بىر سايە بار قۇياش كەينىدە(مۇسا ئەھەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 07:55:08

بىر سايە بار قۇياش كەينىدەمۇسا ئەھەدكەلسەڭ ئۇچۇپ كەپتەر بوپ گويانەگە كەتتىڭ، يوقالدىڭ نەگە،كىمگە ئېيتاي ئەمدى دەردىمنى.ئايلاندىمۇ سىرلىق گۆھەرگە،كىملەر بىلەر سەندەك قەدرىمنى.ئايلاندىڭمۇ سىر...

    بىر سايە بار قۇياش كەينىدە
    مۇسا ئەھەد



    كەلسەڭ ئۇچۇپ كەپتەر بوپ گويا
    نەگە كەتتىڭ، يوقالدىڭ نەگە،
    كىمگە ئېيتاي ئەمدى دەردىمنى.
    ئايلاندىمۇ سىرلىق گۆھەرگە،
    كىملەر بىلەر سەندەك قەدرىمنى.

    ئايلاندىڭمۇ سىرلىق گۆھەرگە،
    دىدار پەيتى بولدى تۇتىيا.
    داغلار يۈتتى، يۈتمەيدۇ نېچۈن،
    قىسمىتىڭگە سىڭگەن شۇ يارا؟

    دىدار پەيتى بولدى تۇتىيا،
    چۈشلەر ئىچرە ياشامدۇق ھامان.
    كەلسەڭ ئۇچۇپ كەپتەر بوپ گويا،
    خامىنىڭغا سېپەلمىدىم دان...

    يۇمران غۇنچە ئىدىڭ زار ئۆتكەن

    ئەجەب داغدا قالدى بۇلبۇلۇڭ،
    گۈللىرىڭنى كىملەر توزۇتتى.
    سېنى شادلىق بېغىدىن قوغلاپ
    دەرد چۆلىگە كىملەر ئۇزاتتى ؟

    كەتتىمۇ يا چۈش كەبى توزۇپ،
    ھىلال ئايدەك پاك لىۋەن تۇرقۇڭ.
    تاپاي نەدىن ئەمدى خىلىڭنى،
    گۈل قېتىغا سىڭدىمۇ خۇلقۇڭ.

    قىسمىتىڭنىڭ تەتۈرلۈكىنى،
    ئۆتەي قانداق ئارتىپ تەقدىرگە.
    يۇمران غۇنچە ئىدىڭ زار ئۆتكەن،
    تۇغۇلۇپلا قانماي مېھىرگە.

    گۈل خىيالدىن ئويغانغان سەھەر

    1

    گۈل خىيالدىن ئويغانغان سەھەر،
    كېچىدىكى جىمجىتلىقىمنىڭ
    يىلتىزىدىن بوي تارت بىخلىنىپ!
    كەچكۈز رەڭگى كۆچكەن مەھەللەمگە،
    چىقارسەنمۇ پۇلاڭلىتىپ قول
    كۆكلەم رەڭگى بېرىپ مەن يەنە
    بوسۇغاڭغا كەلسەم چايقىلىپ!

    2

    تۈرۈم-تۈرۈم قوڭۇر چاچلىرىڭ،
    ئۇپقۇنىدا ئاداشقان يەلكەن،
    يەم بولارمۇ خادا تاشلارغا،
    يا قىرغاققا چىقارمۇ ئېسەن،
    تاغلىرىڭدىن ئوۋلىماي جەرەن.

    3

    تارتىشىدۇ كىمگە يۈرىكىڭ،
    ئويچان كۆزۈڭ باقار كىمگىدۇ.
    قاي قىسمەتكە مەھكۇم تىلىكىڭ
    تىترەپ تۇرغان شەنبەمدەك تۇرقۇڭ،
    چۆلدە تەنھا مۇڭلانغان ئاھۇ.
    كىرپىكىڭدىن سىرغىيدۇ زىلال،
    نازۇك قەدرىڭ چايقالسا ھەربىر،
    بولدى ئەركىڭ كىملەرگە قامال؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.