توققۇزىنچى رىۋايەت(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : chimankux يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-19 22:23:29

توققۇزىنچى رىۋايەتچىمەنگۈل ئاۋۇت(داستان) سەۋدالىق قىسمىتىگە كىشەنلەنگەن ناتىۋانمەن. سېنى ئويلاۋاتىمەن. ئۆزۈمنى كۈيلەۋاتىمەن... كۆز ياشلىرىمدىن پۈتكەن بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ نۇرغۇنمەلىكىلەر كىيىككە...

    توققۇزىنچى رىۋايەت
    چىمەنگۈل ئاۋۇت

     

    (داستان)

     

      سەۋدالىق قىسمىتىگە كىشەنلەنگەن ناتىۋانمەن. سېنى ئويلاۋاتىمەن. ئۆزۈمنى كۈيلەۋاتىمەن... كۆز ياشلىرىمدىن پۈتكەن بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ نۇرغۇنمەلىكىلەر كىيىككە ئايلىنىپ قالدى، ناخشامنى ئاڭلىغان بالىلار قۇشقا ئايلىنىپقاياققىدۇر ئۇچۇپ كېتىشتى، تېرەكلەرنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ، تاغلارنىڭ توپىسى تۇپراققاقېتىلدى، پەريادىمنى ئاڭلىغان تاشلار يېرىلدى، كۈلكەمنى ئاڭلىغان باشلارئېگىلدى.... پەقەت سەنلا مېنىڭ يۈرىكىمدە مەڭگۈلۈككە ئامان قالدىڭ ئەزىزىم! كەچۈرگىن,بەرىكەتلىك ئازابلىرىمدىن ساڭا سېپىل ياسىدىم …ئەمدى ئىككىمىزگىلا تەۋە بۇھالاللىق ئىچىدە كۆيىۋەرسەم، كۆكلەۋەرسەم تەبىئەت ماڭا بارلىق گۈزەللىكىنى،يىتۈكلىكىنى بەخش ئىتىۋېرىدۇ ....سەن بىلىسەن، ئىتىكىمگە غايىپتىن چۈشكەن ئالمىنىمەغرۇرلۇق بىلەن ئېقىپ كىتىۋاتقان دەرياغا تاشلايمەن، ئېتىلغان تاشلارنى رازىمەنلىكبىلەن يېنىمغا دۆۋلەپ قويىمەن. كەل، بىردەم مۇڭدىشايلى!سەن ماڭا ئۈزۈپ بەرمەكچىبولغان گۈللەر، ئىرغىتىپ بەرمەكچى بولغان جىگدىلەر... جۇدالىق زەخمىتىگە، ھىجرانپىراقىغا، ۋىسال دەھشىتىگە ئوخشايدىغان ئاقۇچ تۇمانغا قوشۇلۇپ بىزنى مۇشۇ يەردەكۈتۈپ تۇرىدۇ 
      -خاتىرەمدىن


    مۇقەددىمە

     

    بۇلبۇلنىڭ سايراشلىرىغا چىدىيالمىغان گۈلقان قۇسۇشقا،زەينەپنىڭ نالىسىگە بەرداشلىق بىرەلمىگەن شور دەريا ئاستا-ئاستاقۇرۇشقا باشلىدى!
    جاھان غەۋغالىرىدىن يىراق بىر ماكاندا،ئەلقىسسە توققۇزقەۋىمنىڭ توققۇز يۇلتۇزى چاقناپ تۇرغان يالغۇز كېچىدە مەجنۇننىڭ نالىسى قۇلىقىمغاكىردى...


    جۇنۇنلۇق تارىنى چەكسەم ،
    زىمىننى كۆز يېشىم باستى.
    يالاڭئاياقكەزگىنىم چۆلدۇر ،
    ھىجىرگە باغلىدىم چاچنى.

    نى سەۋدا كەلمىگەن باشبۇ،
    ساڭا يەتكەيمۇ ئەپغانىم ؟
    ئى ئاللاھ لەيلىگە سۆز بەر ،
    قاچان توشقايكىپەيمانىم...
    كۆزلىرىمنى بوش يۇمدۇم...


    پەرھاتنىڭ ئاشىقلىقى بىلەن يېرىلغانتاغ ،شىرىننىڭ كۆڭۇل بوستانىغا غولاپ چۈشتى .ئەيھانناس!تىللا بىلەن تەشنالىقنىڭ،ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقى ئۇنتۇلدى .جادۇگەر موماينىڭ مۈكچەيگەن بىلى،قارا قولىئۇلارنىڭ روھىنى تېنىدىن ئايرىغان بولسىمۇ ،روھىنى بىر-بىرىدىن ئايرىيالمىدى.


    بىر چىنە زەھەرچىلىك قۇۋۋىتى يوق ،
    كەيخىسراۋ ئاشۇنداق ئەر ئىكەن ئەجەپ.
    پەرھاتنىڭ ئاشىقلىقى شىرىن ئۈچۈن ،
    ئۆلۈمنىڭ باغرىدىنمۇ تۇرار كۆكلەپ.
     

    بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ يىغلىغىنىمچە دەريا-دەريا تىۋىنىشلىرىمنى،سېغىنىشلىرىمنىمىھرىڭ بىلەن قوشۇپ ئاقتۇردۇم .بىر ئۆرلەپ،بىر لەيلەپ ئېقىپ كىتىۋاتقان ساندۇقتىكىقۇلۇپنى،زۆھرەنىڭ توققۇز تال كىرپىكى بىلەن ئاۋايلاپ ئاچتىم .تاھىرنىڭ قولىدىكىزەنجىرنى قىسمەت شەمشىرىدە زەرب بىلەن كىسىۋىدىم،
    چاقماق چاقتى!!!
    شاھىيئابباسنىڭ قولىدا يىرتىلغان پۈتۈك، ئىشىق يولىغا تىكەن بولۇپ چېچىلدى .تاغمەلىكىسىگە ئەل بولمىغان غېرىپنىڭ،ئابدۇللا شاتىرنى سۈيەلمىگەن سەنەمنىڭ ۋىسالىئۈچۈن ئۆلمەس ناخشىلار تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى:



    قابا پەلەكنىڭ دەردىدىن،يۈرەكىمدە داغلار قالدى،
    بۇلبۇلنى ئايرىدى گۈلدىن،نە-نە قاشلىق باغلار قالدى...



