سېنىڭ قاناتلىرىڭدا

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-03 18:21:54

سېنىڭ قاناتلىرىڭدا پەرىشتەيوق، سېنىڭ قاناتلىرىڭدا پەرىشتە يوق، شۇنداقتىمۇ سەن يەنىلا تەڭرىمنىڭ قۇشى. ئەمەسسەن شەيتاننىڭ ھارۋېسى، سەنسەن كۆيۈۋاتقان ئازاپنىڭ نىداسى. گۇگۇم قونغان دەرەخلەردە تەنھالى...

    سېنىڭ قاناتلىرىڭدا پەرىشتەيوق،

     

    سېنىڭ قاناتلىرىڭدا پەرىشتە يوق،

    شۇنداقتىمۇ سەن يەنىلا تەڭرىمنىڭ قۇشى.

    ئەمەسسەن شەيتاننىڭ ھارۋېسى،

    سەنسەن كۆيۈۋاتقان ئازاپنىڭ نىداسى.

    گۇگۇم قونغان دەرەخلەردە

    تەنھالىغىڭنى ئالەمگە چاچىسەن،

    كۆرۈمسىز رەڭگىڭدىن، ئاۋازىڭدىن

    ، ئەسلا - ئەسلا تانمايسەن.

    شۇقەدەر مۇڭلۇقسەن،يىتىمسەن،

    دەرت  ئۆرتىگەن خۇددى مەندەك،

    ئازاپ كېلىدىكەن قوشلاپ،

    بەخت ئۆتۈپ كېتەركەن تاقلاپ.

    سەن كۈتەرسەن بەلكىم،

    يېتىپ ئاھىم تەڭرىگە،

    بەرسە ئۇزلۇقتىن بىر مىسقال.

    مەن سورايمەن تەڭرىمدىن؛

    مېنىڭ بەختىم نىچۈن گال؟

     

    2010.11.2

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇناتسۇ