ئەرەب كالىندارى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 22:45:23

ئەرەب كالىندارىئادىل تۇنىيازتاڭ ئاتتى،شەھرىزاد ھىكايىسىنى توختاتتى.ئەزان ئاۋازى چايقاپ شەھەرنى،دېڭىزدا مۇنچاقتەك يۇلتۇز ئوينايتتى.قاغجىرىغان يەرلەر تېنەمدىنئېتىلىپ چىقار ئىسسىق ماي.پىكابىنى ...

    ئەرەب كالىندارى
    ئادىل تۇنىياز



    تاڭ ئاتتى،
    شەھرىزاد ھىكايىسىنى توختاتتى.
    ئەزان ئاۋازى چايقاپ شەھەرنى،
    دېڭىزدا مۇنچاقتەك يۇلتۇز ئوينايتتى.

    قاغجىرىغان يەرلەر تېنەمدىن
    ئېتىلىپ چىقار ئىسسىق ماي.
    پىكابىنى توختاتتى ئەرەب،
    يۈگۇرۇپ ئۆتكەندە كوچىدىن ئاي.

    قۇرئان بىلەن شەيتان ئارىسىدا
    بايلىق بىلەن ئايال ئارىسىدا
    قەد كۆتەرگەن جەننەتتەك شەھەر
    شەھرىزادنىڭ ھىكايىسى داۋاملاشماقتا
    دېرىزىلەردە ئۇيقۇلۇق سەھەر.

    ئەرەب كالىندارى
    سىرلىق ، ئاستا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.