ئۇنتۇپ كەت(ئەخمەتجان قىرمىش)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 01:55:21

ئۇنتۇپ كەتئەخمەتجان قىرمىشئۇنتۇپ كەت ھەممىنى، چەكمىگىن ئازاببىغۇبار كۆزۈڭدىن تامچىمىسۇن ياش.ئۇنتۇپ كەت لېۋىگە سۆيگىن ئۈمىدنىڭ-ۋاپاسىز شۇ يارنى سۆيگىنىڭ ئوخشاش.قايغۇڭنى ئۆزگىگە بىلدۈرمە زىنھار،يىغلىما ئۆزۈڭنى سۆيسەڭ ئەگەر سەن.تەبەسسۇم ئەگىسۇن يۈ

    ئۇنتۇپ كەت
    ئەخمەتجان قىرمىش



    ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى، چەكمىگىن ئازاب
    بىغۇبار كۆزۈڭدىن تامچىمىسۇن ياش.
    ئۇنتۇپ كەت لېۋىگە سۆيگىن ئۈمىدنىڭ-
    ۋاپاسىز شۇ يارنى سۆيگىنىڭ ئوخشاش.

    قايغۇڭنى ئۆزگىگە بىلدۈرمە زىنھار،
    يىغلىما ئۆزۈڭنى سۆيسەڭ ئەگەر سەن.
    تەبەسسۇم ئەگىسۇن يۈزلىرىڭنى قىز،
    بەختلىك بىر كۈنۈڭ بولىدۇ جەزمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.