ھەر ئىككىمىز غەمكىن يوپۇرماق

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-04 22:21:10

ھەر ئىككىمىز غەمكىن يوپۇرماقساداقەتجان ھاجىنىمىگە ئامراقسەن، نىمىدىن بىزار؟نىمىگە ئۆچ بولدۇڭ ۋە نىمىگە زار؟ئېيتمىساڭ بىلمەسمەن، بىلمىسەم ئەگەر،قانداقمۇ بولىمەن ساڭا غەمگۇزار؟بەلكىم يامغۇر...



     

    ھەر ئىككىمىز غەمكىن يوپۇرماق


    ساداقەتجان ھاجى


    نىمىگە ئامراقسەن، نىمىدىن بىزار؟
    نىمىگە ئۆچ بولدۇڭ ۋە نىمىگە زار؟
    ئېيتمىساڭ بىلمەسمەن، بىلمىسەم ئەگەر،
    قانداقمۇ بولىمەن ساڭا غەمگۇزار؟

    بەلكىم يامغۇر بولۇپ سەن تۆكۈلگەنسەن.
    بەلكىم يامغۇر سىڭگەن زىمىندۇر قەلبىڭ.
    بەلكىم شۇ زىمىندا گۈل بوپ ئۈنگەنسەن.
    بەلكىم بىر كۈن گۈلدەك ئېچىلار ۋەسلىڭ.

    بەلكىم ئارامىڭنى بۇزار ئويغاق تاڭ.
    بەلكىم ئويغا سالار سېنى جىمجىت تۈن.
    بەلكىم سېنى سۆيۈپ يۈرگىنىم بىلەن،
    سۆيگۈ ئەرزىمەستۇر بەلكىم سەن ئۈچۈن.

    بەلكىم يوقتۇر سېنىڭ ئامراق نەرسەڭمۇ.
    بەلكىم ئۆچ ئېلىشنى قالغانسەن ئۇنتۇپ.
    بەلكىم چىن كۆڭلۈڭدىن كەتمەسسەن خالاپ،
    بەلكىم ياشاي دىسەم غەمغۇزار بولۇپ.

    بەلكىم ھىچنىمىنى ئېيتىپ يۈرمەسسەن.
    بەلكىم شۇنچە تەستۇر سىرنى يوشۇرماق.
    بەلكىم ھىچنىمىنى مەنمۇ بىلمەسمەن.
    بەلكىم ھەر ئىككىمىز غەمكىن يوپۇرماق ...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1995-يىل 26-ئاپرىل.
    «تارىم» 1996-يىللىق 10-سان)

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.