مۇھەببەت لىرىكىلىرى

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-05 22:34:46

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭مۇھەببەت لىرىكىلىرى٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ساداقەتجان ھاجى٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭يامغۇرلۇق كېچە٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنىئەسكە ئېلىپ سۈرىمەن خىيال.ئىككىمىزگە بولغانتى ك...



     

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مۇھەببەت لىرىكىلىرى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ساداقەتجان ھاجى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يامغۇرلۇق كېچە
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنى
    ئەسكە ئېلىپ سۈرىمەن خىيال.
    ئىككىمىزگە بولغانتى كۈنلۈك
    يول بويىدا ئۆسكەن مەجنۇنتال.

    يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنى
    چىقارمايمەن ئېسىمدىن زىنھار.
    چۈنكى شۇ كۈن جانانىم ساڭا
    قىلغان ئىدىم سۆيگۈمنى ئىزھار.

    يامغۇر ياغقان ئاشۇ بىر كېچە
    غازاڭلارغا تولغان ئىدى يول.
    لېكىن يامغۇر ئېچىلدۇرغانتى
    قەلبىمىزدە بىر جۈپ قىزىل گۈل.

    ★★★★★
    (1987-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى. قەشقەر)
    ★★★★★


    تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى.
    يېتەلمىدۇق ۋىسالغا زىنھار.
    بىلگەن بولسام بۇنى ئىلگىرى،
    قىلماس ئىدىم كۆڭلۈمنى ئىزھار.

    سەن ئازاپتا، مەنمۇ ئازاپتا.
    ئاستىمىزدا غازاڭ نالىسى.
    سۇندى ئىچمەي ۋىسال چېيىنى
    مۇھەببەتنىڭ زەر پىيالىسى.

    باھار بولۇپ ياشنىمىدى ھەم
    بىزگە مەنسۇپ مۇھەببەت پەسلى.
    ئازاپ چېكىپ قالدۇق بىمەھەل،
    تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى.

    ★★★★★
    ( 1988-يىل 15-مارت. قەشقەر )
    ★★★★★


    يېشىلگەن سىر
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    تاڭ سەھەردە كۆردۈم مەن سېنى،
    شېئىر يادلاپ يۈرۈپسەن باغدا.
    يېقىن كەلسەم سەزمىدىڭ مېنى،
    سەزدۈرمىدىم مەنمۇ شۇ چاغدا.

    سەزدۈرمىدىم مەن ساڭا زىنھار،
    سەن شېئىرغا بولغانتىڭ ئەسىر.
    قەلبىمنىمۇ قىلمىدىم ئىزھار،
    چۈنكى شۇ چاغ يېشىلگەنتى سىر.

    سۆيگۈم سىڭگەن شېئىرلىرىمنى
    باغدا تەنھا يادلاپ يۈرۈپسەن.
    ماڭا بولغان چىن ئەقىدەڭنى،
    شېئىرىمغا باغلاپ يۈرۈپسەن.

    ★★★★★
    (1988-يىل 17-مارت. قەشقەر)
    ★★★★★


    خىيالىڭنى بەر
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    كەل چېچىڭدىن رەڭ بەر كېچىگە،
    كۆزلىرىڭدىن يۇلتۇز تۆكۈلسۇن.
    شوخ بۇلاقنىڭ سىرلىق كۈيىگە
    يۈزۈڭدىن  ئاي چىقىپ چۈمۈلسۇن.

    ھىدلىرىڭنى بەرگىن شامالغا
    ياپراقلارغا پۈركۈپ ئوينىسۇن.
    خىيالىڭنى بەر مەجنۇنتالغا،
    سۇ بويىدا مېنى ئويلىسۇن.

    ★★★★★
    (1989-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى. قەشقەر)
    ★★★★★


    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم،
    مەنمۇ ھەم سېغىنىپ تۇرارمەن سېنى.
    مۇھەببەت ئالدىدا پۈكۈلگەن تىزىم،
    سۆيۈملۈك قولۇڭدا يۆلىگىن مېنى.

    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم
    ۋە لېكىن مەندىن بەك يىراقلاپ كەتمە.
    ھىچ خاتا چىقمىسۇن مېنىڭ پەرىزىم،
    ئېسىڭدىن چىقىرىپ مېنى خار ئەتمە.

    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم.
    مەيلى مەن غازاڭدەك ساغىرىپ كېتەي.
    باھار كەلسە يەنە كۆكلەيدۇ ئىزىم،
    شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ۋەسلىڭگە يېتەي.

    ★★★★★
    (1988-يىل 10-مارت. قەشقەر)
    ★★★★★


    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    تۈنلىرى خىيالەن سېغىنسام سېنى،
    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم.
    قەدەھتە چاقنىغان سۈزۈك مەي كەبى
    كۆزۈمدە يالتىراپ تۇرىدۇ شەبنەم.

    كۆزۈمدە سۆيگۈنىڭ سۈزۈك شارابى،
    ۋىسالمۇ ئەمەس ھەم ھىجرانمۇ ئەمەس.
    تۈنلىرى خىيالەن سېغىنسام سېنى،
    سۈزۈك مەي سېھرىدىن كىرپىكلىرىم مەس.

    تۈنلىرى خىيالەن سېغىنسام سېنى،
    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم.
    سەن ئۈچۈن ساقلىدىم ئارىسىدا مەي،
    ئىنتىزار قەلبىڭگە بولسۇن دەپ مەلھەم.

    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم.
    سەن ئۈچۈن ساقلىدىم ئارىسىدا مەي.
    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم،
    جانانىم شۇ مەينى ساڭا ئىچۈرمەي.

    ★★★★★
    (1988-يىل 12-مارت. قەشقەر)
    ★★★★★


    ئېزىتقۇ خىيال
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    خىياللاردىن خالىي ئىدىم ئىلگىرى،
    ئەمدىلىكتە خىيال كىرىپ ئېزىقتىم.
    سېھىرلىدى سۇمبۇل چېچىڭ تۇيغۇمنى،
    ئېزىقتۇرغان كۆزلىرىڭگە قىزىقتىم.

    قىزىقىشتا گۇمانلاندىم دۇنيادىن،
    دۇنيامۇ ھەم باقتى ماڭا گۈماندا.
    قۇياش بولۇپ چىقتىم تاڭدا ئۇپۇقتىن،
    سېنى ئېزىپ قالمىسۇن دەپ تۇماندا.

    ماڭا قاراپ چاچلىرىڭنى تارىدىڭ،
    بىراق يەنە ئېلىپ قاچتىڭ كۆزۈڭنى.
    مەغرۇرلىنىپ ئەتراپىڭغا قارىدىڭ،
    ھەم بەختىيار بىلىپ شۇدەم ئۆزۈڭنى.

    مەن ئارقاڭدىن كۆلەڭگۈدەك ئەگەشتىم،
    ماڭغان چېغىڭ لەرزانغىنە تاشلىنىپ.
    ئاھ، سېنى دەپ دۇنيا بىلەن تەگەشتىم.
    مۇھەببەتلىك خىيال شۇنداق باشلىنىپ.

    قىزىقىشتا قىزغىنىشىم كۈچەيدى،
    كىرپىك بولۇپ توسقۇم كەلدى كۆزۈڭنى.
    قان ئىچكۈدەك بولۇپ كەتتىم قانغۇچە،
    سۆيۈپ ئۆتكەن چېغى شامال يۈزۈڭنى.

    خىيالىڭغا كىلەمدىكىن ئەي جانان،
    بىر سېنى دەپ شۇنداق خىيال سۈرۈشۈم.
    قىزغىنىپ بۇ كۆزى يامان دۇنيادىن،
    نەگە بارساڭ كۆلەڭگۈدەك يۈرۈشۈم.

    مەيلى سەزگىن، مەيلى سەزمە، بەرىبىر.
    سېھىرلىدى سۇمبۇل چېچىڭ تۇيغۇمنى.
    چۈشلىرىمنى ئېزىقتۇرغاچ كۆزلىرىڭ،
    ۋەسلىڭ ئۈچۈن ھارام قىلدىم ئۇيقۇمنى.

    خىيال-قانات، خىيال-ھايات مەن ئۈچۈن.
    مەن دۇنيانى شۇ خىيالدا چۈشەندىم.
    گۇمان بىلەن قارىساممۇ دۇنياغا،
    مۇھەببەتكە گۈمان قىلماي ئىشەندىم.

    ★★★★★
    (1988-يىل 2-ئىيۇل. قەشقەر)
    ★★★★★

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ شېئىرلار «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىق 11-سانىدا ئىلان قىلىنغان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.