تەلكە تاغلىرى

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-15 18:19:43

كۆز ئېچىپ كۆرگىنىم تەلكە تاغلىرى، تاغلارنىڭ باغرىدا بوستان باغلىرى. تۆت پەسلى چىرايلىق تۆت پەسلى سۈرەت، دىللارنى لال ئېتەر ھەممە چاغلىرى.

     
     
    تەلكە تاغلىرى
     
    ھېيتەم ھۈسەيىن
     
    كۆز ئېچىپ كۆرگىنىم تەلكە تاغلىرى،
    تاغلارنىڭ باغرىدا بوستان باغلىرى.
    تۆت پەسلى چىرايلىق تۆت پەسلى سۈرەت،
    دىللارنى لال ئېتەر ھەممە چاغلىرى.
     
    ئۆكسىمەس ھەر ياندا ياڭراپ ناخشا-ساز،
    ئالتۇن كۈز، كۈمۈش قىش، گۈلگۈن باھار ياز.
    ئوڭ قولى كۆكسىدە خەلقى مېھماندوست،
    سالىدۇ يولۇڭغا گۈلدىن پايانداز.
     
    ئاھ، شۇڭا كۆڭلۈم كەڭ، باغرىم دولقۇنلۇق،
    سايرامغا چۆمۈلۈپ ئۆسكەن ئوغۇلمەن.
    تاغ گۈلى تاغ سۈيى، تاغنىڭ ھاۋاسى،
    چىن سۆيگۈ، ساپ ۋىجدان بەرگەن ئوغۇلمەن.
     
    تاغ ئاتام، تاغ ئانام، تاغ سۈيى قانىم،
    پاك مېھرى سۈيىگە قانغان ئوغۇلمەن.
    تاغ ئۇلۇغ، تاغ بۈيۈك، تاغلار مۇقەددەس،
    تاغلاردىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالغان ئوغۇلمەن.
     
    تەلكە تاغ سەن مېنىڭ ئانا ماكانىم،
    ھەر كۆرسەم ۋەسلىڭنى يايرايدۇ جانىم.
    ئاھ ساڭا تەلپۈنە يۈرىكىم دائىم،
    سەن مېنىڭ مەڭگۈلۈك بەختىم، ھاياتىم.
     
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تەلكە تاغ