ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم...(ئابدۇرېشىت ئېلى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:23:01

ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم...ئابدۇرېشىت ئېلىئوچۇق ئىدى ئىشىكىم ، مېنىئىزدەپ كەپسەن بىر كۈنى ئوماق،ئىزدەپ كەپسەن... ئۆيۈم ئىچىگەكىرەلمەستىن كېتىپسەن بىراق،شۇنىڭدىن بېرى ئىشىكىمنى مەنئوچۇق قويماس بولدۇ...

    ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم...
    ئابدۇرېشىت ئېلى



    ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم ، مېنى
    ئىزدەپ كەپسەن بىر كۈنى ئوماق،
    ئىزدەپ كەپسەن... ئۆيۈم ئىچىگە
    كىرەلمەستىن كېتىپسەن بىراق،
    شۇنىڭدىن بېرى ئىشىكىمنى مەن
    ئوچۇق قويماس بولدۇم پەقەتلا،
    ئولتۇرىمەن دىققىتىم يىغىپ،
    ئىشىكىمنىڭ چېكىلىشلىرى
    ئاڭلىنار دەپ قۇلاقلىرىمغا..،


    كېلىمەن دەپ خەت يازما

    كېلىمەن دەپ خەت يازساڭ ماڭا
    ئۈزەلمەيسەن كۆزۈمنى يولدىن،
    تۇيدۇرماستىن ماڭا يورۇق كۈن
    ۋە ياشلىقىم كېتىدۇ قولدىن،
    كېلىمەن دەپ خەت يازما ماڭا ،
    ئۆز ئىشىمغا چۆكەي مەن تېرەن.
    پۇرسەت يېتىپ كەلسەڭ بىر كۈنلەر
    خۇشاللىقتا ئۆلسەم رازىمەن،

    تومۇرۇمغا ئۇرۇلار قىيان

    ئىشىكنى چەكمەكچى بولۇپ
    خىياللارغا پاتتىم تۇيۇقسىز،
    سانىماقتا سىرلىرىمنى
    باغرىمدىكى ئۆلۈۋاتقان قىز،
    يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ كوچىدا
    قارىدىم تاملارغا چوڭقۇر ، پەرىشان
    ئابدۇرېشىت ئەسلى بىر زەردار ئىدى دەپ
    تومۇرۇمغا ئۇرۇلار قىيان،

    تۈگىمىدى بۇ شېئىر،
    لېكىن مەن ئۆيدە،..
    ئەي قەدىرلىك ئەخمىقىم
    چىكىت دېگەن تۇرار قەغەزدە،

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.