ئۆلۈم ناخشىسى(ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 03:19:05

ئۆلۈم ناخشىسىئەيساجان تۇردى ئاچچىققولىمىزدا يوق ئەسلا ئۆلمەسلىككە خېتىمىز،مەڭگۈ ھاردۇق ئېلىشنىڭ ۋەسلىگىمۇ يېتىمىز،بۇ دۇنيادا قالىدۇ ياخشى-يامان يېتىمىز،قېرىساقمۇ بەزىلەر، بەزىلەر ياش پېتىم...

    ئۆلۈم ناخشىسى
    ئەيساجان تۇردى ئاچچىق


    قولىمىزدا يوق ئەسلا ئۆلمەسلىككە خېتىمىز،
    مەڭگۈ ھاردۇق ئېلىشنىڭ ۋەسلىگىمۇ يېتىمىز،
    بۇ دۇنيادا قالىدۇ ياخشى-يامان يېتىمىز،
    قېرىساقمۇ بەزىلەر، بەزىلەر ياش پېتىمىز،
    ئېچىلدۇرماي بىرمۇ گۈل كۆزنى نەملەپ كېتىمىز.

    ئۆلۈم دېگەن كۈتكۈچى، كۈتىلىمىز بىر كۈنى...
    قىز، باھارمۇ ؟! ياكى كەچ... بارمۇ قېنى بىلگىنى ؟!
    مەنسىتمەستىن ئۆلۈمنى خۇشاللىنىپ كۈلگىنى ؟!
    ئەزرائىلنى قورقۇتۇپ كۆكرەك كىرىپ يۈرگىنى ؟!
    ھېچبىر ئامال تاپالماي ئاخىر «خەپ» دەپ كېتىمىز.

    ئۆلگەنلەرگە زار يىغلاپ كۆمگەنلەرمۇ كېتىدۇ،
    ئاشۇ چاغدا مەس-ئەلەس يۈرگەنلەرمۇ كېتىدۇ،
    ئاجىزلارغا قاپاقنى تۈرگەنلەرمۇ كېتىدۇ،
    دائىم بەخت پەيزىنى سۈرگەنلەرمۇ كېتىدۇ،
    زۇۋان بەرسە خۇدايىم «سىر»نى سۆزلەپ كېتىمىز.

    ياشىساق گەر ئادەمدەك قالار ياخشى سۆزىمىز،
    ئەگەر ۋىسال قۇچمىساق يۇمىلارمۇ كۆزىمىز،
    ئورۇق-تۇققان، يارەنگە تۇتىيادۇر يۈزىمىز،
    پەرياد چېكەر ئاجايىپ ياتقان بىلەن ئۆزىمىز،
    چاي ئورنىدا ئازابنى راسا دەملەپ كېتىمىز.

    بىز كىم ئۆلسە ھەرگىزمۇ سۇلار توختاپ قالمايدۇ،
    سەپرا شامال باش ئىگىپ ئارقىسىغا يانمايدۇ،
    ئېچىلغان ئۇز گۈللەرنىڭ بەرگى ھەرگىز سۇلمايدۇ،
    بۇ پەلەكنىڭ چاقىمۇ تەتۈرىگە ماڭمايدۇ،
    تەبىئەتكە تۇيدۇرماي پۇتىنى تۈزلەپ كېتىمىز.

    ئەجەل دېگەن ئوۋچىدۇر تۇيۇقسىزلا ئاتىدۇ،
    تاغدا يۈرسەڭ ئۆڭكۈردە سېنى ماراپ ياتىدۇ،
    قۇياش چىقىپ شەرقتىن غەربتىلا پاتىدۇ،
    ئۆلمىگەنلەر ئۆلگەنگە مەرسىيەلەر قاتىدۇ،
    ئەۋلاد ئۈچۈن بۇ جاننى پىدا ئەيلەپ كېتىمىز.

    فىرئەۋىنمۇ، مۇسامۇ خۇدا بىلەن مۇڭداشتى،
    نوھ، سۇلايمان، لوقمانمۇ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى،
    سوقرات دېگەن پەيلاسوپ جاللات بىلەن سوتلاشتى،
    ناۋايىمۇ، نوبېلمۇ ئەجەپ داڭلىق يولداشتى،
    مىنۇتىغا ئىنسانلار نەچچە يۈزلەپ كېتىمىز.

    چىغىر يولدا بەزىدە داغدام يولنى تاپالماي،
    يېڭى مالنى ئەكېلىپ گاھى ئۇنى سويالماي،
    كونا ئۆينى يېڭىلاپ بىر كېچىمۇ قونالماي،
    پەرزەنت كۆرۈپ مېھرىگە بىرەر قېتىم قانالماي،
    دەرمان تۇرۇپ ئارمانغا بەزى ھەي دەپ كېتىمىز.

    ھاياتلىقنىڭ ئۆزىلا بىزگە پۇرسەت ئەمەسمۇ ؟
    قايتلانماس ھاياتلىق پەقەت بىر رەت ئەمەسمۇ ؟
    نام-نىشانسىز ياشىساق چەكسىز ھەسرەت ئەمەسمۇ ؟
    نۇر چاقناتساق ھاياتتىن ئاشۇ نۇسرەت ئەمەسمۇ ؟
    تولۇق قانغان ئارمان يوق ھەممە غەم يەپ كېتىمىز.

    قەدىرلىسەڭ ھاياتنى قۇچاق ئاچار ئادالەت،
    ئىلىم-پەننى دوست چاغلاپ قىلما ھەرگىز خىيانەت،
    شۇنداقتىلا شۆھبىسىز تاپالايسەن كامالەت،
    نادانلارنى قانداقمۇ يوقلاپ كېلەر سائادەت،
    ئاجىز بولساق كۈچلۈككە ناننى تەڭلەپ كېتىمىز.

    بۇ تۆت كۈنلۈك جاھاندا پايدا-مەنئەت تالاشما،
    ئادىمىيلىك يولىدىن تاكى مەڭگۈ ئاداشما،
    باشلىق بولساڭ ئاۋامغا يامان كۆزدە قاراشما،
    قاقتى-سوقتى قىپ ئەلنى ھارام پۇلنى ساناشما،
    جىنازىغا بۇ تەننى ئاران بۆلەپ كېتىمىز.

    كەتتى ئەنە ئىسكەندەر جىنازىدا قۇرۇق قول،
    سەنمۇ جەزمەن ئۆلىسەن مەيلى سۇلتان، گاداي بول،
    ئىلغىمايدۇ شۇم ئەجەل بولساڭ چېچەن ياكى گول،
    يانمايدىغان ئارقىغا ئۆلۈم يولى شۇنداق يول،

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.