يىللارغا سوئال

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-14 10:50:17

جەڭ قىلىمەن كائىناتنىڭ سىرىنى تىپىشقا ، شەرىپىمنى تائەبەتكە ساقلاپ قېلىشقا


    يىللارغا سوئال
     
    بىلال ئەزىزى
     
    ھەي ، ھەي يىللار ! سۆزسىز تىللار توختاڭلارچۇ ؟
    سوئال سوراي ، سىزلەر جاۋاپ قىلساڭلارچۇ ؟
     
    كۆز ئاچقىچە ئېلىپ قاچقان قانداق نىمە ئۇ ؟
    ھاياتىمنىڭ كۆز يېشى ئۆمۈر ئەمەسمۇ ؟
     
    ئۆمۈرمنى ئوغرىلىغان ئوغرى سىزلەرغۇ ؟
    «مەيلى» دەپلا كەڭ يول قويغان مەن بوزەكمۇ ؟
     
    ھەر بىر يىلدا بىر قىتىم ئوغرىلىق قىلىپ ،
    قاچىسىزلەر قېرىلىقتىن ئالامەت سىلىپ .
     
    تىزگىنىڭلارنى تۇتقۇزماستىن كېتىسىلەر ،
    ياشلىقىمنىڭ باغرىن كاۋاپ ئېتىىسلەر .
     
    سىلەر كېلىپ ئۆمۈرمگە قەسىت قىلغاندا ،
    مەنمۇ ھازىر كۈرەش ئۈچۈن دەل شۇ مەيداندا .
     
    مەن بىلىمەن ، سىلەر پەقەت ئۆمۈر ئوغرىسى ،
    «غاپىل بولماسلىق كىرەك» سۆزنىڭ توغرىسى .
     
    سەن ئوغرىلار زادى بىرمۇ تۇتۇلمىغان ،
    قەستىڭلاردىن ھىچبىر ئىنسان قۇتۇلمىغان .
     
    ساق قالمىدى تاغ يۈرەكلىك پالۋانلارمۇ ،
    قاخشاپ ئۆتتى ھەر بىر ئەسىر داستانلارمۇ .
     
    كېرەك يوققۇ سىلەرنىڭ كەسپىڭلار ئوغرى ،
    كەسىپ بولغاچقا ئۆزەڭلارغا ئىشىڭلار توغرى .
     
    بەس! ھەي يىللار ، سوئالىمغا جاۋاپ بىرىڭلار !
    ياكى بارمۇ سۆز تاپالماي قالغان يېرىڭلار ؟
     
    كۆپنى كۆرگەن ، كۆپنى بىلگەن يولچى سىزلەرغۇ !
    سۆزلەڭلارچۇ ؟!...تارىخ سىزلەر باسقان ئىزلارغۇ !
     
    ھەي - ھەي يىللار !ھەرگىز مىنى قورقىتالمايسىلەر !
    جىسمىم مەيلى، ئىسمىمنى ھىچ يوقىتالمايسىلەر .
     
    جەڭ قىلىمەن كائىناتنىڭ سىرىنى تىپىشقا ،
    شەرىپىمنى تائەبەتكە ساقلاپ قېلىشقا .
     
    جەڭ قىلىمەن غەيرىتىمدىن ھوسۇل ئېلىشقا ،
    دۈشمەنلەرنىڭ قەستلىرىنى بىت - چىت قىلىشقا .
     
    ساپ ۋىجدانلار ، بۇ يىللارنى ئويلاپ قاراڭلار !
    يىللارغا بوزەك بولماي جەڭگە ياراڭلار !
     
    چۈشىنىڭلار ، ھەر بىر ئىشنىڭ قائىدىسىگە ،
    كۈيۈنىڭلار، ۋەتەن ،خەلىق پايدىسىگە .
     
    سېكىنۇت ئۆمۈر غاپىللىقتا دەرىخ كەتمىسۇن ،
    يىللار ، ئايلار ، كۈنلەر ئۇنى خاراپ ئەتمىسۇن .
     
    1945 يىل يانىۋار ئاقسۇ
     
    بىلال ئەزىزى شېرلىرى توپلىمىدىن
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەزىزى