بەختىم
ئەلى ئاقنىياز
ئەي يارەنلەر قوشامسىلەر مىنى قاتارغا؟
ھاياتلىقتا دوسلار بىلەن ياشىسام بەختىم
تۇنۇشتۇراي خۇي_پەيلىمنى ئاددىلا قىلىپ
مۇشۇ پەيلىمدە دوسلۇرۇمغا يارىسام بەختىم
مەن رازىمەن بىكار يۇرمەي بىكار ئىشلىسەم
ۋەتەن ئۈچۈن قارا تەرگە چۈمۈلسەم بەختىم
قالدۇرمىسام يات ئەللەردە جەسىدىمنىمۇ
ئانا يۇرتنىڭ تۇپرىغىغا كۈمۈلسەم بەختىم
ھەۋىسىم يوق باشقىلارنى پاخلان يەپتۇ دەپ
تىچ كۆڭۈلدە سۇغا چىلاپ نان يىسەم بەختىم
ھارام دەيمەن شۇ نېنىمغا تەلمۇرسە غېرىپ
مەندە قىلچە ۋايىم يوقتۇر تەڭ يىسەم بەختىم
ھەممىگە تەڭ قىلىپ يارالغان جاھان
بۇلۇۋالغۇم يوق مىنىڭ دۇنياغا خاقان
تەلىۋىم يوق چەكتىن ئاشقان مەن ئاددى ئىنسان
ئاددى دەپمۇ سانالغۇم يوق بولايمەن نادان
ئىمان، غۇرۇر، ۋىجدان بىلەن ياشىسام بەختىم
ياۋلار كىلىپ رىزقىمىزغا چاڭگال سالمىسا
بەرپا قىلغان باغلىرىمنى تارتىۋالمىسا
تارىخ بولسا دەر ھەقىقەت ،بۇرمىلانمىسا
ئەۋلادىمىز ئۇيغۇر بولسا ئۇرغۇي بولمىسا
تىنىچ ئامان جەڭ-جىدەلسىز ياشىسام بەختىم.
نەسەۋەپسىز رەنجىتكۈم يوق بىر ئىنساننىمۇ ،
ئىنسان ئەمەس ھەتتا ھىچبىر تىرىك جاننىمۇ ،
كۆرمىسەم دەيمەن تۈكۈلگەن تامچە قاننىمۇ،
چاقمىسىدى ئۆلتۈرگۈم يوق يىلان چاياننىمۇ،
مىھرى شەپقەت ۋاپا بىلەن ياشىسام بەختىم.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.