ئوغۇز نەسلىمەن

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-14 20:47:46

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ئوغۇز نەسلىمەن٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ساداقەتجان ھاجى٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭بەختكە ئىنتىلىپ ياشايمەن.ئويلىرىم ئالەمنى كېزىدۇ.كۆرىدۇ كۆزلىرىم ئەتىنى.يۈرىكىم باھارنى سېزىدۇ.تۇغۇلدۇم كەڭرى بىر زىمىندا،تا...



    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئوغۇز نەسلىمەن
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ساداقەتجان ھاجى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بەختكە ئىنتىلىپ ياشايمەن.
    ئويلىرىم ئالەمنى كېزىدۇ.
    كۆرىدۇ كۆزلىرىم ئەتىنى.
    يۈرىكىم باھارنى سېزىدۇ.

    تۇغۇلدۇم كەڭرى بىر زىمىندا،
    تار يولغا ھەرگىزمۇ پاتمايمەن.
    ھاياتتىن كۆپ نەرسە ئالغۇم بار،
    قانائەت قىلىپ جىم ياتمايمەن.

    تاغلارنىڭ خىسلىتى بار مەندە،
    گەدىنىم قاتتىقتۇر، ئېگىلمەس.
    قۇملۇقتا بوراندەك چوڭ بولدۇم،
    ئىرادەم ئازابتىن يېڭىلمەس.

    يېڭى تاڭ پەيتىدە مېنىڭمۇ
    قۇياشتەك بالقىغۇم كېلىدۇ.
    بىزارمەن يالجىماس چوغلاردىن،
    ئۆزۈمدىن ھالقىغۇم كېلىدۇ.

    ئوغۇزنىڭ قېنى بار قېنىمدا،
    ئۆزگەرتىپ بولمايدۇ خۇيۇمنى.
    ئۆلمەس بىر ئارزۇ بار ئېڭىمدا،
    ئەي دۇنيا، چۈشەنگىن ئويۇمنى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (2000-يىل 2-سىنتەبېر. قەشقەر)
    «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2001-يىل 16-يانۋار
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.