ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم، ھەقىقى ئايال(ئايسىمە ئىدرىس)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-10 09:01:13

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم، ھەقىقى ئايالئايسىمە ئىدرىسئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،ھەقىقى ئايال .ئۇزۇن ئۆرۈم چاچلىرىم بىلەن،چىمەن دوپپا كىيسەم چىرايلىق.ئاماننىساخان نازۇكۇم،رابىيەلەر كىيگەن ...



     

    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم، ھەقىقى  ئايال
    ئايسىمە ئىدرىس




    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
    ھەقىقى ئايال .


    ئۇزۇن ئۆرۈم چاچلىرىم بىلەن،
    چىمەن دوپپا كىيسەم چىرايلىق.
    ئاماننىساخان نازۇكۇم،
    رابىيەلەر كىيگەن كىيىمنى،
    كىيىپ باقسام ئۇيغۇرغا لايىق .
    جىلۋىلەنسە ئوسما قېشىمدا،
    يىلىم ئوماق كۈلسە چېچىمدا،
    چاچتەڭگىلەر جىرىڭلاتسام،
    نازاكەتلىك سۆزلەر ئاچسام،
    قوشاقلار تۆكۈلسە لىۋىمدىن،
    داستانلار پۈتۈلسە تىلىمدىن.
    تەھسىل قىلسام قانغىچە ئىلىم،
    موزىكىغا لىق تولسا دىلىم .
    تارىخ بىلەن چىڭ چىرمىشىپ،
    تاپمىسام مەڭگۈ تىنىم .


    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
    ھەقىقى ئايال .



    تاختا - نوغۇچ كۈلسە مەن بىلەن،
    قازان - قومۇچ كۈلسە مەن بىلەن،
    تەملىك بولۇپ ئوخشىسا تاماق،
    مەيلى ئىدىم ئوتۇن تەرسەممۇ .
    ئوماققىنا باللىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ،
    مەيلى ئىدى چامغۇر يۇلساممۇ  .
    تۇزۇم كەملىسە،
    قۇشنىلاردىن سورىسام ئازراق .
    ھەققىگە
    سۇنۇپ بەرسەم بىر قاچا تاماق -
    ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئاش .
    «ئايالىم ئەجەپ كۆيۈمچان »دەپ
    ئېرىم قەلبىمنى كۆيدۈرسە،
    ھاياجاندىن چىقسا ئوخچۇپ،
    مەمنۇنلۇقتا كۆزلىرىمدىن ياش .
    «ئانا،  ئاش
    ئانا،  ئاش....»
    «تۇزى سەل كەم،
    تېتىپتۇ ئوتياش »
    ئېھ، سۆيۈملۈك، سۆيۈملۈك-
    سۆزلەر،
    ئاياللىقىمنى تونۇتقان سۆزلەر،
    مۇھەببەتكە باشلىغان سۆزلەر،
    يۇرەكلەرنى ياشناتقان سۆزلەر ...


    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
    ھەقىقى ئايال .



    ئوغۇز سۈتى بىلەن ئوغلۇمنى،
    كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرۇش راھەت .
    تامشىپ - تامشىپ ئەمسە سۈتۈمنى،
    ساپساق ئىككى يىل،
    ئۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ھەم ئامەت .
    ئانا سۈتى ئۇلۇغ - مۇقەددەس،
    ئۇ بالىنى قىلار زەبەردەس .
    ئانا ئۈچۈن بالا ئىمىتىش
    ئۇ بىر پەرىز،  ئۇ بىر پەرىز،  بەس !
    پەرىزلەرنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر،
    ئۇ پەرزەنتنىڭ ھەققى،  داۋاسى .
    پەرزەنىت بىلەن ئاتىلار« ئانا »
    «ئانا ئۇلۇغ ئىنسان رەناسى »
    ئاق سۈت ھالال،  ھالال سۈتۈمدە،
    ئەقىل بەرسەم،  كۆچ قۇۋۋەت بەرسەم،
    ئەدەپ - ئەخلاق ئۇرۇقلىرىنى
    ئاق سۈت بىلەن قەلبىگە تەرسەم،
    قىزىم بولسا شەرم - ھايالىق،
    ئوغلۇم بولسا باتۇر مەنالىق،
    «ئانا » دىگە ن سۆزگە مۇناسىپ
    بولالىسام چىقاتتى ھاردىق .