    .....رابىيەنىڭ شىۋىرغاندا يەلپۈنۈپ تۇرغان رومىلى،زامان رەنجىدىنئىزىلگەن يۈرىكى،ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يالماپ كەتكەن سۇنىڭ شاۋقۇنى ۋۇجۇدۇمدىكىپىراق كۈلپىتىنى ئۇلغايتىۋەتتى.سەئىدىننىڭ ئاھۇ-زارى ئۈچۈن ئۆزۈمگە نىمىلەرنىدۇرشىۋىرلىغاچ دەرىزەمنى ئاۋايلاپ ئاچتىم ....پەسكە قاراۋىتىپ قىياداكى رابىيە،راۋاقتاپەرياد چىكىۋاتقان سەنەم يەنە خىيالىمدىن كەچتى...
    سېنىڭ تۇرقۇڭنى كېچەقاراڭغۇلىقىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ يۈرىكىمگە سىڭدۈردۈم .سېغىنىشلىرىمنى ،يالغۇزلۇقۇمنىساڭىلا مەنسۇپ بارلىقىمنى ،قەدرىمنى ئالقىنىڭغا تاشلىدىم .گۈل كەشتىلەنگەنقولياغلىقنىڭ رەڭگى ئۇچاڭدىكى كىيىمىڭنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئىدى...
    ھازىرقىئۆيلەرنىىڭ ئۆگزىسى يا تۈڭلىكى يوق لېكىن،ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتلىك يۈرىكىھەممىلا زاماندا بولىدۇ جېنىم...! مەن شۇنداق پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم .ئۆزۇمنىرابىيەدىن قەھىرلىك،سەنەمدىن مىھىرلىك ھېس قىلالىدىم .چۈنكى مەن سۈيۈلدۈم،قىسمەتلىرىمىزدەك سىھىرلىك بىر رىئاللىققا كۆمۈلدۈم!


     

    -1 باپ


    توققۇز ياشلىقغار

    تىزىغا باش قويۇپ ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنىڭيۈزلىرىگە نۇر تۆكۈپ ئولتۇرغان ئانا ،خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىدى يۇ كەڭ ئىتەكلىرىنى يۈرەك پارىسىنىڭ يالىڭاچ بەدەنىگە يايدى،ئۇنىقانماي-قانماي پۇرىدى.مۇشۇنداق يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىغا توققۇز سائەت بولغانبولسىمۇ،ئوغلىنى ئويغۇتىىشنى،ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى سۇنىۋىلىشنى،ئۇيقۇدىن،يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى بىردەم بولسىمۇ يۇمۇۋىلىشنى ئويلاپ باقمىدى!


    زەھەردىن بىر قوشۇق ھەسەل ئايرىغان ،
    ئۆمرىنىڭ قەددىنى گۈلدەك قايرىغان.
    ھىجران دەشتىگە سۇدەك يامرىغان ،
    رىيازەت گۈلخانىنىڭ سۇلتانى ئۆزۈڭ!
    -
    ئەي پەلەك،كىملەر ئۈچۈن يۇم-يۇمدۇر كۆزۈڭ؟



    تۈڭلىكتىن چۈشكەن كۈن نۇركۆزلىرىنى چېقىۋىدى،بالا ئويغاندى .ئۇ ئانىسىنىڭ گۈللۈك ئىتەكلىرىدە،مۇھەببەتكە لىقتولغان قۇچاقلىرىدا بىردەم ئېغىنىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى:
    -
    ئانا،بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا،دەريادا سۇ با ،بېلىق يوق؛باغدا گۈل با،بۇلبۇل يوق؛ تاغدائاسمان با،بۇلۇت يوق؛ئاي با ،كۈن يوق چاغدا بىر ئادەمنىڭ مىنىدىغان بىرلام ئېشىكىباكىن،ئاسماندا يۇلتۇزى يوقكىن...
    ئۇنىڭ يۈزىگە تۆكىلىۋاتقان نۇردىن، دىلىغا سېلىنىۋاتقان ھىكمەتلەردىن پارە-پارە بولىۋاتقان ئانا ،شۇنداق تىزلا يۇلقۇنۇپ تالاغا ئوقتەك يۈگۈرگەن ئوغلىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى.



    ئاپتاپتەك يالىڭاچ،قالغاچتەكمەسۇم ،
    توپىلىق يوللاردا ئوماق بىر بالا.
    پۇتىغا سانجىلغان تىكەننى يۇلۇپ،
    خىرامان يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ يانا.

    بوسۇغىدا ئولتۇرغانبوۋاي-مومايلار،
    كۈلۈشۈپ ئۇنىڭغا بىرىشەر دۇئا.
    ئۇياتچان يوللارنىىڭيۇمۇلۇپ كۆزى
    جىگدە چىچەكلىرىمۇ تۆكۈلدى ئاستا.

    كۆلدىن گۈل سۈزگىلىچىققان قىزلارنىڭ ،
    بالىغا قاراپلا قىززىدى تېنى.....
    خوشنىسى كەينىدىنتوۋلىدى قوغلاپ:
    «ھوي،بەڭباش بىر سۆيۈپ قويغىنە مېنى»!

     

    ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە مەھەللىدىن توققۇز چاقىرىم كىلىدىغان بۈككىدە ئرمانلىققابېرىۋىدى،قۇشلار ۋىچىرلاپ كەتتى:
    -
    كەل، ئوغۇلچاق ! سېنى بەك سېغىنىپ كەتتۇق...بىز بىلەن مۇڭداشقىن،يا بولمىسا بوينۇڭدىكى تاشنى بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىپ قوي،ئۇبىزگە گۈزەللىكنىڭ پاراغىتىنى سۆزلەپ بەرسۇن.
    -
    ياق،بەرمەيمەن....
    بالاشۇنداق دېگىنىچە،كۈلكىسىنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ ئورمانلىقتىن ئۇزىدى .بىر ھازا ئۇنىڭغائەگەشكەن قۇشلار قاناتلىرىنى يىنىك سىلكىپ ئارقىغا قايتتى...بالا ئورمانلىقتىنتوققۇز چاقىرىم يىراقلىقتىكى دەريا بويىغا كەلگەندە يۇمران تىرىلىرىقىزىرىپ،كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن ئىدى.



