ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ(ئابدۇرېھىم ئابدۇللا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-26 23:34:53

ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯئابدۇرېھىم ئابدۇللاھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،نى گۈزەللەر بولغان...

    ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ
    ئابدۇرېھىم ئابدۇللا


    ھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،
    ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.
    ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
    يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.

    ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
    نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.
    خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،
    بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.

    دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،
    كۆردى نى-نى دەردۇ بالالار.
    ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،
    كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالار.

    نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،
    قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.
    ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،
    ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.

    تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،
    ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.
    يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،
    شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.

    بىز ئاتالدۇق تانسىدا يىگىت،
    ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

          ٭٭ ٭٭ ٭٭
    يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،
     جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.
    كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،
    قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا.

    توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،
    ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.
    كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن،
    بايراق بەردى ئاتام زەپەردە.

    مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى،
    ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا.
    جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
    خار قىلماي دەپ ياۋلارغا-ياتقا.

    سايىلەردە ئانام ئەللىيى،
    مەن قۇچاقتا، كۆزۈم ئۇيقۇدا.
    خامانلاردا ئاتام لاي-لېيى،     
    شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.

    چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،
    ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.
    ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،
    يېشى دەريا، ئۆزى كېمىدە.

    مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار،
    قولىدىكى ھەر بىر قاداقتا.
    ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار
    ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر، ساداقتا.

    مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت،
    ئاھ، جان ئاتام جەڭلەردە شېھىت.

    1996-يىلى 10-يانۋار   

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.