شېئىرلار(ئابابەكرى توختى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 05:40:07

شېئىرلارئابابەكرى توختىئۇسسۇل تىلىسەھنىدە ھېچكىم يوق، ئۇچار لەرزان گۈل.گۈل چاچماس پۇراقگۈل ئاتىدۇ ئوق.مەڭگۈ توختاپ قالغان بۇ دەملەر، قىستاڭ، تىنجىق، يالقۇنلۇق.ئۇيغۇرنىڭ تېنى سۆزلەيدۇ، يۈرىكى...

    شېئىرلار
    ئابابەكرى توختى



    ئۇسسۇل تىلى

    سەھنىدە ھېچكىم يوق،
    ئۇچار لەرزان گۈل.
    گۈل چاچماس پۇراق
    گۈل ئاتىدۇ ئوق.
    مەڭگۈ توختاپ قالغان بۇ دەملەر،
    قىستاڭ،  تىنجىق،  يالقۇنلۇق.

    ئۇيغۇرنىڭ تېنى سۆزلەيدۇ،
    يۈرىكى ئەمەس.

    چوغ ئوينىغان قىز

    كاچكۇللاردىن چوغ تەردىم
    چوغنى مۇزلاپ سۇغا چىققان
    بىر قىزغا بەردىم.

    قىشتا گۈل ئېچىلمايدۇ
    تەشتەكلەردە سۇلياۋ گۈللەر.
    نەمخۇش ۋە ئاپئاق
    قار گۈللىرى قىلىدۇ چاقچاق.

    دېرىزە تۈۋىدىن كاچكۇلغىچە
    كۆيۈك يۇلتۇزنىڭ ئىزى.
    كۆيۈك بۇلبۇل
    قۇرۇپ قالغان گۈل.

    كاچكۇلدا ئاي شولىسى،
    تەنھا،  يارقىن ۋە مۇڭسىز.
    قول ئۇزاتتىم،  مۇز ئالدىم
    مۇزنى قوينۇمغا سالدىم.
    مۇز چوغ بولۇپ ئېرىپ كەتتى تېز،
    مۇز ئىچىدە چوغ ئوينىغان قىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.