    قىززىق قۇم ئۈستىدە يالاڭئاياق پۇت،
    شامالنىڭمۇ يالىڭاچ بولغۇسى كەلدى.
    بېلىقلار بېشىنى چىقىرىپ سۇدىن،
    پىلتىڭلاپ ئۇنىڭغا تاتلىق سۆز بەردى:

    «-بېلىقسەن سۇدىمۇ ،يەردىمۇئوخشاش،
    ئەجەپمۇ خىسلەتلىك ئىكەن تەبىئەت.
    كۆرەيلى سەن تۇرغان ئىسسىقماكاننى ،
    بىزنىمۇ ئۆزۈڭگە قوشۇپ ئېلىپ كەت!»

    ئۆزىنى دەرياغا تاشلىدىبالا ،
    توققۇز بېلىق ئۇنى ئارىغا ئالدى.
    نۇربەردى سۇلارغا بوينىدىكىتاش،
    سۇلارنىڭ شاۋقۇنى پەلەكتە قالدى...



    بالا قىرغاققا چىقىپ ،قىززىققۇمغا باغرىنى يېقىپ ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ بەردى:



    سەن بېلىق،مەن بېلىق،
    ئىشتىنى يىرتىق.
    سەنمۇ تاش ،مەنمۇ تاش،
    بولايلى ئاداش!



    سۇلار،قۇملار،شاماللار،بېلىقلار ...تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈشتى.بالائەمدى،دەريا بويىدىن توققۇز چاقىرىم كىلىدىغان غارغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپكەتتى.......

     

     

    ئىككىنچى باب
    توققۇز كوكۇلىلىق قىز        




    ئەلقىسسە،ئوغۇل توققۇز تاملىق غار ئىچىدە ئۇخلاپ قالدى.ئوغۇلنىڭ توققۇز قەدىمىدىن توققۇز پارچەبولغان تاش ئۇنىڭغا ياستۇق بولدى.ئۇ ئانىسىنىڭ ئېتەكلىرىگە ئوخشاتقان تاش يوتقاندائېغىناپ-ئېغىناپ ئۇخلاۋاتقاندا،مۇقەددەس ئانا ھىدىدىن ئۇچۇپ كەلگەن توققۇز پەرىشتەئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇراتتى.ئۇ خىرامان ئۇيقۇدا ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە،توققۇز پەردىلىكبىر ھوجىرىغا يەتتى        ......



    مۇھەببەت قوياشىدىن تاڭدەك يورىغان،
    ۋىسالدەملىرىدىن جان بوپ تامچىغان،
    ھەۋۋانىڭ جىسمىغا نۇردەك ساقىغان،
    پەرزەنىتيىغىسىنىڭ بۇلاقى سەن-سەن،
    ئادەم تۇلپارىنىڭ تۇياقى سەن-سەن...

       

    تاغلارنىڭ گۈلدۇرلىشى،زىمىننىڭ تەۋرىنىشى،پەلەكنىڭ پەريادىدىن ئوغۇلنىڭۋۇجۇدى توققۇز قېتىم تولغاندى.ئۇ قىرقىراپ يىغلىدى.شەيتاننىڭ پىتنىسىدىنئەمەس،جېنىدىن يەنە بىر جاننى ئاپىرىدە قىلىش تاجىنى بېشىغا تاقىغان ئانىنىڭمېھىرلىك ئۇھ تارتىشىدىن ئۇنىڭ تۇنجى سەزگۈسى لەرزىگە كەلدى   ......



    توققۇزپەرىشتە بىر تامچە سۈتكە ئايلىنىپ ئوغولنىڭ لىۋىگە تامچىدى.بۇلبۇلنىڭ سەھەردىكىقېنى بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلغاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. مىڭلىغان رىۋايەت جېنىغا قوشۇلدى.ئانا ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىنىيېرىپ،قان تامچىپ تۇرغان ،پەلەك رىيازەتلىرىدىن ئۇيۇل بولغان بىر پارچە تاشنى ئېلىپ ئوغۇلنىڭ بوينىغا ئاستى:



    -ئەلمىساقتا ،ئادەمگە ھەۋۋا جۈپ بولغان جەننەتباغلىرىدا شەيتانمۇ بار ئىدى.قابىل بىلەن ھابىل قۇچاقلىشىۋاتقاندا ،بىر قاغادەرەختە ئولتۇراتتى. توققۇز ئېقىن بىر دېڭىز بولۇپ ئۆركەشلەۋاتقاندا بىر نامەرتنىڭ ئوقى  پەلەك گەردىشىدە  ئەگىپ يۈرەتتى،شۇڭا سەن تۇمارىڭنى ئېسىشنى ئۇنۇتما،بالام!.......



    قىپيالىڭاچ پېتى يۈگۈرگەن ئوغۇلنى تۇتۇشقائۈلگۈرمىگەن ئانا،يۈلتۇزدەك ئۇچۇپ كۆككە قادالدى.ئۇ كۆز ياشلىرىنى زىيا قىلىپبالىنىڭ تىنىگە سەپتى.

     

    سۇلاردەك يالىڭاچ،زىمىندەك يالغۇز،
    تۇمارغائېسىلىپ كۈلەر بىر بالا.
    تىكەننى يۇلىدۇ كىرپىكى بىلەن،
    زۆھرە يۇلتۇزىغائايلانغان ئانا.

    بوۋاينىڭ ساقىلى،موماينىڭ چېچى،
    ئانىنىڭ ئالقىنىدەكبەرمەكتە دۇئا.
    ئۇياتچان يوللاردا قىزارغان چېچەك،
    يۆگىشەر ئوغولنىڭپاچاقلىرىغا.

