خوتەنلىك قىز

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-22 17:09:07

خوتەنلىك قىزئېتىلسا بۇتۇلاق كۆزلىرىڭدىن ئوق،يۈرىكىم نەچچە رەت تىرىلەر ئۈلۈپ.چىرمىشىپ قالسام ئاھ سۇمبۇل چېچىڭغا،قالىمەن ئەڭ شىرىن ئازاپنى سۈيۈپ.تەقدىرىم سەن، قىلدا باغلاندىم ساڭا،كۈندۇزدۇر ت...

    خوتەنلىك قىز

     

    ئېتىلسا بۇتۇلاق كۆزلىرىڭدىن ئوق،
    يۈرىكىم نەچچە رەت تىرىلەر ئۈلۈپ.
    چىرمىشىپ قالسام ئاھ سۇمبۇل چېچىڭغا،
    قالىمەن ئەڭ شىرىن ئازاپنى سۈيۈپ.


    تەقدىرىم سەن، قىلدا باغلاندىم ساڭا،
    كۈندۇزدۇر تۈنلىرىم قىيا بېقىشىڭ.
    روھىمنى تاڭلاردا چاقلاپ تۇرىدۇ،
    دوپپىلىق قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىشىك.


    ھەر باسقان قەدىمىم سەنسىز بەرباتتۇر،
    ھايات يوق، مۇھەببەت يوقتۇر جاھاندا.
    جاننى جۇت ئۇرسىمۇ ماڭا باھاردۇر،
    سەن بولساڭ تەڭ يىگەن بىر چىشلەم ناندا.


    ئاڭلىسام غۇنچىدەك لىۋىڭدىن بىر سۆز،
    دىسەڭمۇ جەڭلەرگە چاپىمەن ئاتلىق.
    قىلىچىم كۆكسىدە ياۋنىڭ يېقىلسام،
    ھۇزۇر يوق ۋەتەندە ئۇنىڭدىن تاتلىق.


    سىنى دەپ  ئۈنۈمگە ئۈن قاتار تاشمۇ،
    ئۆزگىنىڭ نازىغا ئەمدى بەل يەشمە.
    ئۆلسەممۇ مەن سەكسەن قامچاڭدا ئۆلەي،
    ئالساڭمۇ جان، سۇمبۇل چېچىڭنى كەسمە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.