ئۈجمە پىشتى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 08:20:37

ئۈجمە پىشتىئادىل تۇنىيازكۈن قوزا چۈش بولغانداسايىلەر ئۇزاردى،گۈل كۆچتى،كۈننىڭ يالقۇنى كۆك رەڭگە كۆچتى.ھويلىسىدا ئۇيغۇر دېھقاننىڭئۈجمە پىشتى،تۈۋىگە چۈشتى.قارا قومچاق ئاشۇ بالىلار،يەيدۇ ئۈجمە...

    ئۈجمە پىشتى
    ئادىل تۇنىياز


    كۈن قوزا چۈش بولغاندا
    سايىلەر ئۇزاردى،
    گۈل كۆچتى،
    كۈننىڭ يالقۇنى كۆك رەڭگە كۆچتى.
    ھويلىسىدا ئۇيغۇر دېھقاننىڭ
    ئۈجمە پىشتى،
    تۈۋىگە چۈشتى.

    قارا قومچاق ئاشۇ بالىلار،
    يەيدۇ ئۈجمە تىرىپ بالىلار.
    غەمسىز بالاغەتكە يىتىپ
    ئىشقى-پىراق دەردلەرگە پېتىپ،
    كېتەر تىم-تىم ئېرىپ بالىلار.

    يازنىڭ يېشىل تورىدا
    تىپىرلاشقا باشلىدى دېھقان
    ئۈجمىلەر ئاقاردى كۈن نۇرىدا
    ئۈجمە دەرىجىدە سۇ بىلەن ئاش-نان.
    يۇپۇرمىقى پىلە قۇرتىغا يەم،
    قوۋزاقلىرى خوتەن قەغىزى.
    ھاياتلىققا ئىزدەپ يېڭى تەم،
    يەر ئاستىدا ماڭار يىلتىزى.
    شاخ-شۇمبىسى ئوچاققا ئوتۇن
    بىر ئاي پىشىپ قۇرار ئاق ئىزى.
    ھەي بالىلار قاراڭلار
    يەرگە ئەمەس ئاشمانغا،
    ئۈجمە پىشتى
    تۈۋىگە چۈشتى.

    تارىم دەرياسى

    كارىۋاتتىن چۈشۈپ،
    مېھمانخانىنىڭ
    يېڭى ھاكلانغان كارىدورىدا
    شېرىپلىقنى پۇرىدىم: نەم.
    تۆمۈر تۇقۇپ، ئىگەرلەپ
    ساقلار پەستە ئىككى ئاغىينەم.

    بىز بارماقچى تارىم بويىغا،
    ئۆركەشلىنىپ ئاققان بىر دەريا
    قۇيۇلاتتى شائىر ئويىغا.
    ئۇ تارىخنىڭ مىسرالىرىدا
    قىپيالىڭاچ يۈگۈرگەن خەلق -
    ئىسسىق ھەمدە يۇمشاق قۇم خەلقى.
    ئۇ ئەڭ ئۇزۇن پەسىللىك دەريا،
    ياز دىلبىرى يېشىللىق ئەركى.
    ئۇ مۇزىكا ئېرىپ سۇ بولغان
    كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق ئىچىدە
    ئۇ سۈزۈك تەن قۇملۇققا تولغان
    ئەگمىلىرى چاقنار كېچىدە.
    يامغۇر روھى ئۇ ھاۋادىكى
    قۇم چۆللەردىن چۆللەرگە كۆچكەن.
    ھەر ئېچىلسا سۇيۇق قانىتى
    بوستانلىقلار كۆرۈنۈپ ئۆچكەن.
    تەنھالىقى ئۆزىگە ھەمراھ
    شاۋقۇنلىرى بارماس يىراققا.
    ئۇ بىر مۇڭلۇق ئۈزۈلمەس ناخشا
    ئوخشار گۇيا ئىشقى-پىراققا.
    زېمىندىكى ئىچكى دەريا ئۇ
    تاپالمايدۇ دېڭىزنى ئېقىپ.
    ھاياتلىقنىڭ سىمۋۇلىدەك
    قايتار ئۆزىگە
    ئۆزىدىن چىقىپ.

    بىز بارغاندا دەريا بويىغا
    كۈز پەسلىگە كىرگەن توغراقلار
    چىقتى رەت-رەت سارغايغان پېتى.
    كېچىك لاي سۇ ئالدىمىزدىكى
    تارىم ئەمەس تارىمنىڭ ئېتى.

    چۈش كۆرمەكتە
    سېغىزلىق پورىقى،
    يەر چاك-چاك يېرىلغان
    يېرىقىدا چۆچەكلەردىكى
    كۆمتۈرۈلگەن شەھەر يۇرۇقى.

    ئەتتىگەنلىك شائىر

    ئەتىگەنكى قۇشقاچ
    كۆل يۈزىدە ئۇچقاچ
    گۈل تاشلايدۇ سۇغا
    ۋىچىرلىشىدىن
    بوشلۇق چۆمگەن نۇرغا.
    دەرەخلەردە كۆك يالقۇن
    كوچىلارنىڭ بېشىدىن
    يۈگۈردۈم ئاخىرىغا،
    يۈگۈردۈم تام قېشىدىن
    بىنادىكى ئۇپۇققا.
    قىز ئوينايدۇ تەنھەرىكەت
    كىيىمى نېپىز تۇمان.
    قىزىل چېچەك خىيالىم
    مۇسكۇلىدا ئېچىلغان.
    يۈگرەيمىز ھاياتتىن
    ئۆلۈم تىمتاس ۋە پىنھان.
    يەر دۈپۈلدەر، دۈپۈلدەر
    ياپراق ماڭار يېنىمدا.
    مەن ئاشۇنداق تاشقىن ئەر
    شولىلار بار جېنىمدا.
    مېنى كۆرگەنلەر كۆرەر
    ھايۋانات باغچىسىدا،
    يۇلقۇنىمەن، ئاىار تەر
    شىر يايلىنىڭ بېشىدا.

    نەپەس ئالدىم چوڭقۇر
    تالادا يوق تالا.
    ئۆيۈمدىكى ئۇپۇق.
    ئەتىگەنكى شائىر
    كەچتىمۇ يۇپيۇرۇق.

    __________________
    «تارىم» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 10-سانىدىن ئىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.