ھاياتقا تەبىر

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-25 12:40:00

ھاياتقا تەبىر قەيسەر تۇرسۇن بىر ناخشا بار شۇنداق يېقىملىق ، ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر پەقەت . ئاڭلىغاندا ئاھ، ئۇنى تەكرار ، قوزغىلىدۇ دىلدا جاراھەت . بىر بۇلاق بار شۇنداق سۈپسۈزۈك ، ئۇنىڭ ئىسمى ...

    ھاياتقا تەبىر

    قەيسەر تۇرسۇن

     

    بىر ناخشا بار شۇنداق يېقىملىق ،

    ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر پەقەت .

    ئاڭلىغاندا ئاھ، ئۇنى تەكرار ،

    قوزغىلىدۇ دىلدا جاراھەت .

     

    بىر بۇلاق بار شۇنداق سۈپسۈزۈك ،

    ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر ھامان .

    ئەمما ئاشۇ بۇلاق تۈۋىدە ،

    قاپلاپ تۇرار دىلنى زىمىستان .

     

    بىر گۈلخان بار شۇنداق مىسلىسىز ،

    ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر يەنە .

    ئۇنى چەكسىز ئۇلغايتىپ بارار،

    يۇلتۇزى يوق قاراڭغۇ كېچە .

     

    بىر ئەينەك بار شۇنداق قاتمۇ قات ،

    ئۇنىڭ ئىسمى ھايات ئېھتىمال .

    بىزنى كۆرۈپ تۇرار ئۇ بىراق ،

    بىز ئۇنىڭغا قاراشتىن ئاۋۋال .

     

    بىر تېپىشماق بار بەكمۇ مۇرەككەپ ،

    ئۇنىڭ ئۆزى ھاياتتۇر ، دېمەك .

    تاپالمايدۇ مېنى تۈندە ھەم ،

    چۈشلىرىمگە كىرگەن كېپىنەك .

     

    تۇرمۇشۇمنىڭ دېرىزىسىدىن ،

    چۈشلىرىمگە تاشلايمەن نەزەر .

    ئۆلۈم ئۇلۇغ بولغاچقا پەقەت ،

    ھايات چەكسىز گۈزەل شۇ قەدەر .

     

    تېنىمدەكلا ئاجىز مەن بۈگۈن ،

    ھېسلىرىنى قىلىشقا ئىنكار .

    تۇرمۇش غەمكىن شىلدىرلىماقتا ،

    ئەمما ھايات شۇنداق جەڭگىۋار .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق