شېئىرلار(رەيھانگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:48:32

شېئىرلاررەيھانگۈل ئاۋۇتشاراپ، ئەرلەرمەست بولاركەن ئەرلەرنىڭ تېنىپىۋە پەرى ئېقىنلىرىداتۇنجۇقتۇرۇپ بۇرۇقتۇملۇقنى.شاراپ! شاراپ! شاراپ!سەن ئاشۇنداق خاسىيەتلىكمۇ؟شەيتانلىقنىڭ چەكسىزلىكىگەقانات يا...

    شېئىرلار
    رەيھانگۈل ئاۋۇت


    شاراپ، ئەرلەر

    مەست بولاركەن ئەرلەرنىڭ تېنى
    پىۋە پەرى ئېقىنلىرىدا
    تۇنجۇقتۇرۇپ بۇرۇقتۇملۇقنى.
    شاراپ! شاراپ! شاراپ!
    سەن ئاشۇنداق خاسىيەتلىكمۇ؟
    شەيتانلىقنىڭ چەكسىزلىكىگە
    قانات ياساپ بېرىپ ئادەمگە
    ئازات قىلغان ئەقىل قولىدىن.

    ئەرلەر
    خالايدىكەن ئۇچۇپ كېتىشنى
    مەۋھۇملۇقنىڭ ئېرەم بېغىغا
    شاراپ پەرى قاناتلىرىدا.

    ئىپتىدا

    نويابىرنىڭ يىگىرمە ئالتىسى
    ئۈرۈمچىدە
    توزىماقتا كەچتە مۇڭلۇق قار
    قېچىپ چىقىپ غىپپىدە
    بويتاقلىقنىڭ تىنجىق قوينىدىن
    تەلمۈردۈڭمۇ تۆت ئەتراپىڭغا
    سېغىنىشلىق نەپەسلىرىڭدىن
    ئېچىلدۇرۇپ ئاپئاق ھور گۈلى؟
    يوللىۋەتتىڭ يات  شەھەردىكى
    ئادرىسىلا مەلۇم قىزچاققا.
    ئۆكتەبىرنىڭ بەشىنچى كۈنى
    بېيجىڭ
    ئادەملەرنىڭ دېڭىزى ئارا
    مەنلا تەنھا قالغان ئارالغا
    قانىتىنى يايدى پەرىشتە
    تۆكۈۋەتتى
    لىپاپتىكى سۆيگۈنى سۆڭرە
    مۇز ئارالدا باشلاندى باھار
    ھور چېچىكى كىرىپ مىۋىگە.

    مەڭگۈلۈك تىنچلىنىش

    سۇلدى ئىھ، ئاخىرى لالىرەڭ ئارمان،
    جىمجىتلا بىمەھەل ھىجران چۆلىدە.
    تامچىچە ۋىسالمۇ بولمىدى نىسىپ،
    بىتەلەي قىسمەتنىڭ يامغۇر پەسلىدە.

    غالىپلىق جىلمىيار يىراق - يىراقتا،
    گوياكى چۈشلەردەك بېرىپ تەسەللى.
    رېئاللىق بەك گۈزەل قىينار تىنىمسىز،
    ئۈمىدلەر پەسلىنىڭ توشماي قەرەلى.

    غەلىبە دەپ ھېس قىلغىن ئۈمىد ئۈزۈشنى
    تېڭىرقاش ھۆكۈمران سەرسان دۇنيادىن.
    قايدىسەن جاۋاب بەر روھىم تىنچلىقى!؟
    «مەن بار» دەپ بىر سادا كەلدى باقىدىن.

    ئېرىشەلمەسلىك

    قۇياش كۈلۈپ چىققان ھەر سەھەر،
    چۈشەكەيمەن سېنى ئەي نىگار.
    بالكونۇمدىن پۇررىدە ئۇچۇپ،
    كەتكىنىدە چىرايلىق كەپتەر،
    تۇرغىنىمدا بىر تاتلىق ئەسنەپ
    زەر نۇرلارنىڭ باغرىنى يېرىپ
    سەن كېتىسەن ئاستا، بىمەھەل.

    بۇقۇلدايدۇ ئاشۇ مىنۇتتا
    ئۇۋىسىدىن قالغان ئايرىلىپ
    بەكلا شېرىن چۈشلەر تىلسىمى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.