    توققۇز قىز ئىچىدە بىر ياۋا گۈل بار،
    ئۇيات دەپ ئىتەكلەرئىچىدە قالغان.
    دەريا بويلىرىدىن ئۈزۈپ پىچاننى،
    بېشىغا توققۇز تال كوكۇلاسالغان.

     

    بالا ئورمانلىقتا قۇشلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا،مەجنۇنتال بوينىدابىر تومۇچۇق توققۇز تال كوكۇلىسىنى ئوينىغىنىچە كۈلىۋاتاتتى.
    قۇشلار قوغلاشتىنھېرىپ،سوزۇلۇپ ياتقاندا ئۇ ناخشىسىنى باشلىدى:



    قوغلاپ قويساڭ ئۇبالا،
    يانلىرىڭغا كېلەمتى؟...
    يۈرەكتاشنى-تۇمارنى،
    سورىغانغىلابېرەمتى؟!...

    بىلىقلارنىڭ دوستى ئۇ،
    چۈنكى سۇدەك يالىڭاچ.
    يار بولۇشقامۇناسىپ،
    پەقەت مەندەك قاراقاش...


    غار ئىچىدە قۇياش ئۇ،

    ئاسماندىكى قوياشتەك.
    ئەمدى چىقسا  ئاڭلاڭلار،
    مەن قاچارمەنكېيىكتەك.......

      

    قۇشلار نالە-زار قىلىشتى. تومۇچۇق غار ئېغىزىدىكى تاش ئۈستىگەچىقىپ بىر سىلكىنىپلايالاڭئاياق،بەڭباش توققۇز كوكۇلىلىق قىزغا ئايلاندى. ،سۇلار،قۇملار،شاماللار،بىلىقلارغا ئەگىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى  ................

     

     

    3ـ باپ

    يەتتىنجى كېچە

     

     

    قىزنىڭ كوكۇلىسى توققۇز دەريانىڭئېقىنىدەك،توققۇز يۇلتۇزنىڭ نۇرىدەك،توققۇز بۇلاقنىڭ يىغىسىدەك ئەتراپقا تارالغاندا،ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى...
    ھازىر غارنىڭ ئەتراپىدا توققۇز تۈپخورما،توققۇز تۈپ ئالما،توققۇز تۈپ گىلاس،توققۇز تۈپ ئۈرۈك،توققۇز تۈپتوغاچ،توققۇزتۈپ چىلان،توققۇز تۈپ شاپتۇل،توققۇز تۈپ ئانار،توققۇز تۈپ زەيتۇنكۆچىتى قويۇلغان بىر باغ بار ئىدى.
    قىزنىڭ كوكۇلىلىرنىڭ ئورنىغا ھالرەڭ چىچەكئالماشقان،يىلىم ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان قوڭۇر چاچلىرى تاپىنىغا تاقاشقان ئىدى .ئۇنىڭيالاڭئاياق پۇتلىرىنى قۇملار،سۇلار،بېلىقلار،شاماللار بىلىندۈرمەي سۈيۈۋىلىپۋىلىق-ۋىلىق كۈلىشەتتى:
    ـ ھەي،مەلىكە ! بىز بىلەن بىر مۇڭداشقىنە،ئۇنىسېغىندىڭمۇ؟
    قىز قىزىل گۈلدەك قىزىرىپ يىراقلارغا كۆز تىكتى...



    بۇلبۇلۇم كۆزۈمدە باغرىڭدىكى قان ،
    سېنى دەپ كۆيىدۇ تېنىمدىكى جان.
    بىلىمەنئەزىزىم،تۇيىدۇ كۆڭلۈم ،
    مۈشكىلات ئاياغىڭدا بولۇر زەپىران.

     

     بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىۋىدى سۇلار غۇنچىلىدى،بېلىقلارنىڭ كۆزىچەكچەيدى.قۇملارنىڭ تېنى يۇيۇلۇپ،شاماللارنىڭ كۆينىكى نەمدەلدى .پەقەت ،ئەتراپتىكىقورام تاشلارلا ئىچىدىكى تىترەكنى بىلىندۈرمەي ،جىم تۇرۇشاتتى .قىز غار ئىچىگەكىرىپ تاش سۇپىغا ئۆزىنى تاشلىدى...



    ـ جان پارەم ،يىغلىما بولدى...مەنمېھرىم بىلەن ساڭا ئەقىدە-ئخلاسنىڭ قۇدرىتىنى،دەرت-ئەلەمنىڭ ھىممىتىنىتونۇتقان،ئايىقىڭدىكى تىكەنلەرنى يۈرىكىم بىلەن يۇلۇپ قۇرۇتقان...چىدىغىن،بىزمۇسېنى كۈتىۋاتىمىز...دۇئا لىرىمنىڭ بەركىتى پىشانەڭگە نۇر بولغاي قىزىم!
     ئانا...
    قىزنىڭ يىغىدىن ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى.ئۇ دادىسىنىڭ قەھىرلىك ھەممېھىرلىك كۆزلىرىنى،ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئۆزىگە ئەگىشىپلا يۈرىدىغان ئوماقئاسلىنىنى خىيال قىلدى...
    ـ مەلىكەم ،يەنە يىغلاۋاتامسەن ؟
    قىز بۇ ئاۋازدىنيىنىك سىلكىنىپ ياشلىرىنى سۈرتتى...يىگىتنىڭ يولغا چىقىش ئالدىدا دىگەنلىرىنىتەكرارـ تەكرار خىيال قىلدى:
    ـ سەن ئىشىق دۈشمەنلىرىگە زۇلۇم ،مېنىڭ ئۈمىدنۇرۇم !سەن جان مۈلكىمنىڭ ھەقدارى،مەن ھاياتىڭنىڭ پايانى...مەلىكەم ،مېنى ئەسىرقىلغان كۈلكىللىرىڭ ،بەرداشلىقىڭ بىلەن مېنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇر... .توققۇزچۆل،توققۇز تاغ،توققۇز دېڭىز نىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تىلسىمدا توققۇز تال ئوقيا بار .مەنئۇنى ئېلىپ كىلىپ باشلىرىڭغا تاج قىلىمەن .شۇ چاغدا،بوينۇمدىكى تاشنى سېنىڭقەددىڭدە بەختىمىزدەك ھۆر قىلىمەن...
    قىز كۆزلىرىنى بوش يۇمۇپ ئۆز-ئۆزىگە كۈلۈپ قويدى.
    ..........يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى!
    ئۇ غار ئىچىدىن چىققاندا،شۇنداقتۇيۇقسىز دەھشەتلىك بىر چاقماق چاقتىكى ،قارا قۇيۇن پەيدا بولۇپ قىزنى باغ ئىچىدىكىبىر تۈپ دەرەخكە بەنت قىلىپ قويدى .ئەمدىلا ئۇيقىدىن ئويغانغان قۇشلارپەيلىرىنىتوزۇتتى،قۇملار بىردىن ـ بىردىن كۆيۈپ كۈل بولدى .سۇلار قانغا،بېلىقلار ئۇستىخانغائايلاندى!!!
    ـ ھاھ...ھاھ..ھاھ...قېنى ئۇ شاھزادە،قېنى ئۇ مەلىكە ؟ ئۇ قايتىپكەلگىنىدە ۋەيران بولغان جەننىتىنى،خاراپ بولغان باغلىرىنى كۆرسۇن ... ناۋادا،ئۇسۆيگەن قىزى بەنت قىلىنغان دەرەخنى توققۇز قەدەمدە تاپالىسا،توققۇز قېتىم قىلىچئۇرۇپ چاپالىسا سېھىر يىشىلىدۇ .لېكىن،ئۇ،دەريادىكى قاننى سۈزۈلدۈرۈشكە،بېلىقلارنىئۈزدۈرۈپ،قۇشلارنىڭ زۇۋانىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس...ھاھ...ھاھ...ھاھ....

