لىپاپ ئىچىدە(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:55:25

لىپاپ ئىچىدەئادىل تۇنىيازكەچكى قۇياش پاتتى ئورمانغا، ئۇ تولىمۇ ئوخشار دادامغا. ئۇزۇن - ئۇزۇن خەت يازغۇم كېلەر، بېقىپ تۈندە يىغلاڭغۇ شامغا. ئەپەندىلىك قىلىپ ئۇزۇن يىل، چۈشۈپ قالدىڭ ھاسىغا ھاز...

    لىپاپ ئىچىدە
    ئادىل تۇنىياز



    كەچكى قۇياش پاتتى ئورمانغا،
    ئۇ تولىمۇ ئوخشار دادامغا.
    ئۇزۇن - ئۇزۇن خەت يازغۇم كېلەر،
    بېقىپ تۈندە يىغلاڭغۇ شامغا.

    ئەپەندىلىك قىلىپ ئۇزۇن يىل،
    چۈشۈپ قالدىڭ ھاسىغا ھازىر.
    كۈز پەسلىمۇ كەتتى پەرۋاسىز،
    يوق قېشىڭدا ئوغلۇڭمۇ ئاخىر.

    ساقاللىرىڭ ئۆسۈپ كەتكەندۇ،
    ھويلىمىزنى كۆمگەندۇ ئاق قار.
    ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپىلىق يولدا
    سەھەر كەبى مېڭىپ كېلەتتىڭ،
    ئەكىلەتتىڭ كەنىتكە باھار.

    قىش پەسلىدەك جىمغورسەن بۈگۈن،
    ئۈمۈدۋار سەن ھاياتتىن ئەمما.
    جېنىم دادا،  ئېزىلەر باغرىم،
    نىچۈن دەرتمەن يارالدىم مەنلا ؟

    ئۇزۇن بولدى پوچتالىيون يوق،
    ئۇزۇن بولدى چۈشۈم قۇپ - قۇرۇق،
    يۈرۈكۈمنى سالدىم لىپاپقا.

    1991-يىلى 11-ئاي

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.