    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
    ھەقىقى ئايال .  



    چولپان بىلەن بەسلىشىپ،
    سەھەر تۇرسام، بەك سەھەر،
    ھويلا - ئارام ئۆيلەرنى،
    تازىلىسام تېز - چەۋەر،
    تەييارلىسام قىززىق چاي،
    ئىچسەك بىللە ئولتۇرۇپ .
    قوپالمىسا باللىرىم،
    ئويغاتسام مەن  كۈلدۈرۈپ،
    گەر چىقمىسا دادىسى،
    ئويغۇنالماي ئۇيقىدىن،
    ئاستا كىرسەم يېنىغا،
    پىچىرلىسام بەك شىرىن،
    «تاڭ ئاتمىسا يېنىمدا
    ئۇخلىساڭ ئەي ئامرىغىم،
    سەھەر تۇرۇپ بۈگۈنمۇ،
    ئىشلەپسەندە بىتىنىم .
    جاپا تارتتىڭ بىز ئۈچۈن،
    رەنجىمىگىن قىلچىمۇ،
    مانا ھازىر چىقىمەن،
    سوۋىغىچە چېيىممۇ »
    جاپا نىمە بىلىنمەس،
    يۈرەك تولۇپ سۆيگۈگە
    ئىشقا ماڭسا ھەممىسى،
    ئۇزاتسام مەن ئىشىكتە .


    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
    ھەقىقى ئايال .



    ئاي كۈلگەندە ئاسماندا،
    چۆچەكلىرىم باشلانسا .
    يۇلتۇزلارنىڭ قېشىغا،
    پەرزەنتلىرىم ئاتلانسا .
    ئۇچۇپ كەلسە پەرىشتە،
    بەخىت گۈلى تەرگىلى .
    «ئالتۇن كەش» نى قىزىمىز،
    ئېلىپ قاچسا كەيگىلى .
    يەنە «ئا،  ب،  س » نىمۇ
    ئۇگەتسەمكەن ھەر كۈنى،
    ھېساپ،  تارىخ،  تەبىئەت،
    بىلسە مەندىن كۈن - تۈنى .
    بولۇپ ئۆيدە مۇئەللىم ،
    بىلمىگەننى بىلدۈرسەم،
    بىلىم،  ئەقىل گۈلىنى،
    يۈرىكىگە ئۈندۈرسەم .
    تولسا ئىللىق ئۆيىمىز،
    خوشال - قايناق كۈلكىگە .
    دادىسىمۇ بەخىتنى
    قاتار چاينىڭ مېھرىدىن
    كېچەلىسەك ئىككىمىز .
    ئىشىك ئوچۇق،  خاتىرجەم،
    كىرسە ئۆيگە بالىمىز .


    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
    ھەقىقى ئايال .



    ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
    مۇھەببەتكە مەڭىز ياققۇم بار،
    يۈرىكىمنى بېرىپ ئۇزۈمگە  ،
    سۆيگۈدىن كۆپ مېغىز چاققۇم بار .
    «ئانا » بولسام ئانىغا لايىق،
    «ئايال » بولسام نازۇك - زىبالىق،
    خىزمىتىمدە قازىنىپ ئۇتۇق ،
    شان - شەرەپكە ئېرىشسەم لايىق .
    قوغلاشمىسام خىيالىي ئامەت،
    رېياللىقتا يۈرسەم داۋامەت،
    مەنا ئىزدەپ ھايات يولىدىن،
    جاپالارغا يوللىسام تاقەت .
    ۋاقىت مىنى قوغلىسا تىنماي،
    ئۆتسەم يىللار باغرىغا قانماي،
    لوتپۇللادەك ئەتىكى كۈنگە  
    ئىرادىنى ئاتىسام تالاي .
    تىرىشچانلىق قېيىقلىرىغا،
    پەرزەنتىمنى بىللە چىقارسام .
    پەزىلىتىم - ۋىژدانىم بىلەن،
    ئاھ،  ئۇلارنىڭ
    يۈرىكىدە قايتا ياشارسام  .


     


    مەنبە : « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژورنىلى 2003 - يىللىق 4 - سان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.