئورماندىكى ھايۋاناتلارنىڭ بىر-بىرىگە مىنىشلىرى، بۇقىلار ئېغىللىرىنىڭ تىرەن يېرىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ كېسەلدىن كېيىنكى دەم ئېلىشى، دەرەخ ئاستىدا ئىككى كىشىنىڭ تىمتاس سۆھبەتلىرى...

    بىراق يەر ئۈستىدىكى كىشىلەر پائالىيەتلىرىدىن باشقا، يەنە، سەپەر قىلىۋاتقان ئىشارىلەر نۇرغۇن، سەپەر قىلىۋاتقان ئۇرۇقلار نۇرغۇن، ھەمدە گۈزەل ۋاقىتنىڭ خېمىرى ئاستىدا، زېمىننىڭ ئۇلۇغ تىنىشىدا، ئورمىنىڭ پۈتكۈل پېيى!...

    ھەتتا، چىشى يۇلتۇز تۇرغان كەچقۇرۇن لەھزىسىگىچە، ئاسمان يۈكسەكلىكلىرىدە ئىگىلىگەن پاك نەرسە مەۋجۇت...

    ئەي تېرىلغان چۈش  تۇپرىقى! كىم ئۇ قۇرۇلۇش ھەققىدە سۆزلەۋاتقان−بىپايان مۇساپىلەرگە پارچىلانغان زېمىننى كۆردۈم، شۇنداقلا ئويۇم دېڭىزچىدىن زادى غەپلەتتە ئەمەس.

     

    ناخشا

    تۇلپارىم كەپتەرلەرگە تولغان دەرەخ ئاستىدا تۇرماقتا، پاك ئىسقىرتىمەن، ھەتتا، بارلىق بۇ دەريالارنى ئۆز قىرغاقلىرىغا ۋاپا قىلدۇرۇشقا قادىر ھېچقانداق ۋەدىلەر يوق.(سەھەردىكى تىرىك ياپراقلار شان ئوبرازىدا)...

    *                  *                   *

    ھەمدە بۇ، ئاشۇ كىشى پەرىشان بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ظذ، سۈبھىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېڭىكىنى ئاداققى يۇلتۇزغا تىرەپ، بىر قەدىمىي دەرەخ بىلەن سۆھبەتلىشىپ مەزمۇت ئولتۇرغاندا، تېخى ناشتا قىلماي تۇرۇپ، ئاسمان چوڭقۇرلۇقلىرىدا لەززەت ئارىلاش ئۇلۇغ سۈزۈك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ...

    *                   *                  *

    تۇلپارىم بۇقۇلداپ سايراۋاتقان دەرەخ ئاستىدا تۇرماقتا، شۇنچە پاك ئىسقىرتىمەن...بۇ كۈندۈزنى زادى كۆرمىگەنلەرگە، ئەگەر ئۇلار ئۆلىدىغان بولسا، تىنچلىق نېسىپ بولغاي. بىراق، مانا، شائىر قېرىندىشىمدىن ئۇچۇرلار. ئۇمۇ يەنە ساپ نەسرلەرنى يېزىپتۇ. بەزىلەر ئۇنى ئوقۇپ چىقىشتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.