ئۈچ شېئىر(مەسئۇد ئەيسا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 01:50:50

ئۈچ شېئىرمەسئۇد ئەيساتۈن، كېزىمەن كوچىلارنى...يەتتى كېچىنىڭ قەدىمى، بۇ — دەل سۈكۈتنىڭ باشلىنىشى.خىياللارنىڭ مۇنبەت ئېتىزى:قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسى!تۈن، كېزىمەن كوچىلارنى...يۈرەكنى قاپلىغان تىترەك.دە...

    ئۈچ شېئىر
    مەسئۇد ئەيسا



    تۈن،  كېزىمەن كوچىلارنى...

    يەتتى كېچىنىڭ قەدىمى،
    بۇ — دەل سۈكۈتنىڭ باشلىنىشى.
    خىياللارنىڭ مۇنبەت ئېتىزى:
    قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسى!

    تۈن،  كېزىمەن كوچىلارنى...
    يۈرەكنى قاپلىغان تىترەك.

    دەرەخلەر جىمجىت،  تۈن ئاقار تىنچ،
    مەيۈس قەدەملىرىم بىلەن.
    قەدىم،  بۈيۈك كوچىلارنى،
    كېزىمەنۇ... كېزىمەن...
    نېمىلەرنى ئىزدەر كۆزلەر؟
    نېمىلەرنى سېزەر يۈرەك؟
    تۈن ئاقار سىماب كەبى،
    تاش كەبى سىڭەر كوچىلار،
    سىڭدىم مەنمۇ قەغەز پارچىسىدەك.
    قويدى مېنى ئالدىرىتىپ ئويلار،
    كوچىلاردا قالدى مەندىن پەقەت
    مەيۈس،  سوغۇققىنە،  ئاھ ۋە تىترەك!

    كېچە شاپائىتى

    يېتىپ كەلدى ئاخىرى زېمىنغا كېچە،
    يېيىپ قاناتلىرىن ئالدى ھاردۇق.
    يۇمران،  ئىسسىق مامۇق قانات ئاستىدا،
    سۆيگۈسىگە قاندى ئاشىق-مەشۇق!

    ھايات — شاختىكى شېرىن ئالما

    ھايات — شاختىكى شېرىن ئالما،
    ئۈزۈپ كېتەر ئۇنى ئۆلۈم.
    بىلىپ بولالمايسەن ھېچ،  كىتابىڭ —
    نەچچە باب-نەچچە بۆلۈم؟

    بەزەن بەتلىرىدە شادلىق،
    بەزەن بەتلىرىدە ئاچچىق.
    ئېزىش ئىنسانغا تالىق،
    لېكىن
    قىيىن ئەمەس
    ھاياتنى سۆيۈش

    ھەسرەتلىك كۆڭلۈم

    دەردىڭنى ئېيتارسەن كىمگە،  ھەسرەتلىك كۆڭلۈم،
    ساڭا پىچاقنى سالغان ئۆز قولۇم.
    كەتتى دوستلار مېنى تاشلىشىپ،
    توساقلارغا تولدى يولۇم.
    چۈشتۈم ھەسرەتنىڭ ئالىقىنىغا دەل،
    دوستلار ئايلاندى دۈشمەنگە.
    پۇل كۈچىنى كۆرسەتمەكتە غادىيىپ.
    كۈن نۇرىمۇ قىيپاش چۈشمەكتە،
    غېرىب-غۇۋار كۈلبىلەرگە.
    مانا مۇشۇنداق جاھان قىسمىتى،
    قالدى نەلەردە دانالار ھېكمىتى؟
    غۇنچە غېرىبلار ئالدىدا،
    ئەي ھەسرەتلىك كۆڭلۈم،
    سېنىڭ غېرىبلىقىڭ نېمىتى؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.