مېنىڭ رېئاللىقىم (ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن)

يوللىغۇچى : rasheed يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-28 01:49:53

مېنىڭ رېئاللىقىم ئاققان تاشلارنىڭ ھەسرىتى چوڭقۇر. كۆيگەن سۇلارنىڭ كۆزىدە لىق ياش. تارىختىن كەلگەن ئېقىن بويىدا، يۇيۇنۇپ تۇرار مەندىكى قۇياش.


      مېنىڭ رېئاللىقىم

     (ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن)

    ئاققان تاشلارنىڭ ھەسرىتى چوڭقۇر.
    كۆيگەن سۇلارنىڭ كۆزىدە لىق ياش.
    تارىختىن كەلگەن ئېقىن بويىدا،
    يۇيۇنۇپ تۇرار مەندىكى قۇياش.
     
    ھايات–رېئاللىق رەڭلىرى قېنىق،
    كىتابلار گويا سەرخۇش ئەسلىمە.
    توزۇپ تۇرغىنى ئېھ، مېنىڭ ئەركىم!!
    قەلەم كۈيلىگەن بەلكى ھېچنىمە.
     
    ھەقىقەت گۈلدەك ئەمەس رومانتىك،
    لېۋىنى چىشلەپ تۇرار قانسىراپ.
    ئەتە ۋە ئۆتمۈش كۆڭۈلگە تولۇپ،
    بۈگۈنۈم پىيالىسىن تۇرىدۇ لىقلاپ.
     
    ئەڭ پىنھان يايلاقتا سۇتۇقنىڭ ئېتى،
    قەلبىمنىڭ ئۆيىدە يالتىرار قىلىچ.
    يارنىڭ بېغىغا بېرىپ چۈشلەردە،
    يېتىپ باقمىدىم ۋىسالىغا ھېچ.
     
    مېنى ئۇنۇتتى بەلكى ئاسمانلار،
    دىلبەرنى ئويلاپ بولىمەن يۇلتۇز.
    كېچىدە كۆيۈپ تۇرغىنى ھىجران،
    گۈللىرى سولۇپ تۇرغىنى كۈندۈز.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.