تۇغۇلغان كۈنۈم (چاچما شېئىر)

يوللىغۇچى : janabiy يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-27 16:24:00

تۇغۇلغان كۈنۈم (چاچما شېئىر) تۇغۇلغان كۈنۈم ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىمىن بىر قىز ۋە سىز- بارچە ئەللەر سورايدۇ مەندىن، تارتقاندەكلا جېنىمنى تەندىن: تۇغۇلغان كۈنىڭىز قاچان بولار- دەپ، ھەقىچان تورت ك...

    تۇغۇلغان كۈنۈم 

    (چاچما شېئىر)

       تۇغۇلغان كۈنۈم
    ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىمىن
    بىر قىز ۋە سىز
    - بارچە ئەللەر سورايدۇ مەندىن،
    تارتقاندەكلا جېنىمنى تەندىن:
    تۇغۇلغان كۈنىڭىز قاچان بولار- دەپ،
    ھەقىچان تورت كۈنۈمنىڭ غېمىنى يەپ.

     مەن تۇغۇلغان، تالاي قەرزگە بوغۇلغان.
    قەرزىم بولار قاچانمۇ ئادا!
    جېنىم تەندىن بولغاندا جۇدا.
    بىلمىدىم، ھېچنەرسىنى بىلمىدىم،
    بىرەر قېتىم شوخلاپ كۈلمىدىم.
    تېشىمدا كۈلكە ئىچىمدە ھازا،
    ئىزتىراپ بازىرىم قىزىدى تازا.

     قىلمىشىم خىيانەت، ياشىشىم جىنايەت.
    ئەل دېڭىزىنىڭ دولقۇنى بولاي،
    ئەل ئوت بولسا ئۇچقۇنى بولاي.
    ۋە لېكىن قەلبىمدە ئېقىن،
    ئاقار بۆلۈنۈپ كۈرمىڭ ئېرىققا،
    بىرسى ئاقسا جەننەتكە تامان،
    بىرسى ئاقار دوزاخقا ھامان.

    كۆزىنى قىسىپ، بۇ پەرىشان كۆڭلۈمنى چېچىپ.
    ماڭىمەن... بىر تۇيغۇدا ئوت بولۇپ يانىمەن.
    بىلمىدىم مەن ماڭدىممۇ ياكى يولۇممۇ!
    توزىدى سۈبھىدىلا غۇنچە گۈلۈلممۇ.
    بىلمىدىم بۇ... نېمىشقا!
    بىلىشكە ھەم ئامال قىلمىدىم.
    چۈنكى، قايسى بىر كۈنى بىلگىنىڭ بولسا قانچە كۆپ،
    قەرزىڭ بولار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ.
    كۆكتىكى قۇياش ئېيتقىن ماڭا!
    ئىلتىجا قىلاي ساڭا
    نېمىدۇر ياشاش؟
    كۈرمىڭ غەملەرنى قىلىشمۇ ھاپاش!
    ۋە ياكى ئۆلگىچە تاكى چۆرگىلەشمۇ بىر ئىزدىن!
    ئاشالماي قىردىن.

    بۆشۈكتىكى سەبى بالىدەك،
    جۇۋازغا قاتقان بىچارە كالىدەك!
    يۈرىمەن،
    ھەر قەدەمدە مىڭ دەرد كۆرۈمەن ،
    تۇغۇلغان كۈنۈم ماتەملىك كۈنۈم.

    تۇغۇلغان كۈنۈم ئاھ تەڭلىك كۈنۈم.
    بوغۇلدى ئۈنۈم.
    بەزىدە تۇرساممۇ ئۆزۈم تۈمەن قەرزدە،
    كۈلىمەن راسا قاقاقلاپ.
    بەزىدە ئولتۇرىمەن دەرد ئەلەمنى كۆرپە قىلىپ قاتلاپ.
    تۇغۇلدۇم، مەسلىھەت سالماي ھېچبىر كىشىگە،
    سىغماي ئانامنىڭ قورسىقى ئىچىگە،
    ئاناممۇ بەلكىم تۇغۇشتا مېنى
    قىيىنالغاندۇ بىچارە جېنى
    ۋە بەلكىم مېنىمۇ قىينىدى تولغاق،
    ھەر بىر ئازاب- دەرد يېزىشىپ باغاق.
    سۆزلىسەم كۆپ غەم، سۆزلىمىسەم ھەم،
    تىتار ئېغىزىمغا ھەسەلمۇ بېتەم.

    تۇغۇلغان كۈنۈم
    شۇنچىلا ئۈنلۈك چىققانتى ئۈنۈم،
    بۈگۈن قەلبىمدە بار مىڭلارچە تۈگۈن.
    ھايات تارتۇقى!
    كىملەرگە نېسىپ ئۇنىڭدىن ئارتۇقى؟!
    كېتەي... ئۈنسىزلا كېتەي!
    قىلماستىن غوۋغا.
    گۆرنىڭ ئېغىزىنى ئۆزۈملا ئېتەي،
    ھېچكىم بىلمىسۇن
    ۋەدىلەر ئالاي غەمسىز قۇياشتىن.
    كەتكىنىمنى ھېچكىمگە دېمىسۇن.
    كۆتۈرمىسۇن ھەم پىغانلىق يىغا.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 20:09:34]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق