كونا كىتاب ساتقۇچى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-27 09:52:13

كونا كىتاب ساتقۇچىئادىل تۇنىيازئۆزى كونا گۆردىن چىققاندەك،كۆزى يېڭى يۇلتۇز چىققاندەك،سۆزى كىتابلاردىن چىققاندەكئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى ـــمۇقاۋىغا ئالتۇن ھەل بەرگەن،بەت چۆرىسى گۈل يوپۇرمىقى......

    كونا كىتاب ساتقۇچى
    ئادىل تۇنىياز


     
    ئۆزى كونا گۆردىن چىققاندەك،
    كۆزى يېڭى يۇلتۇز چىققاندەك،
    سۆزى كىتابلاردىن چىققاندەك
    ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى ـــ
    مۇقاۋىغا ئالتۇن ھەل بەرگەن،
    بەت چۆرىسى گۈل يوپۇرمىقى...
     

    بوۋاينىڭ يايمىسى ئاپتاپپەرەس،
    يۆتكىلەر كۈنگەي تام تۈۋىگە
    كونا كىتاب ھارۋىدا پەۋەس.
     

    تېشى يوق بىر كىتابنى ئاچتىم،
    بېشى يوق ساتىراش قىلماقتا ھۈنە(ر)
    چاچ ئالدۇرغاچ بىر ئاز مۇڭداشتىم،
    بىر پىرسۇناژمەن، ئۇ سۇئال جۈملە.
     

    سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن ناتونۇش ئادەم
    ئىچمەكتە قېتىقنى پۈۋلەپ دەممۇ-دەم.
    كىتابچى ئۆرىدى سارغۇچ ۋاراقنى
    رو چىۋىن ئوقۇدى پۇتلىرى بىلەن.
     

    رىزىۋانگۈل توقۇدى يېڭى ھىكايە:
    شاپ بۇرۇت ئەر كىتابتىن چىقىپ
    كاپ قىلىپ تۇتتى ئاپتۇرنى بەلدىن،
    مۇشۇ يەرگىچە تاپ بېسىپ كەلدىم...
     

    ئاندىن ئوردا كوچىغا ماڭدىم،
    تۈن قاغىدەك كەلدى ھەر ياندىن،
    چىقىپ كەتتىم كىتابلاردىن مەن،
    قاراڭغۇدا بارچە يوق ئادەم.
     

    يامغۇر ياغماقتا قەغەز كۈنلۈكۈم،
    تاش ياغماقتا سايىۋەن كىتاب،
    گۈل ياغماقتا ئۆلۈم گۈللۈكۈم
    كۈن يۈزلۈك يار قىلغاندا خىتاب.
     

    كىتابپۇرۇشقا ئولاشتى سايە
    ئاق ۋاراقتا قاتار قارا ئىز.
    ئالەم ــ كىتاب، ئادەم ــ ھېكايە،
    ياشاۋاتىمىز بىر كىتابتا بىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.