ۋىجدان ئازابى(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-07 01:49:49

ۋىجدان ئازابىئابدۇخالىق ئۇيغۇرجاھالەت كۈلپەتىدىن بىزگە بىركۈن كۆپ خاتا باردۇر،ئېيتىڭىزچۇ ھالىمىزنىڭ قايسىبىرىدە ساپا باردۇر؟جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،بىرىنى شاڭيو سايل...

    ۋىجدان ئازابى
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر


    جاھالەت كۈلپەتىدىن بىزگە بىركۈن كۆپ خاتا باردۇر،
    ئېيتىڭىزچۇ ھالىمىزنىڭ قايسىبىرىدە ساپا باردۇر؟


    جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
    بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.


    ئىناقلىق-ئىتپاقلىقنىڭ نىشانى قالمىدى بىزدە،
    يېڭى باشنى كۈتۈرگەندە ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.


    بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
    ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.


    بىناگاھ دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،
    يۇشۇرماي بىرگە ئوننى قېتىپ چاققانىمىز باردۇر.


    خۇشامەت بابىدا بىزدەك ماھارەت ئۇستىسى يوقتۇر،
    قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.


    ئويۇن-چاقچاق تۈپەيلى ئۆزئارا بىئەپ بولۇپ قالساق،
    ياراشماق ئورنىغا ھەدەپ ئوت ياققانىمىز باردۇر.


    يەنە يۇرت پايدىسىغا جەم بولۇش بىزدە بەسى مۈشكۈل،
    نەزىر،توي ۋە زىياپەتكە بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.


    كىرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلدۇق،
    ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.


    ئىلىم-پەن ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
    ئوقۇرمىز،ئوقۇتۇرمىز لىكىن سېغىز چايناشىمىز باردۇر.


    ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە،ئۈزەر سۇدا،
    مىنىشكە بىز تاپالماي ئات ياياق قالغانىمىز باردۇر.


    گۈركىرەپ كەلسە «ئاپتوموبىل»،«نىمە بۇ ئەي خۇدايىم»دەپ،
    ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي داڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.


    ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق دەپ قانائەت قىپ،
    ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھىجىر قۇيغانىمىز باردۇر.


    تائاۋۇن ھەم قەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
    بىلىمگە سايە قىلغاننى تېپىپ قاققانىمىز باردۇر.


    بوۋىلار شۆھرىتىنى ،غەيرىتىنى ھىچ سېغىنمايمىز،
    قېلىپ غەپلەت-جاھالەتتە تېخى پو ئاتقانىمىز باردۇر.


    مىسلى جەننەت تاغۇ دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
    ئىگىز قىرلاپ پەر ياستۇقنى بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.


    ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دەپ بىزدە بار تەمسىل،
    لويى،ئامبال،ۋاڭ غوجامنى سېمىز باققانىمىز باردۇر.


    مۇنەججىم،ئېنژىنېر،ئالىم،تەپەككۇر ئەھلى ئورنىغا،
    تونۇر سەللا،نەپسى بالا خەلپەتۇ سۇلتانىمىز باردۇر.


    ھەسەتخورلۇق،كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
    قىلدۇرۇپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.


    ئەل ۋە يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە بولمىدۇق دەرمان،
    كىلۇر بىركۈن شۇ چاغدا مىڭ تاغار پۇشمانىمىز باردۇر.


    ئابدۇخالىق بولدى قىل،ئاۋارە بولما.نالىما!
    ۋاقتى كەلگەندە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.