ﺧﻪﻳﺮ،ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ! (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 01:51:59

ﺧﻪﻳﺮ،ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ!ﯞﺍﺩﻩﺭﯨﺨﺎ،ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ،ﺋﯘ ﻛﯧﺘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍ،ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﻗﯧﺘﯩﭗ.ﺟﺎﺩﯗ ﻛﯚﺯ ﮔﯜﻝ ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻳﯜﺭﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ،ﺗﺎﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺧﺎﺭﺍﭖ.ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ...

    ﺧﻪﻳﺮ،ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ!

    ﯞﺍﺩﻩﺭﯨﺨﺎ،ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ،
    ﺋﯘ ﻛﯧﺘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍ،ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﻗﯧﺘﯩﭗ.

    ﺟﺎﺩﯗ ﻛﯚﺯ ﮔﯜﻝ ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻳﯜﺭﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ،
    ﺗﺎﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺧﺎﺭﺍﭖ.

    ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﭖ:<ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻢ>ﺩﯦﺪﻯ،
    <ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﯨﻢ>ﺩﯦﺪﻯ.

    ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﯦﺪﯨﻢ:<ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﯘﺳﻪﭘﻪﺭ،
    ﺗﺎﻛﻰ ﺟﺎﻳﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ.>

    ﺋﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻙ ﮔﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ،ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻨﯩﻖ،
    ﺋﺎﻟﻤﺎ،ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ،ﺋﯚﭘﺘﻰ ﺗﻮﻳﻐﯘﭼﻪ ﻳﯧﻨﯩﭗ.

    <ﺧﻪﻳﺮ،ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ>ﺩﯦﺒﺎﻥ،ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯘﻕ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ،
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻨﻰ،ﺩﯦﺪﻯ:ﺑﻪﺧﺘﯩﻢ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﺎﺝ.

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.