    ئەلقىسسە ،مانا مۇشۇنداق بىر زەئىپ كۈلكىگە،گۈزەللىكھەم ساداقەتنىڭ جاھالىتىگە پەقەت،پارە-پارە بولغان قورام تاشلارلا گۇۋاھ بولۇپقالدى....

     

    تۆتىنچى باب
     مۈشكۈلات بىشارىتى ۋە ئىشىقنىڭ ئىشارىتى



    يالىڭاچ ئوغول دۇنيانىڭ كۈن-كۈنلەپ قىزىرىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆبجۈپ تۇرغان مەيدە،بىلەك مۇسكۇللىرىغا ئونسەككىز باھارنىڭ قارلىغاچلىرى ئۇۋا سالغان،بويى تاش ئۆڭكۈر ئالدىدا بىنا قىلغانتوققۇز خىل مىۋىلىك باغنىڭ دەرەخلىرى بىلەن قاتارلاشقان ئىدى .كۆزلىرىدە ئوت يېلىنجاپ تۇراتتى.ئاستىدىكى چىنتۆمۈردىن قالغان ئارغىماق ھەر قېتىملىق كىشىنىشدە ئۇنىڭ ۋايىغا يەتكەن يىگىتلىكىگەئاپىرىن ئېيتاتتى.بەلبىغىدىكى خەنجەر نامەرت-خۇمسىلارنىڭ نەيرەڭلىرىگە بەتلەنگەنئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ بىسىدا قىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئالغانۋەدىسى يالتىرايتتى:
    -
    ئەركەكلىك -مەردلىك-مەردانىلىق دىمەكتۇر!مېنىڭمۇھەببىتىمنىڭ بەلگىسى بولغان بۇ خەنجەر جېنىڭغا جان بولسۇنكى، دۇشمەنلىرىڭ ئۇنىڭقەھرىدە يەر بىلەن يەكسان بولسۇن!!!.......

    بەلباغدا خەنجەرسەن مېنى سۆيگەنيار،
    بوينۇمدا ساڭىلا ئاتالغان تۇمار.
    باغرىمدا ئىرىسەڭ قىلدەكتولغۇنۇپ،
    تۇلپارنىڭ ئىزىدا رەقىبلىرىم خار.

    كۆكتىكى زۆھرەنىڭ تۆكۈلسەيېشى،
    لەرزىدە ئېگىلەر زىمىننىڭ بېشى.
    ئەركەكنىڭ مىھرىگە بۆلەنگەنچاغدا،
    تېرىقتەك چېچىلار پەلەكنىڭ تېشى.

    بالاغەت پەللىسىدىكى نەۋقىرانچۈشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.ئارغىماق غەزەپ بىلەن يەر تىپىپ كىشىنىدى.ئۇ چۈشىدە گۇگۇمپەيتىدىكى سامادا ئەگىپ يۈرگەن قارا بۇلۇتلارنى،يىراق جاڭگالدا مەشرەپ سېلىۋاتقانھوۋقۇشلارنى كۆرۈپ قالغان ئىدى... يىگىت بوينىدىكى يۈرەكتاشنى چىڭ سىقتى،ئۇنىڭ كۆزئالدىدا باياۋاندىكى پادا توپىغا ئۆزىنى يوشۇرۇپ لەيلىنىڭ جامالىنى بىر مەرتەكۆرۈشكە ئامال ئىزدەۋاتقان مەجنۇن،دەرياغا تاشلانغان ساندۇق ئىچىدە بىھۇش بولغانتاھىر،ئۆز تەقەززاسى بىلەن بىر تامچە قانغا ئايلىنىپ گۈلنىڭ لىۋىگە ساقىغانبۇلبۇل،شېرىننىڭ ۋىسالى ئۈچۈن بازغان بولۇپ تاغقا ئۇرۇلىۋاتقان پەرھاد،سەنەمگەبەرگەن ئىشقى ئۈچۈن پالاندى بولغان غېرىپ،زەينەپنى سۆيگىنى ئۈچۈن شور دەريا بىلەنزەنجىرلەنگەن كاككۇك......تاڭ پەيتىدە ئۇپۇقىنىڭ قان-يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ناخشائېيتىشقا باشلىدى.

    دەردى يوقنى كىسەك دەيمىشلەر،
    ئىشقى يوقنى ئىشەكدەيمىشلەر.
    ئارغىماقنىڭ ئۈستىدە ئاشىق،
    بەلبىغىدا مىڭبىركەچمىشلەر.

