ئاياللار دۆلىتى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:16:12

ئاياللار دۆلىتىئادىل تۇنىيازنۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگەمۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسىقوللۇرۇمدا سېنىڭ پەيلىرىڭقوۋۇرغامدا سېنىڭ كۆلەڭگەڭھالقىپ كەتتىڭ تەپەككۈرۈمدىن.مەن كۈلمەكچى بولسام ھاياتقائېسەدەي...

    ئاياللار دۆلىتى
    ئادىل تۇنىياز



    نۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگە
    مۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى

    قوللۇرۇمدا سېنىڭ پەيلىرىڭ
    قوۋۇرغامدا سېنىڭ كۆلەڭگەڭ
    ھالقىپ كەتتىڭ تەپەككۈرۈمدىن.

    مەن كۈلمەكچى بولسام ھاياتقا
    ئېسەدەيدۇ يۈرىكىم ئاستا.
    ئاياللارغا مۆھتاجلىقىمدىن
    ئاياللارغا ئوخشايدۇ دۇنيا.

    دەرەخلىرىم،چىغىر يوللىرىم
    دەرەخلىرىم،ئاق قۇشقاچلىرىم
    مېنى بۇنداق قويماڭلار تەنھا.
    كۆزلىرىمنى يۇمىۋالساممۇ
    ئايال مېڭىپ يۈرەر ئەتىراپتا.

    ماشىنىلار چاقناپ ئۆمىددەك
    تۇرىشىدۇ رەت-رىتى بىلەن.
    كېتەر مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ
    يول چىرىقى يېنىش بىلەن تەڭ.
    مەنىسىزلىك
    ھەمرا بولدى ماڭا بەك ئۇزۇن.
    ئۆلۈپ قالماي غېرىپلىقتا دەپ
    مېڭىۋەردىم بىر يولنى تەكرار.
    ئۆيگە كىرىپ
    كارۋىتىمغا قاراش بىلەن تەڭ
    غايىپ بولۇپ كەتتى ئاياللار.

    ئايال
    سەن ناتونۇش يىراق پىلانت
    مەن بولىمەن ئالەم كېمىسى.

    نۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگە
    مۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى.

    1991-يىلى 10-ئاي

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.