(1)
مەن بىر ئوتنىڭ ئىچىدە،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ
گۈلۈڭ گۈلزار ئىچىدە،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ
تاغ ئىدىڭ تاغلاردىن ئېگىز،دەريا ئىدىڭ نىلدەك ئەزىم
مەن ساندۇقتا غېرىپ مۇسا،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ...
قارلار ئۇچار ئىزلىرىمدىن،يامغۇر ياغار سۆزلىرىمدىن
شامال ئۇچار كۆزلىرىمدىن،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ
نىگاھىڭدىن يەتتى ئوقلار،بىھۇش بولدى غېرىپ روھلار
نىداھىمدا كۆيگەن چوغلار،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ
كۈندۈز كەتتى قارايدى قاش،غايىپ بولدى ئول يادا تاش
مەن قېرىدىم ئون يەتتە ياش،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ
چاچتىم تاشقا تىلەكلىرىمنى،كۈنگە ياقتىم سۆڭەكلىرىمنى
ئاچتىم دارغا ئېتەكلىرىمنى،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ...
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.