    ئايدەك يالغۇز قوڭۇر چاچلىق قىز

    تىلسىملاندى قارازەنجىرگە.
    نەرە تارتىپ كېلەر بىر يىگىت،
    تىترىكىنى تارىتىپيەرگە.

    توققۇز يىللىق ھېجرۇ بالەر   ،
    توققۇز قەدەم تۇرار نېرىدا.

    نامەرتلەرنىڭ پۈكۈلدى تىزى
    توققۇز تال كوكولا ئاتقانسالغىدا.

    ئەلقىسسە،يىگىت ئاتنىڭ ئۈسىتىگە قوندى.ئارغىماق قارا بوراندەكئاياقلىرى بىلەن ئۇنى ئېلىپ دەريالارنى كېچىشكە،ئۇسىتخانغا ئايلانغان بىلىقلارغامەشۇقنىڭ كۆڭلىدەك سۈزۈلگەن سۇ بېرىشكە،قۇش تىللىرىغا بەنىت قىلىنغان سىھىرنىڭزۇۋانىنى بىلىشكە ماڭدى.كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان قۇملار شاماللارغا قوشۇلۇپ،نېمىلەرنىدۇر شېۋىرلىغاچ يىراقلاردا قالدى...


    -5باپ


    ئاھۇنىڭ يۈرىكى

    قىزنىڭپارە-پارە بولغان يۈرىكى ،ۋۇجۇدىدىكى ئىشەنچ ھەم كۈتۈشنىڭ قىيامى بىلەن يۇغۇرلۇپباغدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقىنى رەسىدە قىلدى .سۇسىز،قۇمسىز سىلكىنىۋاتقانتۇپراققا قاراپ مىۋىلىرىنى تۆكمە قىلدى...قۇشلارنىڭ توزىغان پەيلىرى،قۇرىغان بېلىقسۆڭەكلىرى ئاسمانغا يېيىلىپ تۇرغان كۆكۈش تۇمانغا ،يامغۇر بولۇپ ياغالمايۋاتقانبۇلۇتلارغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى....
    ئاللاھنىڭ قۇدرىتى،تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋەچىنسۆيگۈنىڭ ھىممىتى بىلەن قاخشال بولمايۋاتقان باغقا قاراپ سېغىزخاننىڭشاراقلاشلىرى،ھۇقۇشلارنىڭ سۈرەنلىرىمۇ بېسىقىپ قېلىۋاتاتتى.
    سىھىر زۇلمىتىگەباغلىنىپ تۇرۇپمۇ كۆيىۋاتقان قىز،توققۇز دوزاقنىڭ ئوتىنى،جەننەتۇل رىزۋاننىڭ توققۇزقۇلۇپىنى كۆڭۈل كۆزىدە كۆرۈپ تۇراتتى:

    ساراسىم گۈللىرى سۇنسا،تىكەنلەر گۈلۋە يا غۇنچە ،
    تىكەننى شورىغان قاننىڭ ھوزۇرىغا كۆڭۈل كۆنسە.

    ئىشىقدەردىنى باغ بىلدىم،سېنىڭ قەددىڭنى تاغ بىلدىم،
    تېغىمدا ھوۋلىدى بۆرەم كېچەمنىڭرەڭگىمۇ ئۆڭسە.

    دىلى خەستە ،يولى دەشتتە كۆيۈپ يۈرگەنلەر ئايلانسۇن ،
    بۇئوتنىڭ زەۋقىگە ئاللاھ يەنە بىر ئوتنىمۇ كۆمسە.

    ئىزىڭغا سالغىنىم ئىسرىقھىدىم سىڭگەندۇ جىسمىڭغا ،
    مېنىڭ ياشىمدا چاي دەملەي،سېنىڭ ياشىڭغا جان چۆمسە.

    قەسەم ئەيلەي مېنى سۆيگەن جاھاندىن كەڭرى باغرىڭدا ،
    قولۇمنىتۇت،گۈرۈستانىم شېخىغا بىر باھار ئۈنسە...

    قىزنىڭ پىراقىدىن ئۆرلەۋاتقان ئوتكۈندۈز ئاسمىنىغا ئاپتاپ،تۈن قوۋۇقلىرىغا يۇلتۇز بولۇپ چېچىلىۋەردى!!! ئۇ يىگىتىنىڭتوققۇز تاغنىڭ بەستىنى،توققۇز ئېقىننىڭ دەردىنى،توققۇز باھادىرنىڭ ئەجرىنى يۈدۈپيۈرەلەيدىغان مەردانىلىقىنى خىيال قىلغاچ نالە ئەيلىدى:

    «ئەزىزىم،تارتقان جەۋر –جاپالىرىڭنىڭ سەۋرىسى،يەڭگەن مۈشكىلاتلىرىڭنىڭئەركىسىمەن. كۆزلىرىڭدىكى نۇر قوزغۇنلارنىڭ قەسىدىسىنى پايخان قىلغاي .ئاياغىڭدىكىتۇپراق تاڭ لەشكەرلىرىنىڭ نەرىسىنى دەۋران قىلغاي!!! »


    بۇ نالىنىڭ تەپتىدىن دەرەخلەر تىترەشكە،ئۆز زۇۋانى بىلەنسۆزلەشكە باشلىدى:

    ـ ئەي مەلىكە! ئۇنىڭ ھوۋلاشلىرىنى ،ئات تۇيۇقىنىڭدۈپۈرلەشلىرىنى
    يىلتىزىمنىڭ جۇغۇلدىشىدىن سەزگەندەك بولىۋاتىمەن . پەريادىڭنىئۆچۈر،ياشلىرىڭنى سۈرتىۋەت....ئۇ كىلىۋاتىدۇ،جادۇگەرنىڭ جېنىنى ئېلىشقا،سەن بەنتقىلىنغان سىھىر تىلسىمىنى تېپىشقا كىلىۋاتىدۇ.
    قىز لەۋلىرىنىيوپۇرماقتەك،بارماقلىرىنى يۇمران شاختەك ئاستا مىدىرلاتتى:

    سېنى سۆيگەچكەبەرنا مەن ،
    سېنى كۈتكەچكە غەۋغا مەن.
    ناداندىن رەنجىشىم يوقتۇر،
    ئېتىڭغا كەڭرى سەينا مەن.


    بىلىڭگە باغلىغان بەلۋاغ ،
    چىگىلگەنئۆز قولۇمدا جان.
    پىچاقىڭغا غىلاپتۇرمەن ،
    كۆزۈمدە ياشلىرىمدۇر قان.

    يولۇڭدا بەختىمىز ئوقيا ،
    ئامان بولغىن،ئامان بولغىن.
    كىلىپباغرىڭغا باس ئەمدى ،
    يۈرەكىمگە ئارام بولغىن.
    قىز قىسمەتلىرىدەك چىگىلگەنچاچلىرىنى بەدىنىگە تولۇۇق يېيىپ ،قاباھەتكە زەنجىرلىنىپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنىئازراقمۇ مىدىرلاتماي،دەرەختەك تىك ھەم مەغرۇر تۇرغان پېتى ئۇيقۇغا كەتتى...قىزنىڭچۈشىدە،شۇنچىلىك تونۇش،شۇنچىلىك سۈزۈك بىر زۇمرەت كۆل پەيدا بولدى...ئۆزىسېھىرلەنگەن دەرەخ دەل ئاشۇ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى!!!

     

    ئالتىنچى باب

    فۇرقەتنىڭ كۆزيېشى

    يىگىتنىڭ قەھرىدىن،ئارغىماقنىڭ غەزىپىدىن زىمىن گۈلدۈرلەۋاتاتتى.ئۇنىڭجېنىنى كۆيدۈرۋاتقىنى سەراتاننىڭ يالقۇنى ئەمەس، بەلكى قارا پەلەكنىڭ زەنجىرىگەباغلانغان جانانىنىڭ كۈتۈشى ئىدى.چىكىسىدىن ئېقىۋاتقان قارا تەر يامغۇرغائايلىنالماۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ پەيمانىنى تولدۇردى بولغاي، ئاسمان يىغلاشقاباشلىدى.قىزنىڭ مىھرلىك نىگاھى بىلەن قاقشاللىق تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قېلىۋاتقانباغ،ئەبەدىيلىك ئابى ھاياتنىڭ بىشارىتىنى سىزىپ شاماللارنى چاقىردى.كېچىنىڭ پەيزىبىلەن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان ھوۋقۇش،ئۆز ئەجىلىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ دەھشەت بىلەنسۈرەن سالدى.

    يىگىت قۇرىغان بۇلاق بويىدا ئولتۇرۇپ بەلبېغىنى يەشتى.چاكىلداپكەتكەن لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ ،تۇلۇمىدا قالغان ئاخىرقى بىر تىمىم سۇنى كۆيگەنئۇسىتخانلار ئارىسدا جان تالىشىۋاتقان بىر بېلىجاننىڭ ئاغزىغا قۇيدى.ئۆلۈمدەھشىتىدىن قۇتۇلغان بېلىجان پىلتىڭلاپ تۇرۇپ بېشىنى يەرگە ئۇردى.
    -
    مانامەردلىك،مانا ئەركەكلىك!!.........
    بېلىجان بېشىنى ئۇرغان يەريېرىلدى.مېھىردىن،مەردلىكتىن لەرزىگە كەلگەن كىچىككىنە جان سانسىز قەتىرىگەئايلىنىپ،كۆككە ئېتىلدى،يىگىتنىڭ جېنىغا مىڭ جان قېتىلدى...

    قۇرىغان بۇلاقۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ياشلىقىغا قايىتتى.ئەجەلدىن يانغان بىلىقلار يىگىتنىڭ باغرىغائۆزىنى ئاتتى.چىھرىگە قان يۈگۈرگەن چىچەكلەر يالىڭاچ بولۇپ ئوينىشىۋاتقان سۇ،بىلىقۋە يىگىتنى كۆرۈپ تېخىمۇ قىزاردى ۋە لىچەكلىرىنى يۈزىگە تارىتتى.

    ﭼﯧﭽﯩﯖﺪﯨﻦﻳﺎﺳﺪﯨﻢ ﻗﺎﻣﭽﺎ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭ ﺩەﭖ،
    ﻣﯩﻬﯩﺮﻟﯩﻚﺗﯩﻠﻠﯩﺪﯨﻢ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﻪﻫﯩﺮﻟﯩﻚﻫﻪﻣﺮﯨﻴﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺩەﭖ.

    ﺋﯩﻤﺎﺩﺍ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﯨﻢ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻧﺎﺯﺍﻛﻪﺕ ﺳﯚﺭﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺷﻨﻰ،
    ﻫﯩﻼﻝئاﻱ ئۈﺳﺘﯩﺪە ﺗﻪﻣﺒﯘﺭ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﯜﻳﯩﮕﻪﺯﺍﺭ ﺩەﭖ.

    ﻣﯘئەﻟﻠﻪﻕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢﻛﯚﻳﯜﻛﻨﯩﯔ ﺭﯨﺸﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﺭ ﻗﯩﭗ،
    ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﯨﻢ ﺳﯘﺑﻬﺎﻥ،ﯞﯨﺴﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺩەﭖ.

    ئەﺟﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﻛﯩﻢ،ئاﻳﺎﻏﯩﻢ ئاﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﻧﺘﺎﻕ،
    ﻗﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎﻣﻤﯩﺪﻯﻗﻪﺗﺮە ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ئاﺭ ﺩەﭖ.

    ﻧﯩﺸﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﻳﺎﺭەﺏ،ﺟﯘﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻢﻫﻪﺭئاﻥ،
    ﺋﯩﺸﯩﻘﻨﯩﯔ ﺭﺍﻫﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻼﺭ ﻫﺎﻳﺎﺕ ئاﻟﯩﻤﯩﺪە ﺧﺎﺭ ﺩەﭖ.



    يىگىت بىلىقلارسۇغا تولدۇرۇپ بەرگەن تۇلۇمنى ئېلىپ ئېتىغا مىندى.ئارغىماق بېشىنىكۆتۈرۈپ،مەيدىسىگە مۇشىتلىغىنىچە قاقاقلاپ كۈلدى.بېلىقلار قىيالماسلىق بىلەن سۇدىن سەكىرىشىپ ئۇنىڭغا ئاق يول تىلىدى.



    ئەي نەۋقىران بىزلەردىن،
    مەشۇقىڭغامىڭ سالام.
    تىكەن باسقان يوللاردا،
    دۇئا بىلەن بول ئامان.

    توققۇز كۈنماڭ ئۇخلىماي،
    بىر چۆللۈككە يىتەرسەن.
    پىيى كۆيگەن قۇشلارنى،
    ئارامى جانئىتەرسەن.

    ئاچقۇچنى ئال قولۇڭغا،
    گۆشلىرىڭنى دان قىلىپ.
    جانان سېنىكۈتمەكتە،
    كۆزلىرىنى قان قىلىپ.



    يىگىت كۆزىنى يۈمۈپ قىزنى كۆردى.رۇخسارىسارغايغان گۈزەل بىھۇش ياتاتتى.لىۋى توختىماي مىدىرلاۋاتاتتى......

     

     

    -7باپ
    قىز ئويغاندى

       

    پەلەك پەريادىدىن پۇچۇلانغان تولۇنئاي ،قويۇق تۇمان ئارىسىدا ئاستاـ ئاستاھىلال بولدى .قىز كۆل ئوتتۇرىسىدىكى دەرەختە كۆكۈش نۇرغا چۇلغۇنۇپ ئېسەدەۋاتاتتى:
       

     

    ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم ،
    يېشىمنىڭ ئورنىدا قانىم.
    قېنىم دەرياغائايلانسۇن ،
    كىچىپ ئۆتكىن ئەزىز يارىم.

    چېچىمنى تار قىلاي تۈنگە،
    تونۇڭنىڭ تۈگمىسىنى يەش.
    يۈرەك باغرىم كاۋاپ بولسۇن ،
    نىسىپ بولغايماڭا ئۈنلەش.

    سەۋىردەك تاش بولۇپ قاتقان ،
    لېۋىمنى سەن توپان ئەيلە.
    توپاننىڭ زەۋقىدە ئوتسەن ،
    سېھىر زۇلمەتىنى چەيلە.



    كۆلگە ئايلانغان مېھىرلىك كۆز،كۆزگە ئايلانغان غېرىپ كۆل تەڭلا بىر چايقىلىۋىدى يىگىتلىك مەۋسۈمىدەباھارغا ،جۇنۇنلۇق چۆلىدە ناھارغا،رىيازەت تاغلىرىدا شۇڭقارغا ئايلانغان ئاشىققېسمەتلىك يوللاردىن ئات سېلىپ كەلدى .ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆرلەۋاتقان پىراققۇملارنىمۇ تاغ،تىكەنلەرنىمۇ گۈل قىلىۋاتاتتى...

    ـ ئاھ ،خۇدا!!!
    قىزئالقانلىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ ،تولغانغىنىچە ئاچچىق بىر چىرقىرىۋەتتى .ئۇنىڭنالىسىدىن ئىرىگەن يۇلتۇزلار كۆلگە سۇ بولۇپ قېتىلدى .قىز سەۋىر كۈلپىتىدىن زەرىببىلەن يۇلقۇنۇپ يىگىتىگە قاراپ ئېتىلدى .چۈنكى قىزنىڭ كۆزى ئۇنىڭ پۇتىدىكى يارائېغىزىغا چۈشكەن ئىدى ...قىز ئۇچتى! ئۇچۇۋېتىپ توققۇز يىللىق كۈتۈشىنىڭ پاراغىتىنىتوققۇز نەپەستە قۇچتى:



    سۇنۇپ شاخى سەنەم بولغان ئەلەمسىز ناتىۋانىڭمەن،
    سېنىڭ ئشقىڭغا ئەل بولغان چۆلىڭدە ئاھۇزارىڭمەن.

    ئىزىپ جانىمنىسەندەلدە ياراڭغا مەن داۋا ئەيلەي ،
    جاھان رەنجىدە يەكتاسەن غېرىپلىق دەشتىنىكۈيلەي ،

    دىلىم دەريا، تىلىم خەندان ساڭا پەيمانە بولغايمەن ،
    قولۇڭدائىزدىگەن ئوقيا بېرىپ ئوقياغا قونغايمەن.

    ئىزادىن گەر قىزارسامئاھ،قۇچاقىڭدا قىزىلگۈلمەن ،
    سېغىنغان دەملىرىم كەلسە يېشىمدا چۆرگىلەرتۈگمەن.

    قەسەمكى ئول سېنى سۆيگەن بىتاقەت باشى سەۋدادىن ،
    كۆيۈپ كۈل بولمىقى ھەقتۇر جاھانمۇ ئۇشبۇ غەۋغادىن.

      

    قىز يىگىتىنىڭ باغرىغا ئەمەس،بەلكى ئايىقىغا يامغۇردەك تۆكۈلدى .شەلۋەرەپ تۇرغان يارا ئېغىزىنى غۇنچىدەكلەۋلىرى،ئسسىق تىللىرى بىلەن شوراپ،زەھەر-زەرداپلارنى تۇپراققا ياندۇردى .يارائەتراپىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇپ- تازىلاپ ،ھالرەڭ ياغلىقىنىڭ بۇرجىكى بىلەنتاڭدى ! يىگىت توغراقتەك بەستىنى ئىگىپ ،ئوتتەك لاۋۇلدىغىنىچە پۈكۈلۈپ تۇرغان قىزنىيۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى....
    ئاتنىڭ كىشنەشلىرىدىن ،تۇيىقىنى يەرگە ئۇرۇشلىرىدىن جىمى ئەتراپ لەرزىگە كەلدى ...ئۇلۇغلۇق گەردىشىگە گۇۋاھبولىۋاتقان مىۋىلىك دەرەخلەر يىنىك سىلكىندى ....قىز قۇرۇپ چاكۇچاك بولغانلەۋلىرىنى چىشلىگىنىچەقۇياشتەك كۈلۈپ ،سەھەر شەبنىمىدەك لىغىرلاپ ئۇيقۇدىن ئويغاندى  ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.